باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭ ئىككى يىغىن ھەققىدە: خىزمەتتىكى ئايال ئىشچى - خىزمەتچىلەرنىڭ تۇغۇت دەم ئېلىش ۋاقتىنى 12 ئايغا ئۇزارتىش تەكلىپىنى بەردى

سىياسىي كېڭەش ئەزالىرىنىڭ تەكلىپى : 2-تۇغۇتنىڭ دەم ئېلىش ۋاقتىنى ئۇزارتىش كېرەك

2016.01.13 15:49         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 13-يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئىككى پەرزەنتلىك بولۇش سىياسىتىنىڭ ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇلۇشىغا ئەگىشىپ، ئىككىنچى بالىنى ئېلىش ياكى ئالماسلىق، نۇرغۇن تۇغۇت يېشىدىكى ئەر - خوتۇنلار دۇچ كېلىۋاتقان مۇھىم تاللاش بولۇپ قالدى. سىياسىي كېڭەش شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 11 – نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ 4 – يىغىنىدا، 3-سېنتەبىر ئىلمىي جەمئىيىتى شىنجاڭ رايونلۇق كومىتېتىنىڭ بىر تەكلىپىدە 2- تۇغۇت دەم ئېلىشىنى ئۇزارتىش ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

  3-سېنتەبىر ئىلمىي جەمئىيىتى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق كومىتېتى تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، ئومۇميۈزلۈك« ئىككى پەرزەنتلىك» بولۇشنى قويۇۋېتىش سىياسىتىنىڭ يولغا قويۇلۇش خەۋىرى تارقىلىشى بىلەنلا، ئالاقىدار مۇنازىرىلەر چىقىشقا باشلىغان. تاراتقۇلارنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئىككى بالىلىق بولغان ئانىنىڭ تۇغۇت دەم ئېلىشى قانچىلىك بولۇش كېرەك؟ ئىككىنچى پەرزەنتلىك تۇغۇت دەم ئېلىشى ئىشقا ئورۇنلىشىشتا جىنسىي كەمسىتىشنى ئېغىرلىشتۇرىۋىتەمدۇ؟ قاتارلىقلار مەسىلە تورداشلارنىڭ دىققىتىنى تارتقان قىززىق تېمىغا ئايلاندى.

  2- تۇغۇت دەم ئېلىش ۋاقتى قانچىلىك بولۇش توغرىسىدا، ئاساسلىق مۇنداق ئىككى خىل كۆز قاراش بار : تۇغۇت دەم ئېلىشى بەك قىسقا، بالا ئېمىتىش ۋاقىتى يېتەرلىك ئەمەس. نۇرغۇن تورداشلار مۇنۇلارنى بىلدۈردى: 2- تۇغۇت دەم ئېلىش ۋاقتىنى مۇناسىپ ھالدا ئۇزارتىش كېرەك، ئەڭ ياخشىسى يېرىم يىل ئەترەپىدا بولۇشى كېرەك. چۈنكى تۇنجى پەرزەنتنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىۋاتقاندا يەنە بىر بالا كۆپەيسە، ئانا تېخىمۇ كۆپ ۋاقىت ۋە زېھىن ئاجىرتىپ ئىككى بالىغا قاراش كېرەك؛ شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، بەزى ئىككى پەرزەنتلىك ئانىلارنىڭ يېشى چوڭراق بولىدۇ، سالامەتلىكىنىڭ ئەسلىگە كېلىشىگىمۇ ۋاقت كېرەك. يەنە بىر كۆزقاراش بولسا، تۇغۇت دەم ئېلىشى ئۇزارتىلسا ئاياللارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىدا تېخىمۇ كۆپ كەمسىتىشكە ئۇچۇراش ئەھۋالىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئاياللارنىڭ دەم ئېلىشى ئەرلەردىن كۆپ بولىدۇ، كارخانىنىڭ تىجارىتى ۋە يۈرۈشىشىگە بەزى مەسىلىلەرنى ئېلىپ كىلىدۇ، بەزى كارخانىلارنىڭ ئادەم كۈچى بايلىقى تارماقلىرى مۇنۇلارنى بىلدۈردى : كەلگۈسىدە كارخانىلار ئادەم ئىشلىتىشتە ئەرلەرگە تېخىمۇ كۆپ ئويلىشىدۇ.

  3-سېنتەبىر ئىلمىي جەمئىيىتى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق كومىتېتى تەۋسىيە قىلىپ، ئىككى پەرزەنتلىك بولۇش سىياسىتىگە ئاساسەن، ئالاقىدار يانداش تەدبىرلەرنى ئوتتۇرىغا چىقىرىش كېرەك، مەسىلەن، مائاشلىق تۇغۇت دەم ئېلىشىنى ئالتە ئايغا ئۇزارتىش؛ تۇغۇت دەم ئېلىشى ئۆتۈپ كەتكەندىن كېيىن، ۋاقىت يول قويغان ئەھۋالدا، ئەمدۈرۈش ۋاقتىنى بېرىش؛

  ئورۇن ئىشچى قوبۇل قىلىش جەھەتتە ھەر قانداق باھانە سەۋەب بىلەن جىنسىي كەمسىتسە بولمايدۇ؛ ئىشچى قوبۇل قىلىشتا كۆپرەك ئايال ئىشچىلارنى قوبۇل قىلىش كېرەك، ھۆكۈمەت باجنى كېمەيتىش ، خالىسانە ئەمگەكنى ئازايتىش قاتارلىق ئېتىبار سىياسىتىنى بېرىش كېرەك؛ تۇغۇت دەم ئېلىشىنىڭ زۆرۈرلۈكىنى تەشۋىق قىلىپ، ئۇلارنى ئادەتتىكى ئەھۋالغا ئايلاندۇرۇش كېرەك؛ ئىككى بالىلىق ئائىلىدە ئەر تەرەپكىمۇ بىر ئاي مائاشلىق دەم ئېلىش (كۈتۈش ۋاقتى) بېرىش كېرەك. (مەلىكەم تەرجىمىسى)

  تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر