باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى ھەر قايسى مەھەللىلەردە 2 - بالىنى تۇغۇش مۇلازىمەت كىنىشكىسى بېجىرىشكە بولىدۇ

2016.01.13 14:44         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 13- يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 11- يانۋار مۇخبىرنىڭ ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى ھەر قايسى مەھەللىلەردىن ئىگىلىشىچە، تۇغۇت يېشىدىكى ئاياللار 2 - پەرزەنتلىك بولۇشتا قايتا پەرزەنىتلىك بۇلۇش رەسمىيىتى بېجىرمىسىمۇ بولىدىكەن. ئۈرۈمچى شەھىرى دائىملىق نوپۇسدىكىلەر قانۇنلۇق 2 - پەرزەنتلىك بۇلۇشتا ئەر - ئايال كىملىكىنى ئېلىپ، ئەر - ئايال خالىغان بىر تەرەپنىڭ نوپۇسى تۇرۇشلۇق جايى، ھازىر تۇرۇۋاتقان جايدىكى مەھەللە ئىش بىجىرىش ئورنى ياكى يېزا - بازارلىق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ پىلانلىق تۇغۇت مەمۇرىي تارمىقىغا پەرزەنتلىك بۇلۇشنى تىزىمغا ئالدۇرسىلا بولىدىكەن، پەرزەنتلىك بۇلۇشنى تىزىمغا ئالدۇرۇش، تۇغۇت يېشىدىكى ئاياللارنىڭ ھامىلدارلىق مەزگىلىدىكى ساقلىقنى ساقلاش قاتارلىق مۇلازىمەتلەرنىڭ قولايلىق بۇلۇشى ئۈچۈن ئىكەن.

  بۇنىڭدىن بۇرۇن، ئۈرۈمچى شەھەرلىك نوپۇس ۋە پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتى ھەر قايسى رايون، ناھىيەلىك پىلانلىق تۇغۇت تارماقلىرىغا ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، دۆلەتنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىككى پەرزەنتلىك بولۇشنى يولغا قويۇش سىياسىتى قارارىغا ئاساسەن، ئالاقىدار ئورۇنلاردىن « 2 - پەرزەنتلىك بۇلۇش » نى تىزىملاش مۇلازىمىتى خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنى تەلەپ قىلدى ھەمدە ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ دائىملىق نوپۇسى بىر بالىلىق تۇغۇت مۇلازىمەت كىنىشكىسى تەرتىپى بويىچە 2 - بالىنى تۇغۇش مۇلازىمەت كىنىشكىسى بېجىرسە بولىدىغانلىقىنى ئېنىق بەلگىلىدى.

  5- يانۋار ئېلان قىلىنغان « ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىككى پەرزەنتلىك بولۇش سىياسىتىنى يولغا قويۇش، پىلانلىق تۇغۇت مۇلازىمىتىنى باشقۇرۇشنى ئىسلاھ قىلىش، مۇكەممەللەشتۈرۈش توغرىسىدىكى قارارى »ئاساسەن، ئېلىمىزدا تۇغۇشنى تىزىملاش مۇلازىمىتى تۈزۈمى يولغا قويۇلۇپ، ئىككى پەرزەنت كۆرۈشتە تەكشۈرۈپ تەستىقلاش كەتمەيدۇ، ئائىلىلەر ئۆز ئالدىغا پەرزەنتلىك بولۇشنى ئورۇنلاشتۇرسا بولىدۇ. (مەرھابا تەرجىمىسى)

  تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر