باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئەزالار گۇرۇپپىلارغا بۆلۈنۈپ «ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات»نى مۇزاكىرە قىلغاندا مۇنۇلارنى بىلدۈرۈشتى:

ئومۇمىيلىقنى كۆزلەپ، سىياسىي كېڭەش خىزمىتىنى دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلىتىمىز

2016.01.13 09:58         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  سىياسىي كېڭەش شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 11 - نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ 4 - يىغىنىغا قاتنىشىۋاتقان ھەر مىللەت، ھەر ساھە ئەزالار 11 - يانۋار چۈشتىن كېيىن ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات، ئاپتونوم رايوننىڭ خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىياتىنىڭ 2015 - يىللىق پىلان لايىھەسى ھەققىدىكى دوكلات، ئاپتونوم رايوننىڭ 2016 - يىللىق خامچوت لايىھەسى توغرىسىدىكى دوكلاتنى مۇزاكىرە قىلغاندا بىردەك مۇنداق دەپ قاراشتى: ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلاتنىڭ تېمىسى روشەن، ئوبيېكتىپ، ئومۇميۈزلۈك بوپتۇ، 12 - بەش يىللىق پىلان مەزگىلى ۋە 2015 - يىللىق تۈرلۈك خىزمەتلەر ھەقىقەت ئەمەلىيەتتىن ئىزدەنگەن ئاساستا خۇلاسىلىنىپتۇ، 13 - بەش يىللىق پىلان مەزگىلى ۋە 2016 - يىللىق خىزمەت ئورۇنلاشتۇرمىسىنىڭ مەۋقەسى ئېنىق، مۇھىم نۇقتىسى گەۋدىلىك بولۇپ، كىشىنى ناھايىتى ئىلھاملاندۇرىدۇ. بىز ئاپتونوم رايوننىڭ ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىق ئومۇمىيىتىنى چۆرىدەپ، يېڭىلىق يارىتىشقا ماھىر بولۇپ، سىياسىي كېڭەش خىزمىتىنى دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلىتىمىز.

  ئەزا ئەكبەر غوپۇر مۇنداق دېدى: «دوكلات»تا نەتىجىلەر خۇلاسىلىنىش بىلەن بىللە، تەرەققىيات جەريانىدا ساقلانغان مەسىلىلەرمۇ ئوبيېكتىپ ئوتتۇرىغا قويۇلۇپتۇ. كېيىنكى باسقۇچلۇق تەرەققىياتنىڭ نىشانى ئېنىق كۆرسىتىلىپ، 13 - بەش يىللىق پىلانغا ياخشى قەدەم تاشلىشىمىزغا يۆنىلىش كۆرسىتىلىپتۇ.

  ئەزا غۇنچەم راخمان مۇنداق دېدى: «دوكلات»تىكى سانلىق مەلۇماتلار شىنجاڭنىڭ ئۇنىۋېرسال ئەمەلىي كۈچىنىڭ يېڭى بالداققا كۆتۈرۈلگەنلىكىنى، بولۇپمۇ 12 - بەش يىللىق پىلاندىكى نىشان، ۋەزىپىلەرنىڭ تولۇق ئورۇندالغانلىقىنى ھەم ئىقتىسادنى ئاشۇرۇشتىكى يوشۇرۇن كۈچنى ئەكس ئەتتۈرۈپتۇ.

  ئەزا سۈن يۈ مۇنداق دېدى: نۆۋەتتىكى پۇرسەت ۋە خىرىس تەڭ مەۋجۇت بولۇۋاتقان ئەھۋالدا، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى مىللىي پۇقراۋى كارخانىلار دادىل بولۇپ، ئىچكىرىدىكى تەرەققىي قىلغان كارخانىلار بىلەن ھەمكارلىق مۇناسىۋىتى ئورنىتىپ، يېڭىلىق يارىتىش ئېڭىنى كۈچەيتىپ، تەرەققىيات ئارقىلىق جەمئىيەتكە تۆھپە قوشۇشى كېرەك.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر