- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
73-نۆۋەتلىك ئالتۇن شار مۇكاپاتىغا ئېرىشكۈچىلەر ئېلان قىلىندى
2016.01.12 13:24 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 12-يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 73-نۆۋەتلىك ئامېرىكا كىنو - تېلېۋىزىيە ئالتۇن شار مۇكاپاتىنى تارقىتىش مۇراسىمى 11-يانۋار لوس ئانجىلىس بىۋېرلىدىكى خىلتون مېھمانسارىيىدا ئۆتكۈزۈلدى. ئاساسلىق مۇكاپات تۈرلىرىنىڭ مۇكاپاتقا ئېرىشىش تىزىملىكى تۆۋەندىكىچە:
كىنو تۈرى:
ۋەقەلىك تۈرى ئەڭ نادىر فىلىم «تىرىلگۈچى»
كومىدىيە تۈرىدىكى ئەڭ نادىر فىلىم: «مارسلىقلار»
ۋەقەلىك تۈرىدىكى ئەڭ مۇنەۋۋەر ئەر باش رولچى: لىئوناردو دىكاپريو
ۋەقەلىك تۈرىدىكى ئەڭ مۇنەۋۋەر ئايال باش رولچى: برې لارسون
كومېدىيە تۈرىدىكى ئەڭ مۇنەۋۋەر ئەر باش رولچى: مات دەيمون
كومېدىيە تۈرىدىكى ئەڭ مۇنەۋۋەر ئايال باش رولچى: جەننىفېر لاۋرىنىس
ئەڭ مۇنەۋەر ئەر يانداش رولچى: سىلۋېستېر سىتەيلون
ئەڭ مۇنەۋەر ئايال يانداش رولچى: كەيت ۋىنسىلېت
ئەڭ مۇنەۋەر رېژىسسور: ئالىھاندرو گونزالىز
ئەڭ نادىر سىنارىيە: «سىتېۋ جوبس» ئارون سوركىن
ئەڭ نادىر چەتئەل تىلى فىلىمى: «سولنىڭ ئوغلى» (ۋىنگېرىيە)
ئەڭ نادىر كارتون فىلىم: «ئەقىللىق ئالاھىدە خادىم ئەترىتى»
ئەڭ نادىر تەڭكەش مۇزىكا: «سەككىز بۇزۇق ئادەم»
ئەڭ نادىر ئىجادى ناخشا: «Writing’s On The Wall» - (007: ئەرۋاھ پارتىيەسى)
تېلېۋىزىيە تۈرى:
ۋەقەلىك تۈرىدىكى ئەڭ نادىر تېلېۋىزىيە تىياتىرى: «خاككېرلار ئارمىيەسى»
كومېدىيە تۈرىدىكى ئەڭ نادىر تېلېۋىزىيە تىياتىرى: «ئورمانلىقتىكى موزارت»
ئۆمۈرلۈك نەتىجە مۇكاپاتى: دەنزېل ۋاشىڭگتون
تەرجىمە مۇھەررىرى: تۇرغۇن ئابلىز
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
ئالاقىدار خەۋەرلەر