- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
دېمىستۇرا: ئىران بىلەن سەئۇدى ئەرەبىستانى سۇرىيە تىنچلىق سۆھبىتىنى داۋاملىق قوللايدۇ
2016.01.12 09:44 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى باش كاتىپىنىڭ سۇرىيە مەسىلىسى ئالاھىدە ئەلچىسى دېمىستۇرا تۈنۈگۈن مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ ناچارلىشىشى سۇرىيەنىڭ تىنچلىق مۇساپىسىنى قوللاشقا تەسىر كۆرستمەيدىغانلىقى ھەققىدە مەن ئىران بىلەن سەئۇدى ئەرەبىستانى دائىرىلىرىنىڭ كاپالىتىگە ئېرىشتىم.
ئۆتكەن يىلى 18-دېكابىر، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشى سۇرىيە مەسىلىسىنى سىياسىي يول ئارقىلىق ھەل قىلىش ھەققىدە بىردەك قارار ماقۇللاپ، 2016-يىلى يانۋارنىڭ باشلىرى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ياراشتۇرۇشى ئارقىسىدا سۇرىيەدىكى ھەر قايسى گۇرۇھلارنىڭ رەسمىي تىنچلىق سۆھبىتىنى باشلاشقا تىرىشتى. دېمىستۇرا شۇندىن كېيىن مۇنداق دېدى: مەن 2016-يىلى 25-يانۋار جەنۋەدە سۇرىيەدىكى ھەر قايسى گۇرۇھلارنى تىنچلىق سۆھبىتىگە چاقىرىمەن.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر