باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>2016-يىللىق شىنجاڭدىكى ئىككى يىغىن

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 12 - نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 4- يىغىنى بۈگۈن ئېچىلدى

2016.01.11 16:07         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 11-يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 12 - نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 4 - يىغىنى 11 –يانۋار باشلاندى، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى 11-يانۋاردىن 16-يانۋارغىچە ئۈرۈمچىدە يىغىلىپ، بىرلىكتە« 13 - بەش يىللىق» پىلان ۋە ئىسلاھات، تەرەققىياتقا دائىر ئۇلۇغۋار پىلانلارنى كېڭىشىدۇ.

  بۇ قېتىمقى يىغىندا ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ خىزمەت دوكلاتى ئاڭلاپ ۋە قاراپ چىقىلىدۇ؛ ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىياتىنىڭ 13 - بەش يىللىق پىلان پروگرامما لايىھىسى تەكشۈرىلىدۇ؛ 2015 - يىلى ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات پىلانىنىڭ ئىجرا قىلىنىش ئەھۋالى ۋە 2016 - يىللىق ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات پىلانى لايىھىسى توغرىسىدىكى دوكلاتى تەكشۈرىلىدۇ؛ 2015 - يىلى ئاپتونوم رايونىمىز خامچوتنىڭ ئىجرا قىلىنىش ئەھۋالى ۋە 2016 - يىللىق ئاپتونوم رايون خام چوت لايىھىسى توغرىسىدىكى دوكلاتى تەكشۈرىلىدۇ. يىغىندا يەنە ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى ۋە دائىمىي كومىتېتىنىڭ نىزام چىقىرىش تۈزىتىش لايىھىسىنىڭ دەسلەپكى لايىھەسى ئاڭلاپ ۋە قاراپ چىقىلىدۇ؛ ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ خىزمەت دوكلاتى قاراپ چىقىلىدۇ؛ ئاپتونوم رايونلۇق يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ خىزمەت دوكلاتى ئاڭلاپ ۋە قاراپ چىقىلىدۇ؛ ئاپتونوم رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ خىزمەت دوكلاتى ئاڭلاپ ۋە قاراپ چىقىلىدۇ. (مەلىكەم تەرجىمىسى)

  تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر