خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 13- يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: قارشى تەرەپ مەيدانىدىكى ئۇدا ئالتە قېتىملىق مۇسابىقىدىن كىيىن، شىنجاڭ ئاياللار ۋاسكېتبول كوماندىسى ئاخىرى ئۆز مەيدانىغا قايتىپ كەلدى. 12- يانۋار شىنجاڭ ئاياللار ۋاسكېتبول كوماندىسى بىلەن شاڭخەي ئاياللار ۋاسكېتبول كوماندىسى مۇسابىقىلەشتى. تۆت قېتىملىق مۇسابىقە ئارقىلىق، شىنجاڭ ئاياللار ۋاسكېتبول كوماندىسى ئاخىرىدا 73قارشى 91نەتىجە بىلەن رەقىبىنى يېڭىپ، غەلىبىنى قولغا كەلتۈردى،شۇنداقلا نەتىجە بويىچە ئالدىنقى ئورۇنغا تىزىلدى.
نۆۋەتتە،جوڭگو ئاياللار ۋاسكىتبول بىرلەشمە مۇسابىقىسى ئادەتتىكى پەسىللىك مۇسابىقە ئۈچىنچى باسقۇچلۇق مۇسابىقىسىنىڭ يېرىمى تۈگەپ بولدى، بۇ مەيدان مۇسابىقىدىن بۇرۇن، شىنجاڭ ئاياللار ۋاسكېتبول كوماندىسى 5مەيدان يېڭىپ، 3مەيدان ئۇتتۇرۇپ، گۇرۇپپا بويىچە بېيجىڭ كوماندىسىدىن قالسىلا ئىككىنچى ئورۇندا تۇرغانىدى. شىنجاڭ ئاياللار ۋاسكېتبول كوماندىسى بۇ قېتىملىق مۇسابىقىدە شاڭخەي ئاياللار ۋاسكېتبول كوماندىسىنى يەڭدى، ئەمما بېيجىڭ كوماندىسى گۇاڭدۇڭ كوماندىسىغا ئۇتتۇرۇپ قويدى. گەرچە شىنجاڭ كوماندىسى بىلەن بېيجىڭ كوماندىسىنىڭ يېڭىش - يېڭىلىش مەيدان قېتىمى ئوخشاش بولسىمۇ، لېكىن نومۇر جەھەتتە شىنجاڭ كوماندىسى ئالدىنقى ئورۇندا تۇرىدۇ،شۇڭا شىنجاڭ ئاياللار ۋاسكېتبول كوماندىسى بىرلەشمە مۇسابىقە جۇغلانما نومۇر جەھەتتە بىرىنچى ئورۇندا تۇردى. (مەرھابا تەرجىمىسى)
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز
مەنبە: خەلق تورى