- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئۈرۈمچى شەھىرىدە يىپەك يولى قار ـ مۇز مەنزىرىسى بايرىمى باشلاندى
2016.01.13 14:47 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 13- يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يىپەك يولى ئۆرپ - ئادەتلىرى ئاساسىي تېما قىلىنغان 13-نۆۋەتلىك يىپەك يولى قار ـ مۇز مەنزىرىسى بايرىمى 10- يانۋار ئۈرۈمچى شەھىرىدە باشلاندى. بۇ نۆۋەتلىك قار - مۇز قار - مۇز بايرىمى مۇنبىرى، قار - مۇز سەيلىسى، قار - مۇز مەدەنىيىتى، قار مۇز تەنھەرىكىتى قاتارلىق تۆت چوڭ تېما، 50نەچچە تۈرلۈك پائالىيەتنى قانات يايدۇرۇپ، 13 - نۆۋەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت يىغىنى باشلىنىشتىن بۇرۇنقى تەشۋىقات خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىدى.
قار ـ مۇز ساياھەتچىلىكى جەھەتتە، بۇ يىل « ھۆكۈمەت ئارقىلىق خەلققە نەپ يەتكۈزۈش، ئومۇمىي خەلق قاتنىشىش، قار - مۇز سەيلىسى سىناق كارتا » پائالىيىتىنى داۋاملىق ئېلىپ بېرىپ، 50مىڭ دانە كارتا تارقىتىلدى.
بۇ نۆۋەتلىك يىپەك يولى قار ـ مۇز مەنزىرىسى بايرىمى 13 - نۆۋەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت يىغىنىدىن پايدىلىنىپ، قار ـ مۇز بايرىمى مەزگىلىدە قار مۇز تەنھەرىكىتى مۇسابىقىسى ئېلىپ بېرىلىدۇ. كىشىلەر ئارىسىدىكى مۇناسىۋەت . پۈتۈن شەھەردىكى قىشلىق سۇ ئۈزۈش ھەۋەسكارلىرىنى تەشكىللىنىپ، مەملىكەت بويىچە قىشلىق سۇ ئۈزۈش كۈنى پائالىيىتى ۋە يىللىق مۇسابىقىسى، ئدۋېند لوڭقىسى خەلقئارا ياش - ئۆسمۈرلەر قار تېيىلىش مۇسابىقىسى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك 5 - نۆۋەتلىك ئەقلىي ئىقتىدار مۇسابىقىسى، ئاپتونوم رايونلۇق تېز سۈرئەتتە مۇز تېيىلىش يىللىق مۇسابىقىسى ئېلىپ بېرىلىدۇ، شۇنداقلا « قار ـ مۇزنى ھەمراھ قىلىپ، ساغلاملىق بىلەن تەڭ ئىلگىرلەش » باش تېما قىلىنغان قىزىقارلىق تەنتەربىيە ھەرىكىتى قانات يايدۇرىلىدۇ. (مەرھابا تەرجىمىسى)
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر