باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر>>شى جىنپىڭ

شى جىنپىڭ مەركەز ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسىنىڭ 20-قېتىملىق يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلغاندا مۇنۇلارنى تەكىتلىدى:

ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشنىڭ تۈرلۈك نىشانلىرىنى چىڭ تۇتۇپ، سۇبيېكتىپ مەسئۇلىيەتنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ھالقىلارنى چىڭىتىش كېرەك

لى كېچياڭ، ليۇ يۈنشەن، جاڭ گاۋلىلار يىغىنغا قاتناشتى

2016.01.12 14:27         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 12-يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتىنىڭ رەئىسى، مەركەز ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى شى جىنپىڭ 11-يانۋار چۈشتىن كېيىن مەركەز ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسىنىڭ 20-قېتىملىق يىغىنىنى ئاچتى ۋە مۇھىم سۆز قىلدى. ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشنىڭ دەسلەپكى ئۈچ يىلى ئۇلنى پۇختا سېلىپ، تام قوپۇرىدىغان ئۈچ يىل، بۇ يىل ئىسلاھات ئاساسىي گەۋدىسىنىڭ رامكىسىنى قۇرۇپ چىقىشقا تىرىشىشىمىز كېرەك. ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشنىڭ تۈرلۈك نىشانلىرىنى چىڭ تۇتۇپ، سۇبيېكتىپ مەسئۇلىيەتنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مەسئۇلىيەت زەنجىرىنى رەتلەپ، ھالقىلارنى چىڭىتىپ، مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈپ، ھالقىلارنى راۋانلاشتۇرۇپ، توسالغۇلارنى تۈگىتىپ، ئومۇمىي ۋەزىيەتنى جانلاندۇرۇپ، تىرىشىپ تۈرلۈك ئىسلاھاتلارنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك.

  ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەركەز ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى لى كېچياڭ، ليۇ يۈنشەن، جاڭ گاۋلىلار يىغىنغا قاتناشتى.

  يىغىندا، «ھۆكۈمەت ئىشلىرىدا ئاشكارا بولۇش خىزمىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى پىكىر»، «دۆلەت خىزمەتچىلىرىنىڭ قانۇن ئۆگىنىش، ئىشلىتىش تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش توغرىسىدىكى پىكىر»، «ۋەزىپە دائىرىسىدە جىنايەت ئۆتكۈزگەنلەرنى پاش قىلغۇچىلارنى قوغداش، مۇكاپاتلاش توغرىسىدىكى بىر قانچە بەلگىلىمە»، «مەمۇرىي فۇنكسىيەلىك كەسپىي ئورۇنلار ئىسلاھاتىنى نۇقتىدا سىناق قىلىش توغرىسىدىكى يېتەكچى پىكىر»، «پەن-تېخنىكا سىستېمىسىنىڭ ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش توغرىسىدىكى يولغا قويۇش لايىھەسى»، «جەمئىيەت ئامانلىقىنى ئۇنىۋېرسال تۈزەش رەھبەرلىك مەسئۇلىيەت تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ ئەمەلىيلەشتۈرۈش توغرىسىدىكى بەلگىلىمە»، «ج خ ئورگانلىرىنىڭ ساقچى ياردەمچىلىرىنى باشقۇرۇش خىزمىتىنى قېلىپلاشتۇرۇش توغرىسىدىكى پىكىر» قاراپ چىقىپ ماقۇللاندى. (شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر