باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

دۆلىتىمىزدىكى تۇنجى ئاممىۋىي ئىشەنچنى باھالاشتىكى نوپۇزلۇق تور بېكەت ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى

2016.01.13 15:35         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 13-يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: جۇڭگو ئالاقە تورى جەمئىيىتى قۇرغان ئاممىۋىي ئىشەنچنى باھالاش تورى 12-يانۋار ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى، بۇ تور دۆلەت ئىچىدىكى تۇنجى ئاممىۋىي ئىشەنچنى باھالاش بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ئۈچۈنچى تەرەپ نوپۇزلۇق تورى بولۇپ، پۈتۈن ئاممىنى ئوبيېكتىپ، ئادىل بولغان جەمئىيەت ئاممىۋىي ئىشەنچ ئۇچۇرلىرىنى تەكشۈرۈش، ئابونتلار باھالاش، ئاممىۋىي ئىشەنچنى ئالدىن ئاگاھلاندۇرۇش يېتەكلەش قاتارلىق مۇلازىمەتلەر بىلەن تەمىنلەيدۇ.

  جۇڭگو ئالاقە تورى جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن باش كاتىپى ياڭ يىشىننىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، ئالاقە تورى تېز تەرەققىي قىلىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە، نۇرغۇن ئالدامچىلىق تور بېكەتلىرى ۋە ئەخلەت ئېلان ئۇچۇرلىرى تورنى بىر ئالدى، تورداشلارنىڭ ئۇچۇرنىڭ ئۈنۈملۈكلۈكى ۋە راستلىقىنى پەرقلەندۈرۈشى تەس بولدى. ئاممىۋىي ئىشەنچىنى باھالاش تورىنىڭ ئاساسىي سانلىق مەلۇماتلىرى دۆلەت ئەنگە ئېلىش مەركىزىنىڭ ئەنگە ئېلىش ئۇچۇر ئامبىرىدىكى ئەنگە ئېلىنغان ئاساسىي ئۇچۇرلار، 12321توردىكى ناچار ۋە ئەخلەت ئۇچۇرلارنى مەلۇم قىلىش- بىجىرىش مەركىزى، دۆلەت ئالاقە تورى جىددىي ئەھۋالغا تاقابىل تۇرۇش مەركىزى، جۇڭگو ئالاقە تورى ئۇچۇر مەركىزى، ئىشەنچىلىك تورلار، ناچار ئۇچۇرلارنى مەلۇم قىلىش مەركىزى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. تەپسىلىي سانلىق مەلۇماتلار ئەقلىي تاسقاش ۋە ئادەملىك تازىلاش ئارقىلىق تولۇقلاش ئېلىپ بېرىلىپ، بارلىق ئۇچۇرلار ئوبيېكتىپ ئادىل بولۇش پرىنسىپى بويىچە نامايان قىلىنىدۇ.

  تەرجىمە مۇھەررىرى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر