باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

«سىرتقا چىقىپ ئىشلەش ياشلارنىڭ تەقدىرىنى ئۆزگەرتىدۇ»

2016.01.13 09:59         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  11 - يانۋار چۈشتىن كېيىن سىياسىي كېڭەش ئاپتونوم رايونلۇق 11 - نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ 4 - يىغىنىغا قاتنىشىۋاتقان ئەزالار «ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات»نى مۇزاكىرە قىلغاندا، يېزىلاردىكى ئېشىنچا ئەمگەكچىلەرنى سىرتقا چىقىرىش ھەققىدە قىزغىن بەس - مۇنازىرە قىلدى.

  ئەزا قادىر نىياز ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، مەمۇرىي تەپتىش نازارىتىنىڭ نازىرى، ئاپتونوم رايونلۇق چىرىكلىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئىدارىسىنىڭ باشلىقى بولۇپ، بۇلتۇر «مەركەزلەشتۈرۈپ تۈزەش» خىزمىتى بويىچە ئاقتۇ ناھىيەسىنىڭ بارىن يېزىسىدا تۇرغان. ئۇ، بۇ جەرياندا جەنۇبىي شىنجاڭدا ئادەم كۆپ، يەر ئاز بولۇش مەسىلىسىنىڭ ئومۇميۈزلۈك مەۋجۇت ئىكەنلىكىنى، ئىشقا ئورۇنلىشىش قىيىن بولۇش ۋەزىيىتىنىڭ ناھايىتى كەسكىنلىكىنى ھېس قىلغان. نەتىجىدە، ھۆكۈمەتنىڭ ماسلاشتۇرۇشى ۋە كارخانىلارنىڭ قوللىشى بىلەن، بۇلتۇر بارىن يېزىسىدىكى 20 جۈپ ئەر - ئايال شىنجاڭ «ئارمان» مۇسۇلمانچە يېمەكلىكلەر سانائىتى گۇرۇھ چەكلىك شىركىتىدە ئىشقا ئورۇنلاشقان.

  ئەزا قادىر نىياز گۇرۇپپا مۇزاكىرىسىدە بارىن يېزىسىدىن 220 نەپەر ياشنىڭ گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسىگە ئىشلەمچىلىككە بارغانلىقى ھەققىدە ئالاھىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى: بۇ ياشلار بىر يىلدا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 60 - 70 مىڭ يۈەندىن كىرىم قىلىپ، يۇرتىغا قايتىپ كېلىپ يېڭى ئۆيلەرنى سالدى. بۇنى كۆرگەن يېزا ياشلىرىنىڭ سىرتقا چىقىپ ئىشلەش قىزغىنلىقى تېخىمۇ ئاشتى.

  ئەزا خې جيەنجۈن قادىر نىياز ئوتتۇرىغا قويغان ھۆكۈمەتنىڭ تەشكىللەش رولىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، يېزا ياشلىرىنىڭ سىرتقا چىقىپ ئىشلەپ كىرىمىنى ئاشۇرۇش جەھەتتىكى پىكرىنى قۇۋۋەتلەپ مۇنداق دېدى: ئاپتونوم رايونىمز ئېشىنچا ئەمگەكچىلەرنى سىرتقا چىقىرىشتا مول تەجرىبىگە ئىگە. ئىچكىرىدىكى كارخانىلارنىڭ ئىش ئورنى بىلەن تەمىنلەشتە پۇختا ئاساسى بار. شۇڭا، ئىككى جايدىكى ھۆكۈمەتلەر ھەمكارلىشىپ، يېتەكلەش رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، بۇ ئىشنى ياخشى داۋاملاشتۇرۇشى كېرەك. مېنىڭچە، سىرتقا چىقىپ ئىشلەشنىڭ ياشلارغا ئېلىپ كېلىدىغان پايدىسى ئۆمۈرلۈك بولىدۇ. بۇ بىر ئائىلىگە، ھەتتا بىر پۈتۈن كوللېكتىپقا تەسىر كۆرسىتىدۇ. دېمەك، سىرتقا چىقىپ ئىشلەش ۋە بۇ جەرياندىكى ئىدىيە ئۆزگىرىشى ئۇلارنىڭ تەقدىرىنى ئۆزگەرتىدۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر