باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ داۋالىنىش سۇغۇرتىسى بىلەن يېزىلارنىڭ يېڭىچە ھەمكارلىشىپ داۋالىنىش تۈزۈمى بىرلەشتۈرۈلىدۇ

شەھەر، يېزا ئاھالىلىرىنىڭ كېسەل كۆرسىتىپ ئاتچوت قىلىش تەمىناتى ئوخشاش بولىدۇ

2016.01.13 13:57         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 13-يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:دۆلەت سەھىيە-پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى مۇنداق دېدى: ئىقتىساد، جەمئىيەتنىڭ تېز تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ، شەھەر، بازار ئاھالىلىرىنىڭ ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسى بىلەن يېزىلارنىڭ يېڭىچە ھەمكارلىشىپ داۋالىنىش تۈزۈمىنىڭ شەھەر بىلەن يېزىنى ئايرىشتەك سەلبىي رولى تەدرىجىي گەۋدىلىنىپ، تەكرار سۇغۇرتىلىنىش، تەكرار مەبلەغ سېلىش، تەمىنات يېتىشمەسلىك قاتارلىق مەسىلىلەر ساقلاندى.

  دۆلەت سەھىيە-پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى مۇنداق دېدى: شەھەر، يېزا ئاھالىلىرىنىڭ داۋالىنىش سۇغۇرتىسى تۈزۈمىنى بىرلەشتۈرۈش ئارقىلىق، شەھەر، يېزا ئاھالىلىرى تېخىمۇ كۆپ نەپكە ئېرىشىدۇ. بىرىنچى، تۈزۈم تېخىمۇ ئادىل بولىدۇ. شەھەر، يېزا ئاھالىلىرىنىڭ داۋالىنىش سۇغۇرتىسى تۈزۈمى بىرلەشتۈرۈلگەندىن كېيىن، شەھەر، يېزا ئاھالىلىرى، شەھەرلىك ۋە يېزىلىق بولۇشتەك سالاھىيەت چەكلىمىسىگە ئۇچرىمايدۇ، بىرلىككە كەلگەن شەھەر، يېزا ئاھالىلىرىنىڭ داۋالىنىش سۇغۇرتىسى تۈزۈمىگە قاتنىشىپ، بىر تۇتاش سىياسەت بويىچە سۇغۇرتىغا قاتنىشىپ پۇل تۆلەپ، تەمىناتتىن بەھرىمان بولىدۇ، شەھەر، يېزا ئاھالىلىرى ئاساسىي داۋالىنىش كاپالىتى ھوقۇقىدىن تېخىمۇ ئادىل بەھرىلىنىدۇ. ئىككىنچى، كاپالەتلەندۈرۈش تەمىناتى تېخىمۇ تەڭپۇڭ بولىدۇ. ئاساسلىقنى مەۋقە، ئادىللىققا كاپالەتلىك قىلىش پرىنسىپى بويىچە، شەھەر-يېزىلار ۋە رايونلار ئارا پەرقنى تولۇق ئويلىشىپ ۋە تەدرىجىي كىچىكلىتىپ، كاپالەتلەندۈرۈش تەمىناتى، داۋالىنىش سۇغۇرتىسى مۇندەرىجىسى ۋە داۋالىنىشنى باشقۇرۇشنى بىرلىككە كەلتۈرۈش بىلەن بىرگە كاپالەتلەندۈرۈش تەمىناتىنى مۇۋاپىق ئۆستۈرۈپ، شەھەر-يېزا، رايونلاردىكى ئاھالىلەرنىڭ داۋالىنىش سۇغۇرتىسى تەمىناتى تېخىمۇ تەڭپۇڭلىشىدۇ. ئۈچىنچى، مۇلازىمەت تېخىمۇ قېلىپلىشىدۇ. نۇقتىدا باشقۇرۇشنى، داۋالىنىش سۇغۇرتا فوندىنى، بېجىرىش مەنبەسىنى بىرلىككە كەلتۈرۈش، بىر تۇتاش ئورۇنلاشتۇرۇش قاتلىمىنى ئۆستۈرۈش قاتارلىق تەدبىرلەرنى قوللىنىش ئارقىلىق، سۇغۇرتىلانغان ئاھالىلەر شەھەر، يېزا بىر گەۋدىلەشكەن بېجىرىش مۇلازىمىتىدىن بەھرىلىنەلەيدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، تۈزۈم بىرلەشتۈرۈلگەندىن كېيىن بىر گەۋدىلەشكەن بېجىرىش مۇلازىمىتىنى باشقۇرۇشنى يولغا قويۇپ، شەھەر-يېزىلارنىڭ تۈزۈمىنى ئايرىم بېكىتىش، ئايرىپ باشقۇرۇش، مەبلەغ تارقاق بولۇش قاتارلىق توسالغۇلارنى تۈگىتىپ، شەھەر، يېزا ئاھالىلىرىنىڭ داۋالىنىش سۇغۇرتىسى مۇناسىۋىتىنى يۆتكەپ داۋاملاشتۇرۇشى تېخىمۇ قولايلىقلىشىدۇ. (شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر