باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئەنگىلىيەدە زور سوممىلىق لاتارىيە مۇكاپاتى چىقىپ، ئىككى كىشى 66 مىليون فوندستېرلىڭنى تەڭ بۆلۈشتى

2016.01.12 13:32         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 12-يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئەنگىلىيە دۆلەت لاتارىيەسىدىن 9-يانۋار چىققان بىرىنچى دەرىجىلىك مۇكاپاتنىڭ سوممىسى 66 مىليون فوندستېرلىڭ (تەخمىنەن 96 مىليون ئامېرىكا دوللىرى)غا يەتكەن بولۇپ، بۇ لاتارىيەنىڭ ئەڭ كۆپ سومما رېكورتىنى ياراتتى، مۇكاپات سوممىسىنى مۇكاپاتقا ئېرىشكەن ئىككى كىشى تەڭ بۆلۈشتى. ئەنگىلىيە دۆلەت لاتارىيەسىنى 1994-يىلى كاملوت لاتارىيە شىركىتى تارقاتقان بولۇپ، ھەر ئىككى ھەپتىدە بىر قېتىم ئېچىلىدۇ. ئەنگىلىيە لاتارىيە تارماقلىرىنىڭ خىزمەتچى خادىملىرى، بۇ قېتىم مۇكاپات ئېچىش 9-يانۋار كەچتە ئېلىپ بېرىلغان بولۇپ، ئادەتتىكى بىلەن سېلىشتۇرغاندا، بۇ قاراردا لاتارىيە سېتىۋالغانلار خېلىلا كۆپ بولغان. ئەنگىلىيە دۆلەت لاتارىيەسىدە بۇنىڭدىن ئىلگىرى ئېچىلغان ئەڭ يۇقىرى مۇكاپات 22 مىليون 600 مىڭ فوندستېرلىك (32 مىليون 800 مىڭ دوللار) بولۇپ، بۇنىڭدىن 20 نەچچە يىل بۇرۇن ئېچىلغان. بۇنىڭ بىلەن سېلىشتۇرغاندا، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ياۋروپادىكى داڭلىق لاتارىيە «ياۋروپا مىليون»نى سېتىۋالغان ئەنگىلىيەلىكلەر خېلى تەلەيلىك بولدى، 2011-يىلى شوتلاندىيەلىك بىر جۈپ ئەر ئايال 161 مىليون فوندستېرلىڭ (تەخمىنەن 230 مىليون دوللار)لىق «ياۋروپا مىليون» مۇكاپاتىغا ئېرىشتى، بۇ شۇ چاغدىكى ياۋروپا لاتارىيە تارىخىدىكى تاق تىكىشتىكى ئەڭ يۇقىرى مۇكاپات سوممىسى بولۇپ قالدى.

  تەرجىمە مۇھەررىرى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر