باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئوقۇش تەۋەلىكى ئۇچۇرى بولمىغان يەسلى بالىلىرى مەكتەپكە كىرەلەمدۇ؟

2015.12.28 13:34         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  بۇنىڭدىن كېيىن ئاپتونوم رايونىمىزدىكى يەسلى بالىلىرىنىڭ ئوقۇش تەۋەلىكى نومۇرى بولىدۇ. بۇ ئوقۇش تەۋەلىكى نومۇرى بالىلار تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتكۈزگىچە كۈچكە ئىگە بولىدۇ. 2016 – يىلى 15 – يانۋاردىن بۇرۇن ئاپتونوم رايونىمىز يەسلىدىكى بالىلارغا بىر تۇتاش ئوقۇش تەۋەلىكى تۇرغۇزۇپ بولىدۇ.

  ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتى بۇ يىل نويابىردا ئوقۇش تەۋەلىكىنى باشقۇرۇش خادىملىرىنى تەربىيەلىدى، بۇنىڭدىن كېيىن يەسلىلەر ئەمەلىي ئەھۋالىغا ئاساسەن بالىلارنىڭ ئوقۇش تەۋەلىكى ئۇچۇرىنى يىغىدۇ ھەم مائارىپ مىنىستىرلىقىنىڭ تەلىپى بويىچە مەملىكەتلىك يەسلى مائارىپىنى باشقۇرۇش ئۇچۇر سىستېمىسىنى بىر تۇتاش ئىشلىتىدۇ. يەسلى بالىلىرىنىڭ ئوقۇش تەۋەلىكى ئېلېكتىرونلۇق ئوقۇش تەۋەلىكى سىستېمىسىغا كىرگۈزۈلۈپ، كىملىك نومۇرى ئاساسىدا ‹‹بىر بالىغا بىر نومۇر›› بېرىلىپ، توپلانما نەتىجە مەملىكەتلىك يەسلى مائارىپى ئېلېكتىرونلۇق ئوقۇش تەۋەلىكى سىستېمىسىغا كىرگۈزۈلىدۇ. ھازىر ئاپتونوم رايونىمىز دائىرىسىدە بۇ خىزمەت پىلانلاش باسقۇچىدا تۇرماقتا.

  ئۈرۈمچى شەھەرلىك ‹‹قىزىل بايراق›› يەسلىسىدىن ئىگىلىشىمىزچە، يەسلى بالىلىرىنىڭ ئۇچۇرىنى توپلاشتا كىملىك نومۇرى، يەسلىگە كىرگەن ۋاقتى، تۇغۇلغان جايى، ئائىلە ئەزالىرى، ھازىرقى تۇرۇشلۇق جايى، نوپۇسقا ئېلىنغان جاي قاتارلىق 40 نەچچە تۈرلۈك ئاساسىي ئۇچۇر تولدۇرۇلىدىكەن. ھازىرغىچە ‹‹قىزىل بايراق›› يەسلىسىدىكى%50تىن كۆپرەك بالىنىڭ ئۇچۇرى توپلىنىپ بولغان. ئەگەر يەسلىدە ئوقۇغان مەزگىلىدە بالىنىڭ نوپۇس ئۇچۇرىدا ئۆزگىرىش بولسا، ئاتا – ئانىسى مۇناسىۋەتلىك ماتېرىياللارنى ئېلىپ بالىسى ئوقۇۋاتقان يەسلىگە بېرىپ ئوقۇش تەۋەلىكى ئۇچۇرىنى ئۆزگەرتىش رەسمىيىتىنى بېجىرسە بولىدىكەن.

  يەسلىدە تولدۇرۇلغان ئوقۇش تەۋەلىك ئۇچۇرى، باشلانغۇچ مەكتەپ ۋە ئوتتۇرا مەكتەپلەردىمۇ ئىشلىتىلىدۇ. يەنى، بالىلار يەسلىدىن باشلانغۇچ مەكتەپكە كىرگەندە ئوقۇش تەۋەلىكى ئاپتوماتىك ھالدا يەسلىدىن باشلانغۇچ مەكتەپكە يۆتكىلىدۇ، ئەگەر بالا يەسلىدە ئوقۇغان مەزگىلدە يەسلى ئالماشقان بولسا، ئاتا – ئانىسى ئەسلىدە ئوقۇغان يەسلىسىدىن ئوقۇش تەۋەلىكىنى يۆتكەش ئىسپاتى ۋە رەسمىيىتىنى بېجىرسە، ئوقۇش تەۋەلىكى نومۇرى بالا بىلەن بىللە يۆتكىلىدۇ.

  ئۇنداقتا ئوقۇش تەۋەلىكى ئۇچۇرىنى توپلاش خىزمىتى باشلانغان پەيتتە مۇقىم ئوقۇش تەۋەلىكى بولمىغان بالىلار مەكتەپكە كىرەلەمدۇ؟ ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتىدىن ئۇقۇشىمىزچە، ئاتا – ئانىلار بۇنىڭدىن ئەنسىرىمىسىمۇ بولىدىكەن. يەنى، ئوقۇش يېشىغا توشۇپ مۇنتىزىم يەسلى تەربىيەسى ئالمىغان بالىلارمۇ داۋاملىق مەجبۇرىيەت مائارىپىدىن بەھرىمەن بولالايدىكەن. مۇناسىۋەتلىك قانۇن – بەلگىلىمىلەردە: ‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى تەۋەلىكىدىكى ئوقۇش يېشىدىكى بالىلار جىنس، مىللەت، ئىرق، ئائىلىسىنىڭ مال – مۈلۈك ئەھۋالى، دىنىي ئېتىقاد ئەھۋالى قاتارلىقلارغا ئايرىلماي، قانۇن بويىچە مەجبۇرىيەت مائارىپىدىن باراۋەر بەھرىمەن بولۇش ھوقۇقىغا ئىگە›› دەپ ئېنىق بەلگىلەنگەن. شۇڭا، ئاتا – ئانىلار يەسلىلەرنىڭ مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارنى توپلاش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىشىگە پائال ماسلىشىشى كېرەك.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر