باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر>>شى جىنپىڭ

شى جىنپىڭ ھەربىي كومىتېت ئورگىنى ھەر قايسى تارماقلىرىنىڭ مەسئۇللىرىنى قوبۇل قىلغاندا مۇنۇلارنى تەكىتلىدى:

سىياسىيغا ئەھمىيەت بېرىپ، غەلىبە ئۈستىدە ئىزدىنىپ، مۇلازىمەت قىلىپ ۋە ئۈلگە بولۇپ، تىرىشىپ پولاتتەك مۇستەھكەم ئىرادە، ئىشەنچ، ئىنتىزام، مەسئۇلىيەتچانلىققا ئىگە ھەربىي كومىتېت ئورگىنى قۇرۇپ چىقىش كېرەك

2016.01.12 14:23         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 12-يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ 11-يانۋار تەرتىپكە سېلىپ تەشكىللەنگەندىن كېيىنكى ھەربىي كومىتېت ئورگىنى ھەر قايسى تارماقلىرىنىڭ مەسئۇللىرىنى قوبۇل قىلغاندا مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: پارتىيەنىڭ يېڭى ۋەزىيەتتىكى ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش نىشانىنى زىچ چۆرىدەپ، يېڭى ۋەزىيەتتىكى ھەربىي ئىشلار ئىستراتېگىيەلىك فاڭجېنىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، بۇرچ، مەسئۇلىيەتنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، ھەربىي كومىتېتنىڭ ئىستراتېگىيەلىك مەسلىھەتچىلىكىنى ياخشى قىلىپ، تىرىشىپ پولاتتەك مۇستەھكەم ئىرادە، ئىشەنچ، ئىنتىزام، مەسئۇلىيەتچانلىققا ئىگە ھەربىي كومىتېت ئورگىنى قۇرۇپ، جۇڭگو ئارزۇسى، ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن تۆھپە قوشۇش كېرەك.

  شى جىنپىڭ چۈشتىن بۇرۇن سائەت 10:00دا «1-ئاۋغۇست» بىناسىنىڭ قۇياش زالىغا كېلىپ يولداشلار بىلەن قىزغىن قول ئېلىشىپ كۆرۈشۈپ، بىرگە خاتىرە سۈرەتكە چۈشتى، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ۋە ھەربىي كومىتېتقا ۋاكالىتەن يېڭى ھەربىي كومىتېت ئورگىنىنىڭ قۇرۇلغانلىقىنى قىزغىن تەبرىكلىدى.

  شى جىنپىڭ ھەربىي كومىتېت ئورگىنىنىڭ تەرتىپكە سېلىپ تەشكىللىنىش ئەھۋالى دوكلاتىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن مۇھىم سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: ھەربىي كومىتېت ئورگىنىنى تەرتىپكە سېلىپ تەشكىللەش ۋەزىپىسى ئاساسىي جەھەتتىن تاماملاندى، بۇ ئارمىيەمىزنىڭ رەھبەرلىك، قوماندانلىق قىلىش تۈزۈلمە ئىسلاھاتىدا قولغا كەلتۈرگەن بۆسۈش خاراكتېرلىك ئىلگىرىلەش، ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئىستراتېگىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇش، ئىسلاھ قىلىشتىكى بەلگە خاراكتېرلىك نەتىجىسى، جۇڭگوچە ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش يولىدا بېسىلغان ھالقىلىق بىر قەدەم. تەرتىپكە سېلىپ تەشكىللەنگەندىن كېيىنكى ھەربىي كومىتېت ئورگىنىنىڭ تۇنجى رەھبەرلىك بەنزە ئەزالىرى ئىنقىلابىي ھەربىيلەردە بولۇشقا تېگىشلىك ساداقەتمەنلىك، مەسئۇلىيەتنى دادىل ئۈستىگە ئېلىش، باتۇرلۇق خىسلەتلىرىنى ھازىرلاپ، سىياسىيغا ئەھمىيەت بېرىپ، غەلىبە ئۈستىدە ئىزدىنىپ، مۇلازىمەت قىلىپ ۋە ئۈلگە بولۇپ، جاسارەتلىك، ياراملىق بولۇش روھى بىلەن دۆلەتنى، ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئەمەلىيىتىگە ئاتلىنىپ، تارىخقا، دەۋرگە، پارتىيە، خەلققە يۈز كېلەلەيدىغان خىزمەت نەتىجىلىرىنى تىرىشىپ يارىتىشى كېرەك.

  ئىگىلىنىشچە، بۇ قېتىمقى ھەربىي كومىتېت ئورگىنىنى تەرتىپكە سېلىپ تەشكىللەشتە ھەربىي كومىتېت ئومۇميۈزلۈك باشقۇرۇش، ئۇرۇش رايونىدا ئۇرۇشنى ئاساس قىلىش، ئارمىيە تۈرىنى قۇرۇش ئومۇمىي پرىنسىپى بويىچە، باش شتاب تۈزۈمىنى كۆپ تارماقلارنىڭ تۈزۈمىگە ئايلاندۇرۇپ، ئەسلىدىكى باش شتاب، باش سىياسىي بۇ، باش ئارقا سەپ تەمىنات بۇسى، باش قورال-ياراغ بۇسىدىن ئىبارەت تۆت باش بۇ ھەربىي كومىتېت بەنگۇڭتىڭى، ھەربىي كومىتېت بىرلەشمە باش شتابى، ھەربىي كومىتېت سىياسەت خىزمەت بۆلۈمى، ھەربىي كومىتېت ئارقا سەپ تەمىنات كاپالىتى بۆلۈمى، ھەربىي كومىتېت قورال-ياراغ تەرەققىيات بۆلۈمى، ھەربىي كومىتېت تەلىم-تەربىيە باشقۇرۇش بۆلۈمى، ھەربىي كومىتېت دۆلەت مۇداپىئەسى سەپەرۋەرلىك بۆلۈمى، ھەربىي كومىتېت ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، ھەربىي كومىتېت سىياسىي قانۇن كومىتېتى، ھەربىي كومىتېت پەن-تېخنىكا كومىتېتى، ھەربىي كومىتېت ئىستراتېگىيەلىك پىلان ئىشخانىسى، ھەربىي كومىتېت ئىسلاھات ۋە شتات ئىشخانىسى، ھەربىي كومىتېت خەلقئارا ھەربىي ئىشلار ھەمكارلىق ئىشخانىسى، ھەربىي كومىتېت ئىقتىسادىي تەپتىش مەھكىمىسى، ھەربىي كومىتېت ئورگان ئىشلىرىنى باشقۇرۇش باش ئىدارىسى قاتارلىق 15 فۇنكسىيەلىك تارماققا ئۆزگەرتىلگەن. (شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر