باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

تۈركىيىنىڭ ئىستانبۇل شەھىرىدە پارتلاش يۈز بېرىپ 10 ئادەم قازا قىلدى

2016.01.13 15:46         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 13-يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:ئەنقەرە خەۋىرى: تۈركىيەنىڭ ئەڭ چوڭ شەھىرى ئىستانبۇلدىكى داڭلىق ساياھەت مەنزىرە رايونى سۇلتان ئەھمەد مەيدانىدا 12 - يانۋار چۈشتىن بۇرۇن پارتلاش يۈز بەردى، ھازىرغىچە ئاز دېگەندە 10 ئادەم قازا قىلدى، 15 ئادەم يارىلاندى، قازا قىلغانلارنىڭ ھەممىسى چەت ئەللىك. تۈركىيە زۇڭتۇڭى ئەردوغان پارتلىتىش ۋەقەسى يۈز بەرگەندىن كېيىن تېلېۋىزىيە نۇتقى ئېلان قىلىپ بۇ ۋەقەنى ئەيىبلىدى، ۋە پارتلاش ۋەقەسىنى سۈرىيەلىك ئۆزىنى قوشۇپ پارتلاتقۇچى پەيدا قىلغان،دېدى. ئۇ شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: « تۈركىيە چوقۇم ئىتتىپاقلىقنى ساقلاپ، تېررورلۇققا زەربە بېرىش كېرەك».

  سۇلتان ئەھمەد مەيدانى ئىستانبۇلدىكى ئەڭ مۇھىم ساياھەت مەنزىرە رايونى، داڭلىق مۇقەددەس سوفىيە چېركاۋى، كۆك مەسچىت، توپكاپى خان ئوردىسى ۋە يەر ئاستى سارىيى قاتارلىق ساياھەت ئورنى بار، ھەر كۈنى دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن نەچچە مىڭلىغان ساياھەتچىنى جەلپ قىلىدۇ. نۆۋەتتە، ۋەقە يۈز بەرگەن نەق مەيداننىڭ ئەتراپى قامال قىلىندى. يەرلىك تاراتقۇلارنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، بەزى يارىدارلارنىڭ يارىسى ئېغىر ئىكەن، گېرمانىيە ساياھەتچىلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىر قىسىم چەتئەللىك ساياھەتچىلەرمۇ پارتلاش ۋەقەسىگە ئۇچرىدى. جۇڭگونىڭ ئىستانبۇلدا تۇرۇشلۇق باش كونسۇلخانىسى نۆۋەتتە جۇڭگو پۇقرالىرىنىڭ يارىلانغانلىقى توغرىسىدا خەۋەر يوقلىقىنى ئېيتتى .(مەلىكەم تەرجىمىسى)

  تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر