باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

«ئىككى بالىلىق بولۇش سىياسىتى كېچىكىپ چىقىرىلدى» دېگەن قاراش ھەققىدە

2016.01.13 10:22         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  دۆلەتلىك سەھىيە ۋە پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى «ئىككى بالىلىق بولۇش سىياسىتى كېچىكىپ چىقىرىلدى» دېگەن قاراش ھەققىدە مۇنداق دېدى: نۇرغۇن سانلىق مەلۇماتلارغا قارىغاندا، ھازىر ئىككى بالىلىق بولۇش سىياسىتىنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇش شارائىتى پىشىپ يېتىلگەن، يولغا قويۇش ۋاقتى مۇۋاپىق. 2014-يىلى نوپۇسنىڭ ئومۇمىي بېقىش نىسبىتى 36.2گە يەتتى، بېقىش بېسىمى ئەڭ تۆۋەن بولغان يىل 2010-يىلى بولۇپ 34.2گە يەتكەن ئىدى، خەلقئارادا ئومۇمىي بولغان كۆرسەتكۈچ بويىچە، بېقىش نىسبىتى %50 ئىچىدە بولسا نوپۇس جەھەتتىكى ئۈستۈنلۈك باسقۇچى ھېسابلىنىدۇ، بىز ھازىر ۋە بۇندىن كېيىنكى بىر مەزگىلدە بىر قەدەر ياخشى بولغان نوپۇس جەھەتتىكى ئۈستۈنلۈك باسقۇچىدا تۇرىمىز. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئېلىمىزدە تۇغۇت يېشىدىكى ئاياللار ئومۇمىي سانى 2011-يىلى 380 مىليونغا يەتكەندىن كېيىن، تەدرىجىي ئازلاپ ماڭدى. ئومۇمىي جەھەتتىن قارىغاندا، بۇنداق مەزگىلدە پەرزەنت كۆرۈش سىياسىتىنى تەڭشەپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئىككى بالىلىق بولۇش سىياسىتىنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇش تازا باب كېلىدۇ. دۆلەتلىك سەھىيە ۋە پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتى پىلانلىق تۇغۇت جەھەتتە ئاساسىي قاتلاملارغا يېتەكچىلىك قىلىش مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى ياڭ ۋىنجۇاڭ ئىككى بالىلىق بولۇش سىياسىتى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇلۇشتىن بۇرۇن ئىككى بالىلىق بولغانلار ھەققىدە مۇنداق دېدى: بۇ خىل ئەھۋاللارنى يەرلىك ھۆكۈمەت قانۇن بويىچە بىر تەرەپ قىلىدۇ. ئىككى بالىلىق بولۇش سىياسىتى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇلۇشتىن بۇرۇن يەنى 2016-يىلى 1-يانۋاردىن بۇرۇن، قانۇن بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا ئىككىنچى بالىلىق بولغانلار قانۇن بويىچە بىر تەرەپ قىلىنغان بولسا، شۇ ھۆكۈم ساقلىنىدۇ، ھۆكۈمنى ئاغدۇرۇشقا بولمايدۇ؛ بىر تەرەپ قىلىنمىغانلار ياكى مۇۋاپىق بىر تەرەپ قىلىنمىغانلار ئالاقىدار قانۇن بەلگىلىمىلەر ۋە سىياسەت بەلگىلىمىلىرى بويىچە، يەرلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋە ھۆكۈمەت ئەمەلىيەتكە قاراپ تۆزگەن كونكرېت چارە ۋە قانۇن بويىچە مۇۋاپىق بىر تەرەپ قىلىنىدۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر