باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

بۇ يىل كارخانىلارنىڭ 500 مىليارد يۈەندىن ئارتۇق باج يۈكى ئازايتىلىدۇ

2016.01.13 10:21         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  بۇ يىل ئېلىمىز تىجارەت بېجىنى كۆپەيمە قىممەت بېجىغا ئۆزگەرتىشنى ئومۇميۈزلۈك تاماملايدۇ، نۇرغۇن كەسىپلەر باجنى ئازايتىشنىڭ پايدىسىنى كۆرىدۇ، بىر قىسىم ھۆكۈمەت خاراكتېرلىك فوند، ھەق ئېلىش تۈرلىرىنىڭ تارىخ سەھنىسىدىن چېكىنىپ چىقىشىدىن ئۈمىد بار، مۇتەخەسسىسلەر تەھلىل قىلىپ، بۇ تەدبىرلەر ئارقىلىق، كارخانىلارنىڭ تەننەرخىنى 500 مىليارد يۈەندىن ئارتۇق ئازايتىشتىن ئۈمىد بار دېدى.

  ئەمەلىيەتتە، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئېلىمىزنىڭ باج ھېسابلايدىغان كىچىك دائىرىلىك ماكرولۇق باج يۈكى %20 ئەتراپىدا بولۇپ كەلدى، بۇ سان ئانچە يۇقىرى ئەمەس. لېكىن، باجدىن باشقا تۈرلۈك ھەقلەر، ھۆكۈمەت خاراكتېرلىك فوندلار كارخانىلار يۈكىنىڭ مۇھىم تەركىبىنى ھاسىل قىلغان بولۇپ، بۇنىڭغا سەل قاراشقا بولمايدۇ. مۇتەخەسسىسلەر بۇ يىل دۆلەتنىڭ ھەقلەرنى يەنىمۇ ئېنىقلاش، ھۆكۈمەت خاراكتېرلىك فوندلارنى ئاددىيلاشتۇرۇش ئىسلاھاتىنىڭ يۆنىلىشىدە، تېخىمۇ كۆپ ھۆكۈمەت خاراكتېرلىك فوند، ھەق تۈرلىرى تارىخ سەھنىسىدىن چېكىنىپ چىقىدۇ دېدى. نۇرغۇن مۇتەخەسسىسلەر بۇ يىل كارخانىلارغا ئالاقىدار ھەق تۈرلىرىنى ئېنىقلاشنى تېخىمۇ كۈچەيتىپ، ۋاسىتىچىلىك قىلىپ ھەق ئېلىشنى نۇقتىلىق تۈزەپ، مەمۇرىي تەستىقلاشتىن بۇرۇنقى ۋاسىتىچىلىك مۇلازىمەت ھەققىنى تېزدىن ئېلان قىلىپ، ۋاسىتىچىلىك ھەققى بىلەن مەمۇرىي خىزمەت ھوقۇقىنىڭ ئالاقىسىنى تۈزۈم جەھەتتىن ئۈزۈپ تاشلاش كېرەك دەپ تەكلىپ بەردى.

  مۇئاۋىن سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش مىنىستىرى شىن گوبىن بىز جايلار، تارماقلاردا ھەق ئېلىش تىزىملىكىنى ئېلان قىلىش ئاساسىدا، پۈتۈن مەملىكەتتە كارخانىلارغا ئالاقىدار ھەق ئېلىش تىزىملىكى تۈر ئامبىرىنى تەدرىجىي ئورنىتىپ ۋە ئاشكارىلاپ، كارخانىلارنىڭ ھەق تاپشۇرۇشىغا سۈرۈشتۈرۈش ئاساسى ھازىرلاپ بېرىمىز دېدى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر