باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئەزالار جاڭ چۈنشيەن شۇجىنىڭ مۇھىم تەستىقىنى قىزغىن بەس - مۇنازىرە قىلدى

2016.01.13 09:57         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ج ك پ مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى جاڭ چۈنشيەن 9 - يانۋار «3 - سېنتەبىر» ئىلمىي جەمئىيىتى شىنجاڭ رايونلۇق كومىتېتىنىڭ «نامراتلارنى تۈجۈپىلەپ يۆلەپ، ماس قەدەمدە ھاللىق سەۋىيەگە يەتكۈزۈش توغرىسىدىكى بىر قانچە تەكلىپ»ىگە مۇھىم تەستىق سېلىپ، ئەزالارنىڭ نامراتلارنى تۈجۈپىلەپ يۆلەش، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە غەلىبە قىلىشقا كۆڭۈل بۆلگەنلىكىنى مۇئەييەنلەشتۈردى. جاڭ چۈنشيەن شۇجىنىڭ مۇھىم تەستىقى سىياسىي كېڭەش ئەزالىرىنى يەنە بىر قېتىم كۈچلۈك ئىلھاملاندۇردى، شۇنداقلا ئۇلارنىڭ ھاكىمىيەت ئىشلىرىغا قاتنىشىش ۋە ھاكىمىيەت ئىشلىرىنى مۇھاكىمە قىلىش ئىشەنچىسىنى ھەسسىلەپ ئاشۇردى. كۆپچىلىك بەس - بەستە مۇنداق دېيىشتى: يېڭى بىر يىلدا ئەزالار مەركەزنى چۆرىدەپ، ئومۇمىيەتكە مۇلازىمەت قىلىپ، رولىمىزنى ھەقىقىي ۋە ئۈنۈملۈك جارى قىلدۇرۇپ، ئىسلاھات، تەرەققىياتنى ئالغا سىلجىتىشقا ئاكتىپ كۈچ قوشۇپ، جەمئىيەت ئىناقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە كۈچنى مۇجەسسەملەپ، دېموكراتىك كېڭىشىشنى ئەمەلىيىتىمىزدە كۆرسىتىپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئىتتىپاق، مۇقىم بولغان، ئىسلاھات ۋە تەرەققىيات ئومۇميىتىگە تېخىمۇ زور تۆھپە قوشىمىز.

  ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئابدۇلېتىپ ئابدۇرېھىم مۇنداق دېدى: جاڭ چۈنشيەن شۇجىنىڭ مۇھىم تەستىقى سىياسىي كېڭەش ئەزالىرىنىڭ خىزمىتىنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈرگەنلىك ۋە ئۇنىڭغا يۈكسەك ئەھمىيەت بەرگەنلىك بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. رەھبەرلەرنىڭ سەمىمىي غەمخورلۇقى ۋە قوللىشى بىزنى تېخىمۇ كۈچلۈك ئىلھاملاندۇردى.

  ئەزا رادىل ئابلا مۇنداق دېدى: جاڭ چۈنشيەن شۇجىنىڭ بۇ تەكلىپكە ناھايىتى تېز تەستىق سېلىشى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ ئەزالارنىڭ ھاكىمىيەت ئىشلىرىغا قاتنىشىش ۋە ھاكىمىيەت ئىشلىرىنى مۇھاكىمە قىلىش خىزمىتىگە بەرگەن يۇقىرى باھاسى، شۇنداقلا خەلق تۇرمۇشىغا يۈكسەك دەرىجىدە كۆڭۈل بۆلگەنلىكى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. بۇ، بىزنىڭ فۇنكسىيەمىزنى ئادا قىلىش قىزغىنلىقىمىزنى ھەسسىلەپ ئاشۇردى.

  «3 - سېنتەبىر» ئىلمىي جەمئىيىتى شىنجاڭ رايونلۇق كومىتېتىنىڭ مەخسۇس ۋەزىپىدىكى مۇئاۋىن رەئىسى لى ئەنمىن مۇنداق دېدى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، بىز ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش خىزمىتىگە كۆڭۈل بۆلۈپ كەلدۇق، بۇلتۇر 3 - ئايدىن باشلاپ جەنۇبىي شىنجاڭ ۋە ئىچكىرى ئۆلكە، شەھەرلەردە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، نۇرغۇن قىممەتلىك ماتېرىياللارنى توپلىدۇق. مۇشۇ ئاساستا ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، تەكلىپ - پىكىر تەييارلىدۇق.

  ئەزا مەۋجۈدە ئىنايەت مۇنداق دېدى: «3 - سېنتەبىر» ئىلمىي جەمئىيىتى شىنجاڭ رايونلۇق كومىتېتى چوڭقۇر تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش ۋە نۇرغۇن سانلىق پاكىتلار ئاساسىدا بۇ تەكلىپنى تەييارلاپ يىغىنغا سۇنۇپتۇ، بىز بۇنىڭدىن كېيىن رولىمىزنى يەنىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، مەسىلىلەرنى بايقاپ، ئەستايىدىل تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، ياخشى تەكلىپلەرنى بېرىشكە بەكرەك كۈچىشىمىز كېرەك.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر