باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر>>شى جىنپىڭ

ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن دۆلەت پەن-تېخنىكا مۇكاپاتى يىغىنى ئاچتى

شى جىنپىڭ يىغىنغا قاتناشتى ۋە مۇكاپاتقا ئېرىشكەن ۋەكىللەرگە مۇكاپات تارقاتتى، لى كېچياڭ سۆز قىلدى، ليۇ يۈنشەن يىغىنغا قاتناشتى، جاڭ گاۋلى يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى

2016.01.11 15:46         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 11-يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن 8-يانۋار چۈشتىن بۇرۇن بېيجىڭدا دۆلەت پەن-تېخنىكا مۇكاپاتى يىغىنى ئاچتى. پارتىيە ۋە دۆلەت رەھبەرلىرىدىن شى جىنپىڭ، لى كېچياڭ، ليۇ يۈنشەن، جاڭ گاۋلى يىغىنغا قاتناشتى ھەم مۇكاپاتقا ئېرىشكۈچىلەر ۋەكىللىرىگە مۇكاپات بەردى. لى كېچياڭ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەنگە ۋاكالىتەن يىغىندا سۆز قىلدى. جاڭ گاۋلى يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

  ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتىنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ قىزغىن ئالقىش ساداسى ئىچىدە، 2015-يىللىق دۆلەت تەبىئىي پەن مۇكاپاتى، دۆلەت تېخنىكا كەشپىياتى مۇكاپاتى، دۆلەت پەن-تېخنىكا تەرەققىياتى مۇكاپاتى ۋە جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى خەلقئارا پەن-تېخنىكا ھەمكارلىق مۇكاپاتىغا ئېرىشكەنلەر ۋەكىللىرىگە مۇكاپات بەردى ۋە ئۇلار بىلەن قىزغىن قول ئېلىشىپ كۆرۈشتى.

  ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ زۇڭلىسى لى كېچياڭ سۆز قىلىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەنگە ۋاكالىتەن مۇكاپاتقا ئېرىشكەنلەرنى قىزغىن تەبرىكلىدى، پۈتۈن مەملىكەتتىكى پەن-تېخنىكا خىزمەتچىلىرىگە ئالىي ئېھتىرام بىلدۈردى ۋە ئۇلاردىن سەمىمىي ھال سورىدى، جۇڭگونىڭ پەن-تېخنىكا ئىشلىرىغا كۆڭۈل بۆلگەن ۋە قاتناشقان چەت ئەللىك مۇتەخەسسىسلەرگە سەمىمىي رەھمەت ئېيتتى.(شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)

  مەنبە:خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر