- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
رۇسىيە ئارمىيەسى ئەڭ يېڭى تىپتىكى قۇرال جابدۇقلار سەۋىيەسىنى زور دەرىجىدە ئۆستۈرىدۇ
2016.01.13 14:17 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
رۇسىيەنىڭ دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى شايگو 12- يانۋار مۇنداق دېدى: رۇسىيە ئارمىيەسى ئەڭ يېڭى تىپتىكى قۇرال جابدۇقلار سەۋىيەسىنى زور دەرىجىدە ئۆستۈرىدۇ. شايىگو 12- يانۋار دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ تېلېفون يىغىنىدا مۇنداق دېدى: بۇ يىل، رۇسىيە ئارمىيەسىنىڭ ئەڭ يېڭى تىپتىكى قۇرال جابدۇق نىسبىتى %47 دىن %51 گە ئۆستۈرۈلىدۇ، قۇرال جابدۇقلارنىڭ ساق بولۇش نىسبىتى %89 دىن %92 گە ئۆستۈرۈلىدۇ. پىلان بويىچە 2020- يىلدىن ئىلگىرى، رۇسىيە ئارمىيەسىنىڭ ئەڭ يېڭى تىپتىكى قۇرال جابدۇقلىرىنىڭ نىسبىتى %70 گە يەتكۈزۈلىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە بىر قىسىم ھەربىي خىللىرى ۋە ئەسكىرى تۈرلىرىنىڭ ئەڭ يېڭى تىپتىكى قۇرال جابدۇقلىرى نىسبىتى %100 گە ئۆستۈرۈلىدۇ. ئۇ مۇنداق دېدى: رۇسىيە ئارمىيەسى يەنە ئىستراتېگىيەلىك يادرو قوراللىرى كۈچىنى كۈچەيتىدۇ ھەمدە ئالەم مۇداپىئە پىلانىنى ئەمەلىيلەشتۈرىدۇ. 2016- يىلى ئىستراتېگىيەلىك راكېتا قىسمىغا بەش زامانىۋى تىرايېكتورىيەلىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىستېمىسىنىڭ باشقۇرۇلىدىغان بومبا پولكى ئۇرۇش ۋەزىپىسىگە كىرىدۇ. ئۇ يەنە مۇنداق دېدى: رۇسىيە ئىستراتېگىيەلىك يادرو كۈچىنىڭ ئاساسلىق ئەسلىھەلىرىگە كاپالەتلىك قىلىشنى پىلانلىق مۇكەممەللەشتۈرۈشتە، ئىستراتېگىيەلىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا ئىلىپ يۈرىدىغان چۆكمە پاراخوتنىڭ تۇرۇش نۇقتىسى بىلەن يىراق مۇساپىلىك ئاۋىياتسىيە ئايرودۇرۇمىنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويىدۇ.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر