باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

كەلگۈسدىكى بەش يىلدا ئاپتونوم رايونىمىزدا يېڭىدىن 11 پۇقرالار ئايرودروم كۆپىيىدۇ

2016.01.13 15:55         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 13-يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:كەلگۈسدىكى بەش يىلدا، ئاپتونوم رايونىمىزدا يېڭىدىن 11 پۇقرالار ئايرودروم كۆپىيىدۇ، 14دىن ئارتۇق شەھەرگە ئۈرۈمچىدىن بىر سائەتتىلا بارغىلى بولىدۇ.

  ھۆكۈمەت خىزمىتى دوكلاتىدا « 13 - بەش يىللىق» پىلان مەزگىلىدە ئۈرۈمچىنى تۈگۈن قىلغان ئايرودروم ۋە تارماق لىنىيە ئايرودرومىنى ئۆزگەرتىپ قۇرۇشنى تېزلەشتۈرۈپ، پۇقرالار ئايرودرومى سانىنى 28گە كۆپەيتىش كېرەكلىكى ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

  11-يانۋار، سىرتتىن قاتناشقان ۋەكىل، جۇڭگو جەنۇب ئاۋىياتسىيە پاي چەكلىك شىركىتى شىنجاڭ شۆبىسى پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، باش دىرېكتورى فۇ پويەن مۇنداق دېدى: نۆۋەتتە ئاپتونوم رايونىمىزدا پۈتۈپ ئىشلىتىشكە كىرىشتۈرۈلگەن ئايرودرومدىن 17 سى بار، ئاپتونوم رايونىمىز ئېلىمىزنىڭ ئايرودروم ئەڭ كۆپ بولغان ئاپتونوم ئۆلكە (رايون) بولۇپ قالدى. يېڭىدىن كۆپەيتىلدىغان 11 پۇقرالار ئايرودرومى تېخىمۇ كۆپ ئاممىغا نەپ يەتكۈزۈپ، 14دىن ئارتۇق شەھەرگە ئۈرۈمچىدىن بىر سائەتتىلا بارغىلى بولىدۇ. (مەلىكەم تەرجىمىسى)

  تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر