باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئىراقنىڭ پارلامېنت باشلىقى: سەئۇدى ئەرەبىستانى بىلەن ئىراننىڭ سۆزلىشىش ئارقىلىق كىرىزىسىنى ھەل قىلىشنى مۇراجىئەت قىلدى

2016.01.13 14:17         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئىراق خەلق پارلامېنتىنىڭ باشلىقى سالام جۇبۇر 12- يانۋار بېيرۇتتا سەئۇدى ئەرەبىستانى بىلەن ئىراننىڭ سۆزلىشىش ئارقىلىق ئىككى دۆلەتنىڭ نۆۋەتتىكى كىرىزىسىنى ھەل قىلىشىنى مۇراجىئەت قىلدى. جۇبۇر مۇنداق دېدى: ئىراق، سەئۇدى ئەرەبىستانى بىلەن ئىران ئوتتۇرىسىدىكى جىددىي مۇناسىۋەتنىڭ كۈچىيىپ كېتىشىنى ئۈمىد قىلمايدۇ، ھەمدە سۆزلىشىش ئارقىلىق كىرىزىسىنى تېزدىن ھەل قىلىشنى ئۈمىد قىلىدۇ. ئۇ مۇنداق دېدى: ئىراق، ئەرەب دۇنياسىنىڭ بىر قىسمى بولۇش سۈپىتى بىلەن، بۇ ئىختىلاپلارنى ھەل قىلىشتا ئۆز رولىنى جارى قىلدۇرۇشنى خالايدۇ. خەۋەرلەرگە قارىغاندا، جۇبۇر شۇ كۈنى لىۋاندىكى ئىككى كۈنلۈك زىيارىتىنى ئاخىرلاشتۇرغان، زىيارەت مەزگىلىدە، ئۇ لىۋان خەلق پارلامېنتىنىڭ باشلىقى بىرى ۋە زۇڭلىسى سالام قاتارلىق ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرى بىلەن ئۇچرىشىپ، سەئۇدى ئەرەبىستانى بىلەن ئىران دىپلوماتىك مۇناسىۋىتىنى ئۈزگەندىن كىيىنكى ئوتتۇرا شەرق رايونى ۋەزىيىتى ۋە ئىككى تەرەپلىك مۇناسىۋەت قاتارلىق مەسىلىلەردە پىكىر ئالماشتۇرغان.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر