باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

شى جىنپىڭ مەركەز ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسىنىڭ 20-قېتىملىق يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى

2016.01.13 10:42         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ رەئىسى، مەركەز ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى شى جىنپىڭ تۈنۈگۈن چۈشتىن كېيىن مەركەز ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسىنىڭ 20-قېتىملىق يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى ھەمدە مۇھىم سۆز قىلدى. ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشنىڭ دەسلەپكى ئۈچ يىلى ئاساسنى پۇختىلايدىغان، رامكىنى ھاسىل قىلىدىغان ئۈچ يىل، بۇ يىل ئىسلاھاتنىڭ ئاساسىي رامكىسىنى ھاسىل قىلىشىمىز كېرەك. ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۈشنىڭ تۈرلۈك نىشانلىرىنى مەھكەم ئىگىلەپ، ئاساسىي گەۋدىنىڭ مەسئۇلىيىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مەسئۇلىيەت زەنجىرىنى ئېنىقلاپ، مەسئۇلىيەتنى چىڭىتىپ، مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىش ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇپ، ئاساسىي ھالقىلارنى راۋانلاشتۇرۇپ، توسالغۇلارنى تازىلاپ، ئومۇميۈزلۈك جانلاندۇرۇپ، تۈرلۈك ئىسلاھاتلارنى تىرىشىپ ھەقىقىي ئەمەلىيلەشتۈرۈشىمىز لازىم.

  جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزالىرى، مەركەز ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقلىرىدىن لى كېچياڭ، ليۇ يۈنشەن، جاڭ گاۋلىلار يىغىنغا قاتناشتى.

  يىغىندا «مەمۇرىيەتنى ئاشكارىلاش خىزمىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى پىكىر»، «دۆلەت خىزمەتچىلىرى قانۇن ئۆگىنىش، قانۇندىن پايدىلىنىش تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش ھەققىدىكى پىكىر»، «ۋەزىپىگە مۇناسىۋەتلىك جىنايەتلەرنى پاش قىلغۇچىلارنى قوغداش، مۇكاپاتلاش بەلگىلىمىسى»، «مەمۇرىي فۇنكسىيەنى ئۈستىگە ئالغان كەسپىي ئورۇنلاردا ئىسلاھات سىنىقىنى يولغا قويۇشقا يېتەكچىلىك قىلىش پىكرى»، «پەن-تېخنىكا جەمئىيىتى سىستېمىسىنىڭ ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنىڭ يولغا قويۇش لايىھەسى»، «جەمئىيەت ئامانلىقىنى ھەر تەرەپلىمە ئوڭشاشقا رەھبەرلىك قىلىش مەسئۇلىيىتى تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈش بەلگىلىمىسى»، «جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگانلىرىنىڭ قوشۇمچە ساقچى خادىملىرىنى باشقۇرۇش خىزمىتىنى قېلىپلاشتۇرۇش ھەققىدىكى پىكىر» قاراپ چېقىلىپ ماقۇللاندى.

  يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: ئىسلاھات مەسئۇلىيىتىنى ئۈستىگە ئالغان ئوخشاش بولمىغان ئاساسىي گەۋدىلەرنىڭ ئاساسىي گەۋدىلىك مەسئۇلىيىتىنى ئېنىق ئايرىپ، مەسئۇلىيىتىنى ھەقىقىي ئەمەلىيلەشتۈرۈش، ھەم ھەر قايسىسى ئۆز ۋەزىپىسىنى ئادا قىلىدىغان، ئۆز مەسئۇلىيىتىنى ئۈستىگە ئالىدىغان، ھەم ئۆزئارا ھەمكارلىشىپ ماسلىشىدىغان ۋەزىيەت يارىتىش كېرەك. مەخسۇس تۈر گۇرۇپپىسى ھەم بىر تۇتاش ئورۇنلاشتۇرۇپ، ھەم ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە نازارەتچىلىك قىلىپ، بىر قىسىم ئاچقۇچلۇق ئىسلاھاتلار ھەققىدە باش بولۇپ لايىھە تۈزۈشكە تەشكىللىشى كېرەك. ئىسلاھاتقا باشلامچىلىق قىلىۋاتقان تارماقلار مەركەز ئورۇنلاشتۇرغان كونكرېت ئىسلاھات ۋەزىپىلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشتىكى مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالغان ئاساسىي گەۋدە، تارماقلارنىڭ ئاساسلىق رەھبەرلىرىنىڭ ئىسلاھاتنى بىر تۇتاش پىلانلاپ ماسلاشتۇرۇش، لايىھەنىڭ سۈپىتى، پايدىنى تەڭشەش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە ھەيدەكچىلىك قىلىشتا بىۋاسىتە مەسئۇلىيىتى بار، پۈتۈن جەريان سۈرۈشتۈرىلىشى، ھەر بىر ھالقىدا ئەمەلىيلەشتۈرگىلى، تەكشۈرگىلى بولىدىغان قاتتىق تەلەپ بولۇشى كېرەك. يەرلىك پارتكوملار ئۈز رايونىنىڭ ئىسلاھاتىنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشتا ئاساسىي گەۋدىلىك مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالغان، شۇڭا ھەم مەركەز ئورۇنلاشتۇرغان ئىسلاھات ۋەزىپىلىرىنى ھەقىقىي ئەمەلىيلەشتۈرۈشى، ھەم ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرگەن ھالدا يەرلىكنىڭ ئىسلاھاتىنى يولغا قويۇپ، ئاساسىي قاتلامنى يېڭىلىق يارىتىشقا ئىلھاملاندۇرۇشى ۋە قوللىشى كېرەك. پارتكوم شۇجىلىرى باش مەسئۇل بولۇش سۈپىتى بىلەن، ھەم باشلامچىلىق قىلىشى، ھەم ئۆزى ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئىسلاھاتنى چىڭ تۇتۇشى كېرەك. مەركەز ئورۇنلاشتۇرغان زور ئىسلاھات تەدبىرلىرىنى ئۆز يېرىنىڭ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرگەن ھالدا تەپسىلىيلەشتۈرۈپ، ھەر ۋاقىت كۆڭۈل بۆلۈپ، ھەر ۋاقىت تەكشۈرۈپ، ھەر ۋاقىت دىققەت قىلىپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چىڭ تۇتۇشى؛ ئىسلاھاتقا نازارەتچىلىك قىلىش خىزمىتىنى مۇھىم ئورۇنغا قويۇپ، نازارەتچىلىك قىلىش خىزمىتىنى كۈچەيتىشى لازىم.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر