خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 8-يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ھازىرغا قەدەر ئونسۇ ناھىيە تەڭرىتاغ چوڭ جىلغا ساياھەتچىلىك ئورنى، 1000 ئادەم قېتىمدىن ئارتۇق ساياھەتچىلەرنى كۈتۈۋېلىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %15 ئاشتى، ئاپتونوم رايون ئىچى-سىرتىدىن كەلگەن ساياھەتچىلەر بەس-بەستە ئونسۇ ناھىيە تەڭرىتاغ چوڭ جىلغا ساياھەتچىلىكىنىڭ قار تېيىلىش، ئات مىنىش، مەنزىرىدىن ھۇزۇرلىنىش، فوتو سۈرەتچىلىكى قاتارلىق تۈرلەردىن رازى بولغانلىقىنى، جىلغا بىلەن قار مەنزىرىسى بىر گەۋدىلەشكەن بولۇپ، ناھايىتى گۈزەل ئىكەن دېيىشتى.(ئىختىيارى مۇخبىرىمىز مۇتەللىپ ئابدۇراھمان، ئەركىن سىدىق خەۋىرى، فوتوسى)
سۈرەتتە: 1-ئاينىڭ 5-كۈنى ساياھەتچىلەر ئونسۇ ناھىيە تەڭرىتاغ چوڭ جىلغىسىدا ئات مىنمەكتە.
مۇھەررىر: تۇرغۇن ئابلىز
مەنبە: خەلق تورى