- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
چاغان مەزگىلىدە شىنجاڭلىق ساياھەتچىلەر شەرقىي-جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرىگە بىۋاستە ئۇچالايدۇ
2016.01.13 14:49 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 13- يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 11-يانۋار، مۇخبىرنىڭ جەنۇب ئاۋىياتسىيەسى شىنجاڭ شۆبە شىركىتىدىن ئىگىلىشىچە، 2016-يىللىق چاغانلىق يولۇچى توشۇش مەزگىلىدە جەنۇب ئاۋىياتسىيەسى شىنجاڭدا 342نۆۋەتچى ئايروپىلاننى كۆپەيتىدىكەن. بۇ يىل جەنۇبىي ئاۋىياتسىيەسى شىنجاڭدىكى توققۇز مۇھىم ئاۋىياتىسيە لىنىيەسىدىن سىرت، يەنە يېڭىدىن ئۈرۈمچى-لەنجۇ-باڭكوك، ئۈرۈمچى-ئاقسۇ-خوتەن، گۇاڭجۇ-ئۈرۈمچى-باكۇدىن ئىبارەت ئۈچ ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىنى ئاچىدىكەن.
خىزمەتچى خادىمنىڭ تونۇشتۇرىشىچە، بۇ يىللىق چاغانلىق يولۇچى توشۇش ھارپىسىدا، جەنۇب ئاۋىياتسىيەسى شىنجاڭدا تۇنجى قېتىم خەلقئارا ئاۋىياتىسيە لىنىيەسىنى ئاچىدىكەن. ئۈرۈمچى-لەنجۇ-باڭكوك ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىنىڭ ئېچىلىشى، شىنجاڭدىن شەرقىي-جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرىگە بىۋاستە بارغىلى بولماسلىقتەك بوشلۇقنى تولدۇرىدۇ. چاغانلىق يولۇچى توشۇشتىن بۇرۇن شىنجاڭ ئىچىدە ئۈرۈمچى-ئاقسۇ-خوتەن لىنىيەسىنىڭ ئېچىلىشى، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ۋىلايەت-ئوبلاستلارنىڭ مەركىزىي شەھەر بىلەن باردى-كەلدى قىلىشىدا يېڭى بىر ھاۋا قاتنىشى تۈگۈنىنى ھاسىل قىلىدۇ. (مەرھابا تەرجىمىسى)
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر