باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

«13 - بەش يىل» مەزگىلىدىكى نىشان، ۋەزىپىلەر ۋە 2016 - يىللىق خىزمەتلەرنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى

2016.01.13 10:04         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  «13 - بەش يىل» مەزگىلىدىكى ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ ئومۇمىي تەلىپى، يېتەكچى ئىدىيەسى ۋە ئاساسلىق نىشانى: جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئۇلۇغ بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، ماركسىزم - لېنىنىزم، ماۋزېدۇڭ ئىدىيەسى، دېڭ شياۋپىڭ نەزەرىيەسى، «ئۈچكە ۋەكىللىك قىلىش» مۇھىم ئىدىيەسى ۋە ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىنى يېتەكچى قىلىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بىر قاتار مۇھىم سۆزلىرىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، مەركەزنىڭ 2 - قېتىملىق شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنىڭ روھىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، «تۆت ئومۇميۈزلۈك» ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىدا چىڭ تۇرۇپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكتىن ئىبارەت ئومۇمىي نىشاننى زىچ چۆرىدەپ، شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى يېتەكچى، ئىقتىسادىي تەرەققىيات ۋە خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشنى ئاساس قىلىپ، شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش، ئىتتىپاق، مۇقىم قىلىش، ئۇزاققىچە گۈللەندۈرۈش، ئىجادىي، ماس، بۇلغىمىسىز، ئېچىۋېتىلگەن ۋە ھەمبەھرىلىك تەرەققىياتتا چىڭ تۇرۇپ، ئىقتىسادىي قۇرۇلۇش، سىياسىي قۇرۇلۇش، مەدەنىيەت قۇرۇلۇشى، ئىجتىمائىي قۇرۇلۇش، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشى ۋە پارتىيە قۇرۇلۇشىنى بىر تۇتاش پىلانلاپ ئىلگىرى سۈرۈپ، ئۆز قەرەلىدە ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت بەرپا قىلىشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش. ئىقتىسادنىڭ ئوتتۇراھال، يۇقىرى سۈرئەتتە ئېشىشىنى ساقلاش، كەسىپلەرنى ئوتتۇراھال، يۇقىرى سەۋىيەگە قاراپ تەرەققىي قىلدۇرۇش، ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنى يىلىغا ئوتتۇرىچە %7 ئەتراپىدا ئاشۇرۇش، شەھەر - يېزا ئاھالىسىنىڭ ئوتتۇرىچە كىرىمىنىڭ ئېشىشىنى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنىڭ ئېشىش نىسبىتىدىن تۆۋەنلىتىۋەتمەسلىك؛ تەرەققىيات بوشلۇقى ئەندىزىسى ۋە ئىقتىسادىي قۇرۇلمىنى يەنىمۇ ياخشىلاش، نوپۇس تەۋەلىكىدىكى ئاھالىنىڭ شەھەر - بازارلىشىش نىسبىتىنى تېز ئۆستۈرۈش، دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىقنى زامانىۋىلاشتۇرۇشتا كۆرۈنەرلىك تەرەققىياتنى قولغا كەلتۈرۈش؛ خەلقنىڭ تۇرمۇش سەۋىيەسى ۋە تۇرمۇش سۈپىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈش، ھازىرقى ئۆلچەم بويىچە يېزىلاردىكى نامرات ئاھالىنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش، بارلىق نامرات ناھىيەلەرنىڭ نامراتلىق قالپىقىنى ئېلىپ تاشلاش، رايون خاراكتېرلىك ئومۇمىي نامراتلىق مەسىلىسىنى ھەل قىلىش؛ جەمئىيەتنىڭ مەدەنىيلىك دەرىجىسىنى كۆرۈنەرلىك ئۆستۈرۈش؛ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنىڭ سۈپىتىنى ئومۇمىي جەھەتتىن ياخشىلاش؛ ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىقتىدارىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشتا زور ئىلگىرىلەش ھاسىل قىلىش.

  2016 - يىللىق كۆزلىمە نىشان: ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنى %7 ئەتراپىدا، سانائەت قوشۇلما قىممىتىنى %7 ئەتراپىدا، پۈتۈن جەمئىيەتنىڭ تۇراقلىق مۈلۈك سېلىنمىسىنى %12، ئىجتىمائىي ئىستېمال بۇيۇملىرىنىڭ پارچە سېتىلىش ئومۇمىي سوممىسىنى %10، ئىمپورت - ئېكسپورت ئومۇمىي سوممىسىنى %6، ئادەتتىكى جامائەت مالىيەسىنىڭ خامچوت كىرىمىنى %5 ئۆپچۆرىسىدە ئۆستۈرىمىز، ئاھالە ئىستېمال باھاسىنىڭ ئۆسۈش نىسبىتىنى %3 ئەتراپىدا تىزگىنلەيمىز. شەھەر - بازارلاردا 440 مىڭ كىشىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرىمىز، شەھەر - بازارلاردا تىزىملانغان ئىشسىزلىق نىسبىتىنى %4.5ئىچىدە تىزگىنلەيمىز، نوپۇسنىڭ تەبىئىي كۆپىيىش نىسبىتىنى %11.6 ئىچىدە تىزگىنلەيمىز، شەھەر - بازار ئاھالىسىنىڭ ئوتتۇرىچە كىرىمىنىڭ ئېشىش نىسبىتىنى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنىڭ ئېشىش نىسبىتىدىن تۆۋەنلەتمەيمىز، ئېنېرگىيە، سۇ، قۇرۇلۇش يېرى قاتارلىق بايلىق سەرپىياتىنى، شۇنداقلا كاربون(Ⅳ)ئوكسىدى قاتارلىق پارنىك گازىنىڭ قويۇپ بېرىلىشىنى چەكلەنمە كۆرسەتكۈچ دائىرىسىدە تىزگىنلەيمىز.

  بىرىنچى، «13 - بەش يىل» مەزگىلىدىكى نىشان، ۋەزىپىلەر

  ئىجادىي تەرەققىياتتا چىڭ تۇرىمىز. يېڭىلىق يارىتىشنى بىرىنچى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ قىلىپ، نەزەرىيە، تۈزۈم، پەن - تېخنىكا ۋە مەدەنىيەت قاتارلىق جەھەتلەردە ئۈزلۈكسىز يېڭىلىق يارىتىمىز. ئىجتىمائىي ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى ئازاد قىلىپ ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇپ، سوتسىيالىستىك بازار ئىگىلىكىنىڭ ئىسلاھات يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرىمىز. قۇرۇلما خاراكتېرلىك ئىسلاھات سالمىقىنى زورايتىپ، ئامىللارنىڭ سەپلىنىشىدىكى ئېگىز - پەسلىكلەرنى تۈزەپ، ئۈنۈملۈك تەمىناتنى كېڭەيتىپ، تەمىنات قۇرۇلمىسىنىڭ ماسلىقى ۋە جانلىقلىقىنى ھەم ئومۇمىي ئامىللار ئىشلەپچىقىرىش ئۈنۈمدارلىقىنى ئۆستۈرىمىز. ئەمەلىي ئىقتىسادىنىڭ رىقابەت كۈچىنى ئاشۇرۇشنى بىرىنچى ۋەزىپە، قۇرۇلمىنى چوڭقۇر تەڭشەشنى، ئەمەلىي ئىقتىسادنى گۈللەندۈرۈشنى ئاساسىي لىنىيە قىلىپ، ئالاقىدار سىياسەتلەرنى تەڭشەيمىز ۋە مۇكەممەللەشتۈرىمىز. سېلىنما كۆلىمىنى داۋاملىق كېڭەيتىپ، سېلىنمىنىڭ ئۈنۈمىگە تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىپ، سېلىنما قۇرۇلمىسىنى ياخشىلايمىز.

  ماس تەرەققىياتتا چىڭ تۇرىمىز. تەرەققىياتتىكى چوڭ - چوڭ مۇناسىۋەتلەرنى توغرا بىر تەرەپ قىلىپ، تەرەققىياتنىڭ تەڭپۇڭلۇقى، سىغدۇرۇشچانلىقى ۋە سىجىللىقىنى ئاشۇرىمىز. «بەشلەشتۈرۈش»نىڭ ماس تەرەققىياتىنى ۋە شەھەر بىلەن يېزىنىڭ ماس تەرەققىياتىنى يەنىمۇ ئىلگىرى سۈرىمىز. تۆمۈريول قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، قاتناش مۇساپىسىنى 6000 كىلومېتىردىن 10 مىڭ كىلومېتىرغا يەتكۈزىمىز؛ دۆلەت، ئۆلكە دەرىجىلىك ئادەتتىكى غول لىنىيە ۋە يېزا تاشيول تورىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئومۇمىي مۇساپىنى 200 مىڭ كىلومېتىردىن ئاشۇرىمىز؛ ئۈرۈمچى تۈگۈن ئايرودۇرۇمى، شۇنداقلا تارماق لىنىيە ئايرودۇرۇملىرىنى ئۆزگەرتىش قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، پۇقراۋى ئايرودۇرۇملارنى 28گە يەتكۈزىمىز؛ شەرقىي تەڭرىتاغ، غەربىي تەڭرىتاغ، جۇڭغار ئويمانلىقى، تارىم ئويمانلىقى ۋە ئۈرۈمچى - سانجى شەھىرىدىن ئايلىنىپ ئۆتىدىغان 750 كىلوۋولتلۇق «بەش ئايلانما تور»نى قۇرۇپ چىقىمىز. تۈرلۈك بايلىقلارنى تەقسىملەشتە جەنۇبىي شىنجاڭغا گەۋدىلىك مايىل بولۇپ، 2020 - يىلىغا بارغاندا، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ تۇرمۇش سەۋىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ باشقا جايلىرى بىلەن بولغان پەرقىنى زور دەرىجىدە كىچىكلىتىپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت بەرپا قىلىش نىشانىغا يېتىمىز.

  بۇلغىمىسىز تەرەققىياتتا چىڭ تۇرىمىز. ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى ئىدىيەسى، پىرىنسىپى ۋە نىشانىنى ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ ھەر قايسى تەرەپلىرىگە ھەقىقىي سىڭدۈرىمىز. ئاساسىي فۇنكسىيەلىك رايون يىرىك پىلانىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، جايلارنىڭ ئاساسىي فۇنكسىيەسىنى بېكىتىش ئاساسىدا تەرەققىي قىلىشىنى، تەبىئەتتىن چەكلىك، تەرتىپلىك پايدىلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرىمىز. قانۇنسىز بوز يەر ئېچىشنى قاتتىق مەنئى قىلىپ، تېرىلغۇنى ئازايتىپ، سۇ ئىشلىتىش مىقدارىنى تۆۋەنلىتىمىز، يېزا ئىگىلىكىدە ئىشلىتىلىۋاتقان سۇنىڭ نىسبىتىنى %90تىن تۆۋەنلىتىمىز. كۆپ خىل بۇلغىمىلارنى ئۇنىۋېرسال تۈزەش، ئۇنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە مۇھىتنى تۈزەش خىزمىتىنى ئىلگىرى سۈرىمىز.

  ئېچىۋېتىلگەن تەرەققىياتتا چىڭ تۇرىمىز. دۆلەتنىڭ «بىر بەلباغ، بىر يول» ئىستراتېگىيەسىگە ماسلىشىپ، ئاسىيا −− ياۋروپا چوڭ قۇرۇقلۇق كۆۋرۈكى يېڭى ئىقتىساد كارىدورى، جۇڭگو −− ئوتتۇرا ئاسىيا ئىقتىساد كارىدورى، جۇڭگو −− پاكىستان ئىقتىساد كارىدورى، جۇڭگو −− موڭغۇلىيە −− رۇسىيە ئىقتىساد كارىدورىنى قۇرۇش پۇرسىتىنى چىڭ تۇتۇپ، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونىنىڭ «ئۈچ يول»، «ئۈچ بازا»، «بەش چوڭ مەركەز»، «ئون چوڭ ئىمپورت - ئېكسپورت كەسىپلىرى توپلانما رايونى» قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىمىز. ئەتراپتىكى دۆلەتلەر بىلەن مائارىپ، پەن - تېخنىكا، مەدەنىيەت، ساياھەت، سەھىيە، تەنتەربىيە، ئاخبارات - نەشرىيات، رادىيو - كىنو - تېلېۋىزىيە، مۇھىت ئاسراش قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى كېڭەيتىمىز.

  ھەمبەھرىلىك تەرەققىياتتا چىڭ تۇرىمىز. خەلقنىڭ گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان تەلپۈنۈشىنى كۈرەش نىشانى قىلىپ، ئومۇمىي خەلقنىڭ ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەتكە ئورتاق قەدەم بېسىشىنى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرىمىز. نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنى «13 - بەش يىل» مەزگىلىدىكى ئالدىنقى ئورۇندا تۇرىدىغان چوڭ ئىش ۋە بىرىنچى خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشى سۈپىتىدە تۇتۇپ، 3029 نامرات كەنتنى پۈتۈنلەي نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشقا، 35 نامرات ناھىيەنىڭ نامراتلىق قالپىقىنى پۈتۈنلەي ئېلىپ تاشلاشقا كاپالەتلىك قىلىمىز. مائارىپنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇپ، مائارىپنىڭ ئۇللۇق رولى ۋە خەلق تۇرمۇشىدىكى ئۈنۈمىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، 15 يىللىق مائارىپنى ئاساسىي جەھەتتىن ئومۇملاشتۇرىمىز، مائارىپنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئاساسىي جەھەتتىن ئىشقا ئاشۇرىمىز. ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك ئومۇمىي نىشانىنى چۆرىدەپ، «ئۈچ خىل كۈچ»نىڭ بۇزغۇنچىلىق قىلىشى ۋە پاراكەندىچىلىك سېلىشىدىن ھەر ۋاقىت ھوشيار بولۇپ، زوراۋانلىققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى ساقلاش يولىدىكى قاتتىق جەڭدە قەتئىي غەلىبە قىلىپ، ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىياتقا ئىناق، مۇقىم مۇھىت يارىتىمىز.

  ئىككىنچى، 2016 - يىللىق خىزمەتلەرنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى

  ئىجتىمائىي ئومۇمىي ۋەزىيەتنىڭ مۇقىملىقىنى قەتئىي ساقلايمىز

  شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش، شىنجاڭنى ئىتتىپاق - مۇقىم قىلىش، شىنجاڭنى ئۇزاققىچە گۈللەندۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداش ئىقتىدارىمىزنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرىمىز. زوراۋانلىق، تېررورلۇققا قاتتىق زەربە بېرىش مەخسۇس ھەرىكىتىنى داۋاملىق چوڭقۇرلاشتۇرىمىز. ئىدېئولوگىيە ساھەسىدىكى بۆلگۈنچىلىككە قارشى كۈرەشنىڭ تەشەببۇسكارلىق ھوقۇقىنى چىڭ ئىگىلەيمىز. ئاساسىي قاتلامنىڭ ئۇل خىزمەتلىرىنى ئالاھىدە چىڭ تۇتۇپ، «ئۈچ ئەل» خىزمىتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، مەركەز ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ تەلەپلىرىنى ئاخىرغىچە تەلتۆكۈس ئىزچىللاشتۇرۇشقا تولۇق كاپالەتلىك قىلىمىز. بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش مەسئۇلىيەت تۈزۈمىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، جامائەت بىخەتەرلىكى سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرىمىز. ھەر مىللەت خەلقنىڭ ھاياتى ۋە مال - مۈلۈك بىخەتەرلىكىنى قوغداش مەسئۇلىيىتىمىزنى ياخشى ئادا قىلىمىز.

  مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىدا تىرىشىپ يېڭى ۋەزىيەت يارىتىمىز

  يېڭى ۋەزىيەتتىكى مىللەتلەر خىزمىتىنىڭ ئالاھىدىلىكى ۋە قانۇنىيىتىنى توغرا ئىگىلەپ، مىللەتلەر ئىشلىرىنى قانۇن بويىچە باشقۇرۇش ئىقتىدارىمىزنى تىرىشىپ ئۆستۈرىمىز. زامانىۋى مەدەنىيەتنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى زور كۈچ بىلەن يېتىلدۈرۈپ ۋە ئەمەلدە كۆرسىتىپ، مىللەتلەرنىڭ ئورتاق مەنىۋى ماكانىنى بەرپا قىلىپ، دۆلەت ئېڭى، پۇقرالىق ئېڭى، جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ بىر گەۋدىلىك ئېڭىنى پۇختا تۇرغۇزىمىز. ھەر مىللەت كادىرلار ۋە ئاممىنىڭ باردى - كەلدىسى، ئالاقىسى ۋە ئارىلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرىمىز. مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى بويىچە 34 - قېتىملىق تەربىيە ئېيى پائالىيىتىنى كەڭ قانات يايدۇرىمىز.

  پارتىيەنىڭ دىن خىزمىتى توغرىسىدىكى تۈپ فاڭجېنىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، دىننى سوتسىيالىزم جەمئىيىتىگە ئۇيغۇنلىشىشقا پائال يېتەكلەيمىز. ۋەتەنپەرۋەر دىنىي زاتلار ۋە دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان ئاممىنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى ساقلاش جەھەتتىكى ئاكتىپ رولىنى جارى قىلدۇرىمىز. قانۇن بويىچە تۈزەشتە چىڭ تۇرىمىز. دىنىي ئەسەبىي ئىدىيەنىڭ سىڭدۈرمىچىلىكى، يامرىشىنى قەتئىي توسىمىز. ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ سۈپىتى ۋە ئۈنۈمىنى ئۆستۈرىمىز

  دۆلەتنىڭ ئۇنىۋېرسال ئېنېرگىيە بازىسى قۇرۇلۇشىنى يۇقىرى پەللە، يۇقىرى ئۆلچەم، يۇقىرى سەۋىيەدە ئىلگىرى سۈرۈپ، ئەڭ كۈچلۈك رىقابەت ئىقتىدارىغا ئىگە ئېنېرگىيە، خىمىيە سانائىتى، ماتېرىيال كەسىپ بازىلىرىنى بەرپا قىلىمىز. ئەنئەنىۋى كەسىپلەرنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىش، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى تېزلىتىپ، ئىستراتېگىيەلىك كەسىپلەرنى راۋاجلاندۇرىمىز، توقۇمىچىلىق، كىيىم - كېچەك كەسىپلىرى ۋە يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاش قاتارلىقلارنى تۈۋرۈكلۈك كەسىپكە ئايلاندۇرىمىز. «كەسىپلەشكەن، خىل، ئالاھىدە، يېڭى» ئوتتۇراھال، كىچىك، مىكرو كارخانىلارنى زورايتىمىز. ئېنېرگىيە تېجەيدىغان، مۇھىت ئاسرايدىغان، بايلىقتىن ئۇنىۋېرسال پايدىلىنىدىغان، قايتا ياساشتا كەسىپلەشكەن چوڭ - چوڭ ئۈلگە قۇرۇلۇشلىرىنى كۈچەيتىمىز.

  يېزا ئىگىلىكىنىڭ سۈپىتى، ئۈنۈمى ۋە رىقابەت ئىقتىدارىنى ئۆستۈرىمىز. ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىشىنى مۇقىملاشتۇرۇپ، يۇقىرى، مۇقىم ھوسۇللۇق ئېتىزلارنى بەرپا قىلىمىز. ئوت - چۆپ تېرىشنى قوللاپ، ئاشلىق، ئىقتىسادىي زىرائەت ۋە ئوت - چۆپتىن ئىبارەت ئۈچ مەنبەلىك تېرىقچىلىق قۇرۇلمىسىنى تېزدىن بارلىققا كەلتۈرىمىز. چارۋىچىلىقنىڭ تەرەققىيات ئۇسۇلىنى ئۆزگەرتىپ، كۆلەملەشكەن، ئۆلچەملەشكەن باقمىچىلىقنى ئىلگىرى سۈرىمىز. رايون ئالاھىدىلىكىگە ئىگە يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش بازىسىنى پىلانلاپ قۇرىمىز. يېزىلاردا ئېلېكتىرونلۇق سودىنى تېز راۋاجلاندۇرىمىز. يېزا ئىگىلىكىنى كۈچەيتىش، دېھقانلارغا نەپ يەتكۈزۈش، دېھقانلارنى بېيىتىش سالمىقىنى يەنىمۇ زورايتىمىز.

  يېڭىچە شەھەر - بازارلاشتۇرۇش ھەرىكىتى پىلانىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، رايونلارنىڭ مەركىزىي شەھەر قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىمىز. تەڭرىتاغنىڭ شىمالىي ئېتىكىدىكى ئىقتىساد بەلبېغى ۋە تەڭرىتاغنىڭ جەنۇبىي ئېتىكىدىكى نېفىت، نېفىت خىمىيە كەسىپ بەلبېغى، شۇنداقلا قاتناش لىنىيەسى بويلىرىدىكى ئىقتىساد بەلبېغى، چېگرا بويلىرىدىكى ئېچىۋېتىلگەن ئىقتىساد بەلبېغىنىڭ شەھەر - بازار تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرىمىز. شەھەرلەرنىڭ تەرەققىيات قانۇنىيىتىگە ئەمەل قىلىپ، بوشلۇق، كۆلەم ۋە كەسىپتىن ئىبارەت ئۈچ چوڭ قۇرۇلمىنى، پىلانلاش، قۇرۇش، باشقۇرۇشتىن ئىبارەت ئۈچ چوڭ ھالقىنى، ئىسلاھات، پەن - تېخنىكا، مەدەنىيەتتىن ئىبارەت ئۈچ چوڭ تۈرتكىنى، ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش ۋە ئېكولوگىيەدىن ئىبارەت ئۈچ چوڭ ساھەنى بىر تۇتاش پىلانلاپ، شەھەرلەرنىڭ مۇھىت سۈپىتىنى، خەلقنىڭ تۇرمۇش سۈپىتىنى ۋە شەھەرلەرنىڭ رىقابەت كۈچىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇرىمىز.

  يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونىنىڭ تورچوت سانلىق مەلۇمات مەركىزىنى قۇرۇپ، ئاساسىي سانلىق مەلۇماتلار بايلىقىنى ئورتاق ساقلاش ۋە ئۇنىڭدىن ئورتاق بەھرىمەن بولۇشنى ئىشقا ئاشۇرىمىز. «ئالاقە تورى+»ھەرىكىتى پىلانىنى يولغا قويۇپ، ئالاقە تورى ئاساس قىلىنغان تۈرلۈك يېڭىلىق يارىتىش ئىشلىرىنى قوللايمىز.

  ئوبوروت تورى، ئەشيا تەقسىملەش ئەسلىھەسى ۋە شەھەر - يېزىلاردىكى گۆش، كۆكتاتلارنى بىۋاسىتە ساتىدىغان خەلققە قولاي دۇكان ۋە يېزا - بازارلارنىڭ تەمىنات - سودا تاللا بازىرى، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى سودا بازارلىرىنىڭ قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىمىز. ئېكولوگىيەلىك يېزا ئىگىلىكى، داۋالاش، ساقلىق ساقلاش، چېنىقىش، ساياھەتچىلىك، ياشانغانلار مۇلازىمىتى بىر گەۋدىلەشكەن ساغلاملىق كەسىپلىرىنى راۋاجلاندۇرىمىز. ئوتتۇراھال، كىچىك، مىكرو كارخانىلار ۋە «يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار»نىڭ مەبلەغ جۇغلاش قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىشنى چۆرىدەپ، پۇل مۇئامىلىنىڭ يېڭى يوللىرى ۋە ۋاسىتىلىرىنى بارلىققا كەلتۈرۈپ، پۇل مۇئامىلە مۇلازىمىتىنىڭ سەۋىيەسىنى ئۆستۈرىمىز.

  ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىمىز

  ئاپتونوم رايوننىڭ نۇقتىلىق قۇرۇلۇش تۈرىدىن 440نى ئورۇنلاشتۇرىمىز، بۇنىڭ 60 تۈرىدە ئىش باشلايمىز، 300 مىليارد يۈەندىن كۆپرەك مەبلەغ سالىمىز. شىمالىي شىنجاڭ سۇ سىستېمىسىنىڭ 2 - باسقۇچلۇق قۇرۇلۇشى، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى يۇرۇڭقاش دەرياسى سۇچىلىق تۈگۈنى قاتارلىق قۇرۇلۇشلارنى باشلايمىز. ئاراتاش، قارابەل، چوڭ سۇلاق قاتارلىق بىر تۈركۈم چوڭ سۇچىلىق قۇرۇلۇشلىرىنىڭ قەدىمىنى تېزلىتىمىز، سارتوقاي، ئاقشور قاتارلىق جايلاردىكى چوڭ ۋە ئوتتۇراھال سۇ ئامبارلىرى قۇرۇلۇشلىرىنى باشلايمىز؛ كورلا −− گېرمو تۆمۈريولى، ئالتاي −− كۆكتوقاي −− شەرقىي جۇڭغار تۆمۈريولى، قاراقاش −− خوتەن يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولى قاتارلىق قۇرۇلۇشلارنى تېزلىتىمىز؛ جاڭجۈنمياۋ −− قۇمۇل −− ليۇگۇ تۆمۈريولى، پارچەساغال −− ئۈرۈمچى يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولىنى ئۆزگەرتىش، كېڭەيتىش تۈرىدە ئىش باشلايمىز؛ خوتەن −− چاقىلىق −− لوپنور تۆمۈريولى قۇرۇلۇشىنىڭ ئالدىنقى باسقۇچلۇق خىزمەتلىرىنى ئىلگىرى سۈرىمىز. قۇمۇل −− جېڭجۇ 800± كىلوۋولتلۇق ئۇلترا يۇقىرى بېسىملىق تۇراقلىق توك يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشىغا يانداشتۇرۇلىدىغان توك مەنبەسى قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك پۈتتۈرىمىز، شەرقىي جۇڭغار −− شەرقىي جۇڭگو 1100± كىلوۋولتلۇق ئۇلترا يۇقىرى بېسىملىق تۇراقلىق توك يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشىنىڭ سۈرئىتىنى تېزلىتىمىز. ئىسلاھاتنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئېچىۋېتىش دائىرىسىنى كېڭەيتىمىز

  يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغىنىڭ يادرولۇق رايونى قۇرۇلۇشىغا دائىر ھەرىكەت پىلانىنى ئەمەلىيلەشتۈرىمىز. شىمالىي يول، ئوتتۇرا يول، جەنۇبىي يول قۇرۇلۇشى ۋە جەنۇبىي شىنجاڭ بىلەن شىمالىي شىنجاڭنىڭ چوڭ يول قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىمىز. جۇڭگو−− پاكىستان، جۇڭگو−− قىرغىزىستان −− ئۆزبېكىستان تۆمۈريولى قۇرۇلۇشىنىڭ ئالدىنقى مەزگىللىك خىزمىتىنى پائال ياخشى ئىشلەيمىز. پورتلارنىڭ ئۇل ئەسلىھەلىرىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرىمىز. تاشقى سودىنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىپ، دەرىجىسىنى ئۆستۈرىمىز، ئىمپورت - ئېكسپورتنى ياخشىلايمىز، مۇلازىمەت سودىسىنىڭ تەرەققىياتىنى تېزلىتىمىز. 5 - نۆۋەتلىك جۇڭگو ئاسىيا −− ياۋروپا كۆرگەزمىسى، ئوتتۇرا ئاسىيا پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ھەمكارلىقى 2 - نۆۋەتلىك مۇنبىرى، 2 - نۆۋەتلىك ئاسىيا −− ياۋروپا نەشر بۇيۇملىرى يەرمەنكىسى، 3 - نۆۋەتلىك ئاسىيا −− ياۋروپا كىنو كۆرگەزمىسى قاتارلىق پائالىيەتلەرنى ياخشى ئۇيۇشتۇرىمىز.

  سوتسىيالىستىك بازار ئىگىلىكىنىڭ ئىسلاھات يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، تەمىنلەش قۇرۇلمىسى ئىسلاھاتىنى كۈچەيتىمىز. ئاچقۇچلۇق نۇقتىلارنى چىڭ تۇتۇپ، تۈزۈلمىنىڭ ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى ۋە ئىچكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى ئاشۇرىمىز. مۇھىم ساھەلەر ۋە ئاچقۇچلۇق ھالقىلارنىڭ ئىسلاھات سالمىقىنى زورايتىپ، يېتەكلەش رولىغا ئىگە زور بىر تۈركۈم ئىسلاھات تەدبىرلىرىنى ئوتتۇرىغا قويىمىز. ئېلېكتىر ئېنرگىيەسى قاتارلىق مونوپول ساھەلەرنىڭ ئىسلاھاتىنى تېزلىتىپ، پۇقراۋى كارخانىلارنىڭ تېخىمۇ كۆپ ساھەگە قانۇن بويىچە كىرىشىگە ئىلھام بېرىمىز. دۆلەت مۈلكىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى كۈچەيتىمىز. نامۇۋاپىق ھەقلەرنى يەنىمۇ ئېنىقلاپ ئەمەلدىن قالدۇرىمىز. جامائەت ئۇل ئەسلىھەلىرىنىڭ مەبلەغ سېلىش، مەبلەغ جۇغلاش تۈزۈلمىسىدە يېڭىلىق يارىتىپ، ھۆكۈمەت بىلەن ئىجتىمائىي كاپىتالنىڭ ھەمكارلىق ئەندىزىسىنى ئومۇملاشتۇرىمىز. يېزىلاردا يەر ھۆددىگەرلىكى مۇناسىۋىتىنى مۇقىملاشتۇرۇپ، يەر ھۆددىگەرلىك ھوقۇقى ۋە باشقۇرۇش ھوقۇقىنى بېكىتىش، تىزىملاپ كىنىشكا تارقىتىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەيمىز.

  ئىجادچان شىنجاڭ قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىمىز. پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشنىڭ ئومۇميۈزلۈك يېڭىلىق يارىتىشتىكى يېتەكچىلىك رولىنى جارى قىلدۇرىمىز. دۆلەتنىڭ نۇقتىلىق تەجرىبىخانىسى، قۇرۇلۇش - تېخنىكا تەتقىقات مەركىزى قاتارلىق مۇھىم سۇپا ۋە بازا قۇرۇلۇشلىرىنى تېزلىتىمىز، دۆلەتنىڭ مۇھىم پەن - تېخنىكا تەتقىقاتلىرىنى ئۈستىمىزگە ئالىمىز ۋە ئۇنىڭغا قاتنىشىمىز. ئاۋام ئىگىلىك تىكلەيدىغان، ئاۋام ھۆددە ئالىدىغان، ئاۋام يۆلەيدىغان، ئاۋام غەملەيدىغان بوشلۇقنى كېڭەيتىمىز. كارخانىلارنىڭ يېڭىلىق يارىتىشتىكى سۇبيېكتلىق ئورنى ۋە يېتەكچىلىك رولىنى كۈچەيتىپ، پەن - تېخنىكا نەتىجىسىنى كاپىتاللاشتۇرۇش، كەسىپلەشتۈرۈشكە تۈرتكە بولىمىز. مەھسۇلات سۈپىتى، قۇرۇلۇش سۈپىتى، مۇلازىمەت سۈپىتى، مۇھىت سۈپىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرىمىز. يۇقىرى ساپالىق ئىختىساسلىقلار قوشۇنىنى زور كۈچ بىلەن يېتىلدۈرۈپ ۋە قۇرۇپ چىقىپ، زۆرۈر ئىختىساسلىقلارنى كىرگۈزۈپ، تۆھپىكار ئىختىساسلىقلارنى تۇتۇپ قالىمىز، ئىختىساسلىقلارنىڭ يېتىلىشىگە پايدىلىق ئىجتىمائىي مۇھىتنى يارىتىپ، ھەر بىر ئىختىساس ئىگىسىنى تالانتىنى ۋە ئەقىل - پاراسىتىنى تولۇق نامايان قىلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىمىز.

  خەلق تۇرمۇشىنى تېزدىن ياخشىلاپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنىڭ ئاساسىنى پۇختىلايمىز

  مەسئۇلىيەتنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنىڭ ئومۇميۈزلۈك، سىستېمىلىق مېخانىزمىنى بەرپا قىلىمىز. نامرات كەنتلەرنى ۋە نامراتلارنى توغرا تاللاشتا چىڭ تۇرۇپ، نامرات رايونلارنىڭ ئۇل ئەسلىھەلىرى قۇرۇلۇشى ۋە كەسىپ تەرەققىياتىنى تېزلىتىپ، جامائەت مۇلازىمىتىنىڭ باراۋەرلىكىنى ئىلگىرى سۈرىمىز. يەتتە نامرات ناھىيە، 810 نامرات كەنتنىڭ نامراتلىق قالپىقىنى ئاۋۋال ئېلىپ تاشلاشقا، 600 مىڭ نامرات ئاھالىنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشقا تىرىشىمىز.ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى نىشان قىلىپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش سىغىمىنى ئاشۇرىمىز ۋە سەۋىيەسىنى ئۆستۈرىمىز. ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرنى پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ۋە ئىشقا ئورۇنلىشىشى قىيىن بولغانلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش مەسىلىسىنى كۈچەپ ھەل قىلىمىز، يېزىلاردىكى ئارتۇق ئەمگەك كۈچلىرىنى شەھەرلەرگە كىرىپ تەرتىپلىك ئىشقا ئورۇنلىشىشقا، ئۆز جايىدا، يېقىن ئەتراپتا ئىشقا ئورۇنلىشىشقا، يۇرتىغا قايتىپ ئۆز ئالدىغا ئىگىلىك تىكلەشكە يېتەكلەيمىز. ئاۋامنىڭ ئىگىلىك تىكلىشىنى، يېڭىلىق يارىتىشىنى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىگىلىك تىكلىگۈچىلەرگە يار - يۆلەك بولۇش سىياسىتىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئەمگەكچىلەرنىڭ ئىگىلىك تىكلەش، ئىشقا ئورۇنلىشىش يوللىرىنى راۋانلاشتۇرىمىز.

  ئاجىز مەكتەپلەرنى ئۆزگەرتىشنى ۋە ياتاقلىق تۈزۈمدىكى مەكتەپلەرنىڭ قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، مەجبۇرىيەت مائارىپىنىڭ تەكشى تەرەققىياتى ۋە تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەرنىڭ كۆپ خىللاشقان ئۆزگىچە تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرىمىز. قوش تىل مائارىپىنىڭ نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەيمىز ۋە سەۋىيەسىنى ئۆستۈرىمىز. زامانىۋى كەسپىي مائارىپنى كۈچەيتىپ، ئەمگەكچىلەرنىڭ كەسپىي ماھارەت سەۋىيەسىنى تىرىشىپ ئۆستۈرىمىز. ئالىي مەكتەپلەرنىڭ تەرەققىيات بوشلۇقىنى كېڭەيتىشىگە، پەن، كەسىپ ۋە ئۇنۋان بېرىش نۇقتىلىرىنى تېخىمۇ مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇشىغا، يېڭىلىق يارىتىش، ئىگىلىك تىكلەش ئاساسىدىكى مائارىپ ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشىغا مەدەت بېرىمىز. ئىجتىمائىي كاپالەت سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرىمىز. تۆۋەن تۇرمۇش كاپالەت پۇلىنى ئۆستۈرۈش، قۇربى يەتمەيدىغانلارنىڭ داۋالىنىشىنى تولۇق كاپالەتلەندۈرۈش ئىشلىرىنى ياخشى ئىشلەيمىز. ئاپەتتىن مۇداپىئەلىنىش، ئاپەت زىيىنىنى ئازايتىش، ئاپەتكە ئۇنىۋېرسال تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارىمىزنى ئاشۇرىمىز. مېيىپلەرنى يۆلەش، مېيىپلەرگە ياردەم بېرىش مۇلازىمەت سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، قىيىنچىلىقتا قالغان مېيىپلەرنىڭ تۇرمۇش تولۇقلىمىسى ۋە ئېغىر مېيىپلەرنى كۈتۈش تولۇقلىمىسىغا دائىر تۈزۈملەرنى بەرپا قىلىمىز. زامانىۋى مەدەنىيەتنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، مۇنەۋۋەر مەدەنىيەت ئەسەرلىرى ئىجادىيىتىگە ياردەم بېرىمىز. ئاساسىي قاتلاملارنىڭ ئاممىۋى مەدەنىيەت پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇشىغا ياردەم بېرىمىز. ئىككى يىلدا بىر ئۆتكۈزۈلىدىغان 2 - نۆۋەتلىك جۇڭگو شىنجاڭ خەلقئارا سەنئەت كۆرگەزمىسىنى ياخشى ئۇيۇشتۇرىمىز؛ مەملىكەتلىك 5 - نۆۋەتلىك ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەدەبىيات - سەنئەت كۆرىكىگە ياخشى تەييارلىق قىلىمىز ۋە قاتنىشىمىز. يېڭىچە مەدەنىيەت كەسىپلىرىنى ۋە تايانچ مەدەنىيەت كارخانىلىرىنى يېتىلدۈرىمىز. مەملىكەتتە بىر تۇتاش قوللىنىلىدىغان تىل - يېزىقنى يەنىمۇ ئومۇملاشتۇرىمىز، ئاز سانلىق مىللەتلەر تىل - يېزىقىنى قېلىپلاشتۇرۇش، ئۆلچەملەشتۈرۈش، ئۇچۇرلاشتۇرۇش قەدىمىنى تېزلىتىمىز. ياشلار، ئۆسمۈرلەر پۇتبولى قاتارلىق تەنتەربىيە تۈرلىرىنىڭ ئومۇملىشىشىنى تېزلىتىمىز. ئو ت م ۋە مەملىكەتلىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن تەييارلىق قىلىمىز.

  ئاساسىي داۋالاش - ساقلىق ساقلاش تۈزۈمى ۋە زامانىۋى دوختۇرخانا باشقۇرۇش تۈزۈمىنى شەھەر - يېزىلاردا تەدرىجىي ئومۇملاشتۇرىمىز. ھۆكۈمەت قارىمىقىدىكى دوختۇرخانىلارنىڭ ئۇنىۋېرسال ئىسلاھاتىنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرىمىز. ئېغىر كېسەللەر ۋە كەسپىي كېسەللەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ھەم ئۇنى داۋالاش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەيمىز. يېمەكلىك ۋە دورىلارنىڭ بىخەتەرلىكىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى كۈچەيتىمىز. ئاساسىي قاتلام ئانا - بالىلار ساقلىقىنى ساقلاش، پىلانلىق تۇغۇت مۇلازىمەت ئاپپاراتلىرىنىڭ قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىمىز. «ئەڭ ئاخىرقى بىر كىلومېتىر»، «ئەڭ يىراقتىكى بىر ئائىلە» مەسىلىسىنى كۈچەپ ھەل قىلىمىز، ئەمىن ئۆي، چارۋىچىلارنى ئولتۇراقلاشتۇرۇپ، چارۋىچىلىقنى گۈللەندۈرۈش ئۆيى، شەھەر - بازارلاردىكى كاپالەتلىك ئۆي قۇرۇلۇشلىرىنى تېزلىتىپ، ئاممىنى ئازادە تۇرمۇش شارائىتىغا ئىگە قىلىمىز. خەلقنى بېيىتىدىغان راۋان يېزا تاشيولى، تەبىئىي گاز بىلەن خەلققە نەپ يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشى، يېزىلارنىڭ ئىچىملىك سۈيىنى ياخشىلاش قاتارلىق خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىمىز.

  پاكىز، گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇشقا تىرىشىمىز

  ئادەم بىلەن تەبىئەتنىڭ ئىناقلىقىنى ئىلگىرى سۈرىمىز. تەبىئىي ئورمان، تۈزلەڭلىك ئورمىنى ۋە چۆل يېپىنچا ئۆسۈملۈكلىرىنى قوغداش قۇرۇلۇشىنى داۋاملىق ئىلگىرى سۈرۈپ، 1 مىليون 60 مىڭ مو ئورمان بەرپا قىلىپ، 950 مىڭ موسىنى دائىرىلەپ پەرۋىش قىلىمىز، چارۋا بېقىش چەكلىنىدىغان تەبىئىي يايلاق دائىرىسىنى تىرىشىپ كېڭەيتىمىز. دۇنيانىڭ تەبىئىي مىراسلىرى قاتارىغا كىرگەن جايلار، داڭلىق سەيلىگاھلار، تەبىئىيلىكى قوغدىلىدىغان رايونلار، قۇملاشقان يەرلەرنى دائىرىلەپ مۇھاپىزەت قىلىش رايونلىرى، تەبىئىي ئورمانلار، مۇھىم سۇ مەنبەسى رايونلىرى، مۇھىم نەم يەرلەرنى قوغداش قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىمىز. بۇلغىمىسىز، پاكىز ئىشلەپچىقىرىشقا ياردەم بېرىپ، ئېنېرگىيە سەرپىياتى يۇقىرى ساھەلەرنىڭ ئېنېرگىيە سەرپىياتىنى باشقۇرۇش، تىزگىنلەشنى كۈچەيتىمىز. پەۋقۇلئاددە ئېنېرگىيە، قېزىلمىلارنى چارلاش - ئېچىش سالمىقىنى زورايتىمىز. سانائەتتىكى كېرەكسىز گاز، كېرەكسىز سۇ ۋە يۇندى قاتارلىقلارنى مەنبەسىدىن تىزگىنلەيمىز.

  شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىنى پۇختا، ياخشى ئىشلەيمىز

  ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىككە پايدىلىق بولۇشنى شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىنىڭ تۈپ نىشانى قىلىپ، ھەممىدە شىنجاڭنىڭ ئەمەلىيىتىنى چىقىش قىلىشتا چىڭ تۇرىمىز؛ مائارىپنى ياخشى تۇتۇشقا، ئىختىساسلىقلار ئارقىلىق شىنجاڭغا ياردەم بېرىشكە ئەھمىيەت بېرىمىز، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى ساقلاش ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇشقا نۇقتىلىق مەدەت بېرىمىز. كەسىپلەر بويىچە شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىشنى تېزلىتىمىز. ياردەمگە ئېرىشكەن جايلاردىكى ئاممىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، شۇ جاينىڭ ئەمەلىيىتىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان، ئىقتىساد بىلەن جەمئىيەت تەرەققىياتىغا پايدىلىق بولغان، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشقا تۈرتكە بولىدىغان، شۇ جاينىڭ بايلىقىنى ئۈنۈملۈك ئاچىدىغان ئەمگەك كۆجۈملەشكەن كەسىپلەرنى ئۆز لايىقىدا كىرگۈزىمىز. ئاز سانلىق مىللەت ئاممىنى ۋە ئالىي مەكتەپ، تېخنىكوملارنى پۈتكۈزگەنلەرنى شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان ئۆلكە، شەھەرلەرگە بېرىپ ئىشقا ئورۇنلىشىشقا تەرتىپلىك تەشكىللەيمىز.

  بىڭتۈەن ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى ۋە شىنجاڭدا تۇرۇشلۇق قىسىملارنىڭ قۇرۇلۇشىنى قوللايمىز

  بىڭتۈەن بىلەن يەرلىك «بىر تاختا شاھمات» دېگەن ئىدىيەنى پۇختا تۇرغۇزۇپ، بىڭتۈەننىڭ مۇقىملىقنى قوغداپ، چېگرانى ساقلاش ئىقتىدار قۇرۇلۇشىغا پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن ياردەم بېرىمىز، بىڭتۈەننىڭ يېڭىچە سانائەتلەشتۈرۈش، شەھەر - بازارلاشتۇرۇش، يېزا ئىگىلىكىنى زامانىۋىلاشتۇرۇش تەرەققىياتىنى زور كۈچ بىلەن قوللايمىز، بىڭتۈەن بىلەن يەرلىكنىڭ بىرلىكتە تەرەققىي قىلىشىنى ماسلاشتۇرىدىغان مېخانىزمنى مۇكەممەللەشتۈرىمىز. دۆلەت مۇداپىئەسى، ئارمىيە قۇرۇلۇشى ۋە ئىسلاھاتىنى قوللايمىز، ئارمىيە بىلەن خەلقنىڭ چوڭقۇر يۇغۇرۇلما تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرىمىز، قىسىم قۇرۇلۇشىنىڭ ئەمەلىي قىيىنچىلىقلىرىنى ھەل قىلىپ، قوش ھىمايە قىلىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرىمىز.

  ھۆكۈمەتنىڭ ئۆز قۇرۇلۇشىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىمىز

  پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ۋە ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ تەدبىر، ئورۇنلاشتۇرمىسىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، «يېڭى نورمال ھالەتكە ماسلىشىش، يېڭى تۆھپە يارىتىش» نى ئومۇمىي يېتەكچى قىلىپ، مۇقىملىقنى ساقلاش ئىقتىدارىمىز ۋە جەمئىيەت ئامانلىقىنى ھەر تەرەپلىمە تۈزەش ئىقتىدارىمىزنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرىمىز، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات خىزمىتىگە رەھبەرلىك قىلىش ئىقتىدارىمىزنى ئۆستۈرىمىز، تەرەققىياتقا بازار ئىگىلىكى ۋە قانۇن ئىدارە قىلىش ئۇسۇلى ئارقىلىق تۈرتكە بولۇش ئىقتىدارىمىزنى ئۆستۈرىمىز. خەلق قۇرۇلتىيى ۋە ئۇنىڭ دائىمىي كومىتېتىنىڭ قانۇن نازارەتچىلىكىنى ئاڭلىق قوبۇل قىلىمىز، خەلق سىياسىي كېڭىشىنىڭ سىياسىي جەھەتتىن مەسلىھەت بېرىش، دېموكراتىك نازارەت قىلىش، ھاكىمىيەت ئىشلىرىغا قاتنىشىش ۋە ھاكىمىيەت ئىشلىرىنى مۇھاكىمە قىلىش فۇنكسىيەسىنى ئادا قىلىشىنى قوللايمىز، دېموكراتىك پارتىيە - گۇرۇھلار، سودا - سانائەتچىلەر بىرلەشمىسى، پارتىيەسىز زاتلار، ئاممىۋى تەشكىلاتلار ۋە ئىجتىمائىي تەشكىلاتلارنىڭ پىكرىنى ئەستايىدىل ئاڭلايمىز. سىياسىي ئىنتىزام ۋە سىياسىي قائىدىنى چىڭىتىپ، شىنجاڭچە ياخشى كادىرلارنىڭ ئۈلگىسى بولىمىز. پارتىيە ئىستىلى - پاكلىق قۇرۇلۇشىدىكى سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيىتىمىز ۋە نازارەت قىلىش مەسئۇلىيىتىمىزنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرىمىز. چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش شەمشىرىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، ھوقۇققا بولغان چەكلىمە ۋە نازارەتچىلىكنى كۈچەيتىمىز.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر