باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقى، تۈركىيە بىلەن بىردەك ئىتتىپاقلىشىپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى

2016.01.13 14:16         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقى 12- يانۋار شۇ كۈنى تۈركىيەدە يۈز بەرگەن پارتلىتىپ ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسىدە قازا قىلغۇچىلارنىڭ ئائىلىسىدىكىلەردىن ھال سورىدى، ھەمدە ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ تۈركىيە بىلەن بىردەك ئىتتىپاقلىشىپ بارلىق شەكىللەردىكى تېررورلۇققا قارشى تۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ دىپلوماتىيە ۋە بىخەتەرلىك سىياسىتى بويىچە يۇقىرى دەرىجىلىك ۋەكىلى موگەيرىنى بىلەن ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقى كومىتېتىنىڭ كېڭەيتىش ۋە قوشنىدارچىلىق سىياسىتىگە مەسئۇل ئەزاسى ھائىن بايانات ئېلان قىلىپ، ئۆتكەن يىلى 11- ئايدا ئۆتكۈزۈلگەن ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقى بىلەن تۈركىيە باشلىقلىرى يىغىنىدا، ئىككى تەرەپنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇشنى بېكىتكەنلىكى ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقى بىلەن تۈركىيە مۇناسىۋىتىنىڭ ئالدىن تاللىغان تېمىسى ئىكەنلىكىنى ، ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ خەلقئارا قانۇنغا ، كىشىلىك ھوقۇققا ۋە ئىنسانپەرۋەرلىك قانۇن بەلگىلىمىلىرىدىكى مەجبۇرىيىتىگە ئەمەل قىلغان ئەھۋالدا، ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقى بىلەن تۈركىيەنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش جەھەتتىكى تىرىشچانلىقىنى يەنىمۇ كۈچەيتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر