باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر>>شى جىنپىڭ

«شى جىنپىڭنىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش توغرىسىدا» دېگەن كىتابىنىڭ مۇھاكىمە يىغىنى يېڭى دېھلىدا ئۆتكۈزۈلدى

2016.01.11 15:43         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 11-يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: «شى جىنپىڭنىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش توغرىسىدا» دېگەن كىتابىنىڭ مۇھاكىمە يىغىنى 10-يانۋار ھىندىستاننىڭ پايتەختى يېڭى دېھلىدا 24-نۆۋەتلىك دۇنيا كىتاب كۆرگەزمىسىدە ئۆتكۈزۈلدى. بۇ قېتىمقى مۇھاكىمە يىغىنىنى جۇڭگو گوۋۇيۈەن ئاخبارات ئىشخانىسى، جۇڭگو دۆلەت ئاخبارات-نەشرىيات-رادىئو-كىنو-تېلېۋىزىيە باش ئىدارىسى، جۇڭگونىڭ ھىندىستاندا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىخانىسى ۋە جۇڭگو چەت ئەل تىلى ئىدارىسى بىرلىكتە ئۇيۇشتۇردى.

  دۆلەت ئاخبارات-نەشرىيات-رادىئو-كىنو-تېلېۋىزىيە باش ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى سۈن شۇشەن مۇنداق دېدى: بۇ كىتاب جۇڭگو ئىسلاھات، ئېچىۋېتىلگەندىن بۇيان، جۇڭگو دۆلەت رەھبىرى يېزىپ، دۆلەت ئىچى-سىرتىدا تارقىتىلغان كىتابلار ئىچىدە ئەڭ يۇقىرى رېكورتنى ياراتتى، ئۇ خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ھازىرقى زامان جۇڭگونى ئومۇميۈزلۈك چۈشىنىشى، ئوبيېكتىپ، ئەقلىي تونۇشىدىكى مۇھىم كۆزنەك. جۇڭگونىڭ ھىندىستاندا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى يۆ يۈچېڭ مۇنداق دېدى: ئىشىنىمەنكى بۇ كىتاب جۇڭگو بىلەن ھىندىستان پىكىر ئالماشتۇرۇشىدىكى تۈگۈنگە ئايلىنىپ، ھىندىستان ئوقۇرمەنلىرىنىڭ جۇڭگونى تېخىمۇ ياخشى چۈشىنىپ، جۇڭگونى ھېس قىلىشى ۋە تونۇشىغا ياردەم بېرىدۇ.

  جۇڭگو چەت ئەل تىلى ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى لۇ سەيرۇڭ مۇنداق دېدى: بۇ كىتاب 2015-يىلى جۇڭگو بويىچە تىراژى ئەڭ يۇقىرى كىتابقا ئايلاندى، بۇ كىتابنىڭ بازار تېپىشى خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ جۇڭگونىڭ تېز تەرەققىي قىلىشىغا كۆڭۈل بۆلىدىغانلىقى، بۇنىڭدىكى سىر ۋە جۇڭگو رەھبەرلىرىنىڭ سېھرىي كۈچىنى بىلىشنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى چۈشەندۈرىدۇ.(شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)

  مەنبە:خەلق تورى
  


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر