باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئەرەب ئەللىرى ئىتتىپاقى ئىراننىڭ سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلىشىشىغا قارشى تۇردى

2016.01.12 09:43         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئەرەب ئەللىرى ئىتتىپاقى تۈنۈگۈن ئەرەب ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ قاھىرەدىكى باش ئورگىنىدا ئەرەب ئەللىرى دىپلوماتىيە مىنىستىرلىرىنىڭ جىددىي يىغىنىنى ئېچىپ، 2-يانۋار يۈز بەرگەن سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ ئىراندىكى باش ئەلچىخانىسىنىڭ ھۇجۇمغا ئۇچراش ۋەقەسىنى ئەيىبلىدى ھەمدە ئىراننىڭ سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ ئىچكى ئىشىغا ئارىلىشىشىغا قەتئىي قارشى تۇرىمىز دېدى.

  ئەرەب ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ باش كاتىپى ئەرەبى يىغىندا: ئەرەب ئەللىرى بىردەك ئىتتىپاقلىشىپ، ئىراننىڭ باشقا دۆلەتلەرنىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلىشىشىغا قەتئىي قارشى تۇرۇشى كېرەكلىكىنى مۇراجىئەت قىلدى. ئەرەبى: ئەرەب ئەللىرى ئىتتىپاقى سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ ئۆز بىخەتەرلىكى ۋە ئىگىلىك ھوقۇقىنىڭ دەخلى تەرۇزگە ئۇچرىماسلىقىنى قوللايدۇ، نۆۋەتتىكى ئەرەب ئەللىرى بىلەن بولغان جىددىي مۇناسىۋەتنى پەسەيتىش ئۈچۈن، ئىران خەلقئارا قانۇن ۋە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى رامكىسىدىكى بەلگىلىمىلەرگە ئەمەل قىلىشى كېرەك دەپ تەكىتلىدى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر