- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
بۇلتۇر ئېلىمىز مەبلەغ سېلىش سۈرئىتىنىڭ %10 ئاشقانلىقى مۆلچەرلەندى
2016.01.13 10:19 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
كۆپ تەرەپلىك ئورگانلارنىڭ مۆلچىرىنى يىغىنچاقلىغاندا، بۇلتۇر ئېلىمىزنىڭ مۇقىم مۈلۈككە سالغان مەبلىغىنىڭ ئېشىش سۈرئىتى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %10 ئەتراپىدا ئاشقان، مۇقىم ئاشۇرۇش سىياسىتى تەدبىرىنىڭ تەدرىجىي ئۈنۈم بېرىشى ھەم 13-بەش يىللىق پىلاننى يولغا قويۇش قاتارلىق ئامىللارنىڭ تەسىرىدە، بۇ يىللىق مەبلەغ سېلىشنىڭ ئېشىشى سەل يۇقىرىلايدىكەن.
مەركىزىي بانكا خەلقئارا پۇل مۇئامىلە تەتقىقاتخانىسىنىڭ ماكرولۇق ئىقتىساد تەتقىقاتىنى باشقۇرغۇچىسى جۇ جىڭتوڭ بۇ يىللىق مەبلەغ سېلىشنىڭ ئېشىشىغا بولغان مۆلچەر ھەققىدە بازاردا پەيدا بولغان ئىككى خىل ئوخشىمىغان سادا توغرىسىدا مۇنداق دەپ قارىدى: بۇ يىل مەبلەغ سېلىشنىڭ ئېشىشى داۋاملىق ئاستىلايدۇ، پۈتۈن يىلدا %8.5 ئەتراپىدا ئېشىشى مۇمكىن، ئەمما تېخىمۇ كۆپ ئورگانلار بۇنىڭغا ئاكتىپ پوزىتسىيە تۇتۇپ، بۇ يىللىق مەبلەغ سېلىش ۋەزىيىتى 2015-يىلىدىكىدىن سەل ياخشى بولىدۇ دەپ قارىدى.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر