- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
تۈركىيە زۇڭلىسى: كۇرد ئىشچىلار پارتىيەسى قوراللىقلىرىغا داۋاملىق زەربە بېرىمىز
2016.01.12 09:45 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
تۈركىيە زۇڭلىسى داۋۇت ئوغلى تۈنۈگۈن سۆز قىلىپ، تۈركىيە شەرقىي جەنۇبىي رايوندىكى ھەرىكىتىدە ھۆكۈمەتكە قارشى كۇرد ئىشچىلار پارتىيەسى قوراللىقلىرىغا قاتتىق زەربە بېرىدۇ دەپ تەكىتلىدى.
تۈركىيە قوراللىق قىسمىنىڭ باش قوماندانلىق ئىشتابى تۈنۈگۈن بايانات ئېلان قىلىپ مۇنداق دېدى: ئۆتكەن يىلى 15-دېكابىردىن بۇيان، تۈركىيە بىخەتەرلىك قىسمى شەرقىي جەنۇبتىكى سىرناك ئۆلكىسىنىڭ سىلوپى ۋە جىزرى ناھىيەسى ھەمدە دىياربەكىر ئۆلكىسىنىڭ سۇر ناھىيەسىدە كەڭ كۆلەملىك ھەربىي ھەرىكەت ئېلىپ بېرىپ، كۇرد قوراللىق ئۇنسۇرىدىن 448نى ئېتىپ ئۆلتۈردى.
كۇرد ئىشچىلار پارتىيەسى 1979-يىلى قۇرۇلغان بولۇپ، قورال ئارقىلىق تۈركىيە، ئىراق، ئىران ۋە سۇرىيە تۇتۇشىدىغان كۇردلار ئولتۇراقلاشقان رايوندا مۇستەقىل دۆلەت قۇرۇشقا ئۇرۇنۇپ كەلگەنلىكتىن، تۈركىيە، ئامېرىكا، ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقى تەرىپىدىن تېررورلۇق تەشكىلات دەپ قارالغان ئىدى.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر