باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

«12 - بەش يىل» مەزگىلىدە ۋە 2015 - يىلى ئىشلەنگەن خىزمەتلەر

2016.01.13 10:08         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  «12 - بەش يىل» مەزگىلىدە مەركەزنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى توغرىسىدىكى چوڭ سىياسەت - فاڭجېنلىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، مەركەزنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى توغرىسىدىكى ئىككى قېتىملىق سۆھبەت يىغىنىنىڭ روھىنى، شۇنداقلا ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈردۇق، «تۆت ئومۇميۈزلۈك» ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىدا چىڭ تۇرۇپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك ئومۇمىي نىشانىنى ئاساس قىلىپ، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈپ، تارىخىي ھالقىشنى ئىشقا ئاشۇردۇق، 12 - بەش يىللىق يىرىك پىلاندا بەلگىلەنگەن نىشان - ۋەزىپىلەرنى ئومۇميۈزلۈك ئورۇندىدۇق، ئاساسلىق كۆرسەتكۈچ - ۋەزىپىلەرنى ئاشۇرۇپ ئورۇندىدۇق.

  2015 - يىلى ئاپتونوم رايونلۇق 8 - نۆۋەتلىك پارتكومنىڭ 8 -، 9 -، 10 - ئومۇمىي (كېڭەيتىلگەن) يىغىنلىرى ۋە ئاپتونوم رايونلۇق 12 - نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 3 - يىغىنىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، «ئۆگىنىشكە ماھىر بولۇش، قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشقا ئەھمىيەت بېرىش، ئىتتىپاقلىقتا بەسلىشىش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تۇتۇش، ئۈنۈمگە ئەھمىيەت بېرىش» تەلىپىنى تىرىشىپ ئەمەلدە كۆرسىتىپ، «تەرەققىيات، مۇقىملىقنىڭ يېڭى نورمال ھالىتىگە ماسلىشىپ، ئەبەدىي ئەمىنلىكنىڭ ئاساسىنى پۇختىلاش» پائالىيەتلىرىنى كەڭ قانات يايدۇردۇق، قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، جاسارەت بىلەن كۈرەش قىلىپ، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ئىشلار تەرەققىياتىنىڭ ئاساسلىق كۆزلىمە نىشانىغا ئاساسىي جەھەتتىن يېتىپ، 12 - بەش يىللىق يىرىك پىلاننىڭ غەلىبىلىك تاماملىنىشىغا كاپالەتلىك قىلدۇق.

  بىرىنچى، «12 - بەش يىل» مەزگىلىدە ئىشلەنگەن خىزمەتلەر

  مۇقىملىقنى قوغداش ئىقتىدارىمىزنى يەنە بىر بالداق ئۆستۈردۇقزوراۋانلىق قىلمىشلىرىغا قاتتىق زەربە بېرىش مەخسۇس ھەرىكىتىنى قانۇن بويىچە قانات يايدۇرۇپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئىجتىمائىي ئومۇمىي ۋەزىيىتىنىڭ مۇقىملىقىنى ساقلىدۇق. قانۇننى ئومۇملاشتۇرۇشنىڭ 6 - بەش يىللىق خىزمەتلىرىدە كۆرۈنەرلىك ئۈنۈم ياراتتۇق. 2014 - يىلىدىن باشلاپ، ئاپتونوم رايونىمىز مىقياسىدا «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» پائالىيىتىنى قانات يايدۇردۇق، يىلدا 70 نەچچە مىڭدىن ئارتۇق ئورگان كادىرى 10 مىڭدىن ئارتۇق كەنت ۋە مەھەللىگە ئورۇنلىشىپ، «ئالتە تۈرلۈك ۋەزىپە»نى چۆرىدىگەن، «ئۈچ تۈرلۈك مۇھىم نۇقتا»نى گەۋدىلەندۈرگەن ئاساستا خىزمەتلەرنى قانات يايدۇردى.

  مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتى ئىشلىرىدا يېڭى قەدەم باستۇق

  «يېڭى ۋەزىيەتتە مىللەتلەر خىزمىتىنى كۈچەيتىش ۋە ياخشىلاش توغرىسىدىكى پىكىر» ۋە «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتى خىزمىتى نىزامى»نى چىقاردۇق. «ئۇلۇغ ۋەتەننى قىزغىن سۆيۈش، گۈزەل يۇرت - ماكان قۇرۇش» ئاساسىي تېمىسىدىكى تەربىيە پائالىيىتىنى كەڭ قانات يايدۇرۇپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنىڭ ئىدىيە ئاساسىنى پۇختىلىدۇق. تۆت ۋىلايەت (ئوبلاست) مەملىكەتلىك مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتى بويىچە بەرپا قىلىش پائالىيىتىدە نەمۇنىلىك ئاپتونوم ئوبلاست (ۋىلايەت) بولۇپ باھالاندى.

  پارتىيەمىزنىڭ دىن خىزمىتىگە دائىر تۈپ فاڭجېنىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، دىنلارنىڭ ئىناقلىقىنى قانۇن بويىچە ئىلگىرى سۈردۇق. دىن خىزمىتىنى دىننىڭ قانۇنىيىتى بويىچە ئىشلەپ، پۇقرالارنىڭ دىنغا ئېتىقاد قىلىشتىكى ئەركىنلىك ھوقۇقىنى تولۇق ھۆرمەتلىدۇق. «ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش»نى دىن خىزمىتىدە ھەممىدىن گەۋدىلىك، ھەممىدىن تەخىرسىز ئورۇنغا قويدۇق، «ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش» تەشۋىقات - تەربىيەسىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، دىنىي ئەسەبىي ئىدىيەنىڭ يامرىشىنى ئۈنۈملۈك توستۇق.

  ئۇنىۋېرسال ئىقتىسادىي كۈچىمىزنى يېڭى سەۋىيەگە يەتكۈزدۇقيېڭىچە سانائەتلەشتۈرۈش تەرەققىياتىنى تېزلەتتۇق، سانائەت قوشۇلما قىممىتىنى تەخمىنەن 280 مىليارد 400 مىليون يۈەنگە يەتكۈزۈپ، يىلىغا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن %10.3ئاشۇردۇق. ئېلېكتىر ئېنېرگىيە گېنېراتورلار سىغىمىنى 3.5 ھەسسە، توك تارقىتىش مىقدارىنى 3.1 ھەسسە ئاشۇردۇق. يېڭى ئېنېرگىيە، يېڭى ماتېرىيال قاتارلىق گۈللەنمە ئىستراتېگىيەلىك كەسىپلەرنى تېز يېتىلدۈردۇق؛ تورچوت كەسپى، «رەقەملىك شەھەر»، سانائەتلەشتۈرۈش بىلەن ئۇچۇرلاشتۇرۇش بىرلەشتۈرۈلگەن تەجرىبە رايونى ۋە يۇمشاق ماتېرىيال رايونىنىڭ تەرەققىياتىنى تېزلەتتۇق. ئاشلىق ھوسۇلىنى 15 مىليون 600 مىڭ توننىغا يەتكۈزۈپ، ئۇدا سەككىز يىل ئاشۇردۇق؛ پاختىكارلىق كەسپىنىڭ ئۈستۈنلۈكىنى داۋاملىق مۇستەھكەملىدۇق؛ ئۆزگىچە باغۋەنچىلىكنى دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرىدىغان مۇھىم كەسىپكە ئايلاندۇردۇق؛ زامانىۋى چارۋىچىلىقنىڭ تەرەققىياتىنى تېزلەتتۇق. زامانىۋى مۇلازىمەتنىڭ تەرەققىيات سۈرئىتىنى تېزلەتتۇق، سودا ئەشيا ئوبوروتىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردۇق، ئىجتىمائىي ئىستېمال بۇيۇملىرىنىڭ پارچە سېتىلىش ئومۇمىي سوممىسىنى تەخمىنەن 260 مىليارد 200 مىليون يۈەنگە يەتكۈزدۇق. AAAAA دەرىجىلىك سەيلىگاھنى توققۇزغا يەتكۈزۈپ، مەملىكەت بويىچە ئالدىنقى ئورۇنغا ئۆتتۇق؛ مەملىكەت ئىچى - سىرتىدىن كەلگەن ساياھەتچىلەردىن 250 مىليون ئادەم / قېتىم كۈتۈۋالدۇق.

  ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشتا يېڭى بۆسۈش ھاسىل قىلدۇق

  ئاپتونوم رايوننىڭ شۇ دەرىجىلىك تەستىق تۈرىدىن 791نى ئەمەلدىن قالدۇردۇق ۋە تەڭشىدۇق. كېڭىشىش تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، «ئۈچ كىنىشكىنى بىرلەشتۈرۈش، بىر كىنىشكىدا بىر كود بولۇش»نى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويدۇق، بازار سۇبيېكتىدىن 241 مىڭنى يېڭىدىن تىزىملىدۇق. ئاپتونوم رايونغا قاراشلىق دۆلەت كارخانىلىرى ۋە ئۇلارنىڭ قارىمىقىدىكى شىركەتلەرنىڭ 60ىدىن كۆپرەكىدە ئارىلاش مۈلۈكچىلىكتىكى ئىگىلىكنى يولغا قويدۇق. پاختىنىڭ نىشانلىق باھاسىنى ئىسلاھ قىلىش سىنىقىنى ئوڭۇشلۇق ئىلگىرى سۈردۇق. تەمىنات - سودا كوپىراتىپلىرىنىڭ ئۇنىۋېرسال ئىسلاھاتىنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇردۇق.

  يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغىنىڭ يادرولۇق رايونى قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇش پىكرى ۋە ھەرىكەت پىلانىنى تۈزدۇق. 4 - نۆۋەتلىك جۇڭگو ئاسىيا - ياۋروپا كۆرگەزمىسى ۋە تۇنجى نۆۋەتلىك ئاسىيا - ياۋروپا تاۋار سودا يەرمەنكىسىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزدۇق، قەشقەر ۋە قورغاس ئىقتىسادىي تەرەققىيات رايونى قۇرۇلۇشىدا دەسلەپكى كۆلەمنى ھاسىل قىلدۇق، ئالاتاۋ پورتى، قەشقەر باجسىز ئۇنىۋېرسال رايونى پۈتۈپ تىجارەت باشلىدى، جۇڭگو - قازاقىستان قورغاس خەلقئارا چېگرا ھەمكارلىق مەركىزىنىڭ يانداش رايونى رەسمىي تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىندى. ئۈنۈملۈك تەدبىر قوللىنىپ، خەلقئارا سودىدىكى يېڭى ئۆزگىرىشكە پائال ماسلىشىپ، ئىمپورت - ئېكسپورت ئومۇمىي سوممىسىنى 123 مىليارد 700 مىليون دوللارغا يەتكۈزدۇق؛ تاشقى سېلىنما سوممىسىنى يىلىغا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن %21.2ئاشۇردۇق. ئەتراپتىكى دۆلەتلەر بىلەن بولغان پەن - تېخنىكا، مائارىپ، مەدەنىيەت، سەھىيە، ئىقتىساد - سودا ھەمكارلىقى ۋە ئادىمىيەت ئالاقىسىنى چوڭقۇرلاشتۇردۇق.

  خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش ۋە ياخشىلاشتا يېڭىچە ئىلگىرىلىدۇق

  خەلقنى ماكانلاشتۇرۇپ بېيىتىش، چارۋىچىلارنى ئولتۇراقلاشتۇرۇپ، چارۋىچىلىقنى گۈللەندۈرۈش قۇرۇلۇشى ۋە شەھەر - بازارلاردىكى كاپالەتلىك ئۆي قۇرۇلۇشىدا 3 مىليون يۈرۈشتىن ئارتۇق ئۆي سالدۇق، ئاپتونوم رايونىمىز بويىچە 10 مىليوندىن ئارتۇق ئاھالە خەتەرلىك، كونا كېسەك ئۆيلەر ۋە كەپە ئۆيلەردىن قۇتۇلۇپ، ئازادە، يورۇق، يېڭى ئۆيلەرگە كۆچۈپ كىردى. جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ تەبىئىي گاز غوللۇق تۇرۇبا تورىنى ئىشقا كىرىشتۈردۇق، 44 ناھىيە - شەھەردىكى 4 مىليوندىن ئارتۇق ھەر مىللەت ئامما تەبىئىي گاز ئىشلىتەلەيدىغان بولدى. 3 مىليون 600 مىڭ دېھقان - چارۋىچىنىڭ ئىچىملىك سۇ بىخەتەرلىكى مەسىلىسىنى ھەل قىلدۇق. ئاپەتتىن ھەر تەرەپلىمە مۇداپىئە كۆرۈش، ئاپەت زىيىنىنى ئازايتىش، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش ئىقتىدارىمىزنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتتۇق، ئاپەتكە ئۇچرىغان ئاممىنىڭ ئاساسىي تۇرمۇشىنى 14 مىليون 350 مىڭ ئادەم / قېتىم كاپالەتلەندۈردۇق.

  مالىيەنىڭ نامراتلارنى يۆلەش سېلىنمىسىنى ئاشۇردۇق، نامراتلارنى دەل جايىدا يۆلەش تەدبىرلىرىنى كۈچەيتتۇق. مالىيەدىن نامراتلارنى يۆلەش ئۈچۈن جەمئىي 12 مىليارد 200 مىليون يۈەن مەخسۇس مەبلەغ ئاجراتتۇق، نامراتلارنى يۆلەش تەرەققىيات مەبلىغى تۈرىدىن 16 مىڭنى يولغا قويدۇق، 1 مىليون 740 مىڭ نامراتنى ئازايتتۇق، نامراتلىشىش نىسبىتىنى %32تىن %15كە چۈشۈردۇق. كۆچمەنلەر ئۈچۈن جەمئىي 3 مىليارد 850 مىليون يۈەن مەبلەغ سالدۇق، سۇ ئامبارلىرىدىن يۆتكەلگەن 148 مىڭ كۆچمەننى يۆلىدۇق. 350 مىڭ دېھقان - چارۋىچىغا نەپ يەتكۈزدۇق.

  شەھەر - بازارلاردا ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، يېزىدىكى ئارتۇق ئەمگەك كۈچلىرىنى يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، شۇ يىلى ئالىي مەكتەپ پۈتكۈزگەنلەرنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ۋەزىپىسىنى كۆزلەنگەن نىشاندىن ئاشۇرۇپ ئورۇنداپ، كۆپ يىللاردىن بۇيان يىغىلىپ قالغان گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى ئۈنۈملۈك ھەل قىلدۇق. ئەمگەك كۆجۈملەشكەن كەسىپلەر، ئوتتۇراھال، كىچىك، مىكرو كارخانىلارنى ۋە تېز ئۈنۈملۈك تۈرلەرنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇردۇق؛ توقۇمىچىلىق، كىيىم - كېچەك كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، مىليون كىشىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش يىرىك پىلان پىروگراممىسىنى تۈزدۇق ۋە يولغا قويدۇق، توشۇش ھەققى تولۇقلىمىسى، تۆۋەن توك باھاسى، ئىجتىمائىي كاپالەت تولۇقلىمىسى قاتارلىق كارخانىلارنىڭ تەرەققىياتىنى قوللايدىغان كۆپلىگەن سىياسەتلەرنى چىقاردۇق، پاختا توقۇمىچىلىقىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى 10 مىليون ئۇرچۇقتىن ئاشۇرۇپ، 15 مىڭغا يېقىن كىشىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇردۇق.

  مالىيەدىن ئاجرىتىلىدىغان مائارىپ خىراجىتى چىقىمىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىدە ئىگىلىگەن نىسبىتىنى ئۇدا كۆپ يىل دۆلەت بەلگىلىگەن %4 لىك نىشاندىن ئاشۇردۇق. مەكتەپكە كىرىشتىن ئىلگىرىكى ئىككى يىللىق قوش تىل مائارىپىنىڭ ئومۇملىشىش نىسبىتىنى %76.7كە، تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ باسقۇچىدىكىلەرنىڭ مەكتەپكە كىرىش ئومۇمىي نىسبىتىنى %88.6كە، ئالىي مائارىپ بويىچە مەكتەپكە كىرىش ئومۇمىي نىسبىتىنى %33.6كە يەتكۈزدۇق. ئىچكىرىدىكى شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپلىرىدا ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلارنى 34 مىڭغا، شۇ سىنىپلارغا نىشانلىق تەربىيەلىنىۋاتقان رايون ئىچى تولۇقسىز ئوتتۇرا سىنىپلىرىدىكى ئوقۇغۇچىلارنى 27 مىڭغا يەتكۈزدۇق. قەشقەر ئۇنىۋېرسىتېتى، جۇڭگو نېفىت ئۇنىۋېرسىتېتى (بېيجىڭ) قاراماي مەكتەپ رايونىنى قۇردۇق. جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستتا مەملىكەت بويىچە 14 يىللىق ھەقسىز مائارىپنى ئالدى بىلەن ئەمەلگە ئاشۇردۇق.

  شىنجاڭنى پەن - تېخنىكا ئارقىلىق گۈللەندۈرۈش ۋە بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى ئىستراتېگىيەسىنى داۋاملىق يولغا قويدۇق، شىنجاڭدا دۆلەتنىڭ نۇقتىلىق تەجرىبىخانىسى بولماسلىققا خاتىمە بەردۇق؛ پۇقرالارنىڭ ئىلىم - پەن ساپاسىنى كۆرۈنەرلىك ئاشۇردۇق. يۇقىرى، يېڭى تېخنىكا كارخانىلىرىنى 424 كە، دۆلەت ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ قۇرۇلۇش تېخنىكىسى تەتقىقات مەركىزىنى 129 غا يەتكۈزدۇق.

  تېببىي دورا، ساقلىقنى ساقلاش تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشتا باسقۇچلۇق نەتىجىگە ئېرىشتۇق. ناھىيە دەرىجىلىك ھۆكۈمەت دوختۇرخانىلىرى ئۇنىۋېرسال ئىسلاھاتىنىڭ دائىرىسىنى بارلىق ناھىيە - شەھەرلەرگىچە كېڭەيتتۇق، دۆلەتنىڭ ئاساسىي دورا تۈزۈمىنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويدۇق. زامانىۋى جامائەت مەدەنىيەت مۇلازىمىتى سىستېمىسىنى كۈنسېرى مۇكەممەللەشتۈردۇق. ئۈچ نۆۋەتلىك جۇڭگو شىنجاڭ خەلقئارا مىللىي ئۇسسۇل بايرىمى ۋە بەش نۆۋەتلىك تەڭرىتاغ كىتاب ئوقۇش بايرىمىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزدۇق. شىنجاڭ تەڭرىتاغنى دۇنياۋى مىراسلار تىزىملىكىگە كىرگۈزدۇق. شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكى 12 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك تەنتەربىيە مۇسابىقىسىدە 6 ئالتۇن مېدال، 8 كۈمۈش مېدال ئېلىپ، تارىختىكى ئەڭ ياخشى نەتىجىنى قولغا كەلتۈردى. مەملىكەتلىك 13 - نۆۋەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە ئەستايىدىل تەييارلىق كۆردۇق.

  ئۇل ئەسلىھەلىرى قۇرۇلۇشىدا يېڭى نەتىجىگە ئېرىشتۇق

  تۇرپان - كورلا 2 - لىنىيەسى قاتارلىق بىر تۈركۈم تۆمۈريول قۇرۇلۇشلىرىنى پۈتتۈرۈپ ئىشقا كىرىشتۈردۇق، تۆمۈريول قاتناش مۇساپىسىنى 4393 كىلومېتىردىن 6152 كىلومېتىرغا يەتكۈزدۇق؛ لەنجۇ - شىنجاڭ تۆمۈريولىنىڭ 2 - قوش لىنىيەسىدە قاتناش باشلاندى. دۆلەت ۋە يەرلىكنىڭ كورلا - ئاقسۇ - قەشقەر تاشيولى قاتارلىق 18 يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولىنى پۈتتۈردۇق، ئومۇمىي مۇساپىسىنى 4316 كىلومېتىرغا يەتكۈزۈپ، 2010 - يىلىدىكىگە قارىغاندا بەش ھەسسىدىن كۆپرەك ئاشۇردۇق. «يولنى راۋانلاشتۇرۇپ، خەلقنى بېيىتىش» بويىچە يېڭىدىن ياسالغان، ئۆزگەرتىلگەن، داۋاملاشتۇرۇلغان يېزا تاشيولىنى 38 مىڭ كىلومېتىرغا يەتكۈزدۇق. 175 يېزا - بازاردىكى 2920 ئىشتاتلىق كەنتنىڭ قاتناش شارائىتىنى ياخشىلىدۇق. قەشقەر ئايرودۇرۇمىنى كېڭەيتىش، ئۆزگەرتىش قۇرۇلۇشى، كۆكتوقاي ئايرودۇرۇمىنى كۆچۈرۈش قاتارلىق قۇرۇلۇشلارنى تاماملىدۇق، پۇقراۋى ئايرودۇرۇمنى 18گە يەتكۈزدۇق. قىزىلجار قاتارلىق بىر تۈركۈم نۇقتىلىق سۇچىلىق تۈگۈنى قۇرۇلۇشلىرىنى كەينى - كەينىدىن تاماملىدۇق. غەربنىڭ گازىنى شەرققە يەتكۈزۈش 2 - لىنىيەسى، 3 - لىنىيەسىنى ئىشقا كىرىشتۈردۇق. غەربىي شىمال بىلەن تورلاشقان 750 كىلوۋولتلۇق قوش لىنىيە قۇرۇلۇشى، قۇمۇل - جىڭجۇ 800± كىلوۋولتلۇق ئۇلترا يۇقىرى بېسىملىق تۇراقلىق توك يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشىنى تاماملىدۇق، شەرقىي جۇڭغار - شەرقىي جۇڭگو 1100± كىلوۋولتلۇق ئۇلترا يۇقىرى بېسىملىق توك يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشى ۋە يانداش توك مەنبەسى قۇرۇلۇشىدا ئومۇميۈزلۈك ئىش باشلىدۇق. شىنجاڭ ئىچىدىكى 750 كىلوۋولتلۇق توك تورىنى ئاساسلىق ئىقتىساد رايونلىرىغا تۇتاشتۇردۇق. گېئولوگىيەلىك چارلاش خىزمىتىدە مول نەتىجىگە ئېرىشتۇق.

  ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداش قۇرۇلۇشىدا يېڭى ۋەزىيەت ياراتتۇق

  تەبىئىي ئورمان، تارىم ئويمانلىقى ۋە جۇڭغار ئويمانلىقى ئەتراپىدىكى قۇملىشىشنى تىزگىنلەش خىزمىتىنى كۈچەيتتۇق، باغراش كۆلى، ئۇلۇنگۇر كۆلىنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتىنى تۈزەش قۇرۇلۇشىنى يولغا قويدۇق. قارامايلى تەبىئىي مۇھاپىزەت رايونىنىڭ ئېكولوگىيەسىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش خىزمىتىنى ھەقىقىي ياخشى تۇتتۇق. ئوتلاق ئېكولوگىيەسىنى قوغداش بويىچە ياردەم بېرىش، مۇكاپاتلاش مېخانىزمىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، 150 مىليون مو ئوتلاقتا چارۋا بېقىشنى چەكلىدۇق، 540 مىليون مو يەردە ئوت - چۆپ بىلەن چارۋىنى تەڭپۇڭلاشتۇردۇق. 100 مىليون مو تەبىئىي ئورماننى يېڭىدىن كۆپەيتتۇق، 11 مىليون 820 مىڭ مو يەردە يېڭىدىن ئورمان ئەھيا قىلدۇق، ئورمان بىلەن قاپلىنىش نىسبىتىنى %4.04 تىن %4.7كە يەتكۈزدۇق. ئېكولوگىيەنى قوغداش ئۈچۈن تارىم دەرياسىنىڭ تۆۋەن ئېقىنىغا 16 قېتىم سۇ قويۇپ بەردۇق.

  ئېنېرگىيە قۇرۇلمىسىنى پائال تەڭشەپ ياخشىلىدۇق، شامال توكىنىڭ ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەن كۆلىمىنى 13 مىليون كىلوۋاتقا يەتكۈزۈپ، مەملىكەت بويىچە 3 - ئورۇنغا ئۆتتۇق، فوتوۋولتلۇق توكنىڭ ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەن كۆلىمىنى 5 مىليون 500 مىڭ كىلوۋاتقا يەتكۈزۈپ، مەملىكەت بويىچە 2 - ئورۇنغا ئۆتتۇق. ئېنېرگىيە تېجەش، بۇلغىما ئازايتىش نىشانلىق مەسئۇلىيەت تۈزۈمىنى ئەمەلىيلەشتۈردۇق. كۈچلۈك تەدبىر قوللىنىپ، ئېنېرگىيە سەرپىياتى يۇقىرى، بۇلغىشى ئېغىر بولغان تۆمۈر تاۋلاش، پولات تاۋلاش كەسپىنىڭ بىر تۈركۈم ئىشلەپچىقىرىش ئوشۇقچىلىقىنى كېمەيتتۇق. توققۇز كۆمۈرلۈكنىڭ ئوت رايونىنى تۈزەش ۋەزىپىسىنى تاماملىدۇق، كاربون(Ⅳ)ئوكسىدنىڭ قويۇپ بېرىلىش مىقدارىنى 7 مىليون توننىدىن ئارتۇق ئازايتتۇق. ئۈرۈمچى رايونى، كۈيتۈن - مايتاغ - شىخو رايونى، قاراماي، شىخەنزە ۋە كورلا قاتارلىق شەھەرلەرنىڭ ئاتموسفېرانىڭ بۇلغىنىشىدىن بىرلىشىپ مۇداپىئەلىنىش ۋە ئۇنى بىرلىشىپ تۈزەش خىزمىتى، شۇنداقلا خوتەن، قەشقەر قاتارلىق شەھەرلەردە چاڭ - توزان بۇلغىشىنى ئۇنىۋېرسال تۈزەش خىزمىتىنى داۋاملىق ئىلگىرى سۈردۇق.

  شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىدە يېڭى، مول نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلدى

  شىنجاڭغا ياردەم بېرىش تۈرىدىن 5150ى يولغا قويۇلدى، 58 مىليارد يۈەن مەبلەغ ئەمەلىيلەشتۈرۈلدى. كەسىپلەر ئارقىلىق شىنجاڭغا ياردەم بېرىش ۋە ئەمگەك كۆجۈملەشكەن كەسىپلەرنى يۆتكەش مۇھىم ۋەزىپە قىلىنىپ، ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تۈرىدىن 6003ى ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈپ ۋە ئىجرا قىلىنىپ، 880 مىليارد 900 مىليون يۈەن مەبلەغ ئەمەلىيلەشتۈرۈلدى.

  تىرىشىپ ئىشلەش ۋە پاك بولۇشتا يېڭى كەيپىيات ياراتتۇق

  بەش يىلدىن بۇيان، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىغا يەرلىك نىزام لايىھەسىدىن 29نى مۇھاكىمە قىلىشقا سۇندۇق، ھۆكۈمەت قائىدىسىدىن 33 نى ئېلان قىلدۇق، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ تەۋسىيەسىدىن 60نى، سىياسىي كېڭەشنىڭ تەكلىپىدىن 102نى؛ ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ تەۋسىيەسىدىن 4607نى، سىياسىي كېڭەشنىڭ تەكلىپىدىن 5172نى بېجىردۇق. مالىيەنىڭ چىقىم قۇرۇلمىسىنى ياخشىلىدۇق. ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى، كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى ۋە ئاياللار بىرلەشمىسى قاتارلىق خەلق تەشكىلاتلىرى، شۇنداقلا سودا - سانائەتچىلەر بىرلەشمىسى، سودىگەرلەر ئۇيۇشمىسى قاتارلىق تەشكىلاتلارنىڭ كۆۋرۈكلۈك، ۋاسىتىلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇشىغا ئەھمىيەت بەردۇق. جىددىي بىر تەرەپ قىلىش سۇپىسى قۇرۇلۇشىنى پائال ئىلگىرى سۈرۈپ، تاسادىپىي ۋەقەلەرنى بىر تەرەپ قىلىش ئىقتىدارىمىزنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈردۇق. يېمەكلىك - دورا بىخەتەرلىكىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش خىزمىتىنى يەنىمۇ كۈچەيتتۇق. مەركەزنىڭ «سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمە»سى ۋە ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ «ئون تۈرلۈك بەلگىلىمە»سىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، «تۆت خاھىش»نىڭ يامرىشىنى تىزگىنلىدۇق، چىرىكلىكنى قەتئىي، تەخىرسىزلىك بىلەن جازالىدۇق. بىڭتۈەننىڭ خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت ۋە مەدەت بەردۇق. بىڭتۈەن بىلەن يەرلىكنىڭ يۇغۇرۇلما تەرەققىياتىنى پائال ئىلگىرى سۈردۇق، بىڭتۈەننىڭ بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈش، چېگرانى قوغداش ۋە مۇقىملىقنى ساقلاشتەك ئالاھىدە تارىخىي بۇرچىنى ئادا قىلىشىغا مەدەت بەردۇق، بىڭتۈەننىڭ مۇقىملاشتۇرغۇچلۇق، پېچلىق ھەم ئۈلگىلىك رولىنى تولۇق جارى قىلدۇردۇق. بىڭتۈەننىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى 196 مىليارد يۈەنگە يېتىپ، يىلىغا ئوتتۇرىچە %16.1 ئاشتى.

  ئىككىنچى، 2015 - يىلى ئىشلەنگەن خىزمەتلەر

  مۇقىملىقنى ساقلاش خىزمىتىنى كۈچەپ ياخشى ئىشلىدۇق. زوراۋانلىق، تېررورلۇققا قاتتىق زەربە بېرىش مەخسۇس ھەرىكىتىنى داۋاملىق قانات يايدۇرۇپ، سەزگۈر ۋاقىت ۋە چوڭ - چوڭ پائالىيەتلەر مەزگىلىدىكى جەمئىيەت بىخەتەرلىكى ۋە مۇقىملىقىغا كاپالەتلىك قىلدۇق؛ بايدا يۈز بەرگەن «81 - سېنتەبىر» دېلوسى قاتارلىق زوراۋانلىق، تېررورلۇق جىنايى دېلولىرىنى ئۈنۈملۈك بىر تەرەپ قىلىپ، زوراۋانلىق، تېررورلۇققا قارشى كۈرەشتە ئۇدا غەلىبە قىلدۇق؛ كادىرلار، ئوقۇتقۇچىلار، ۋەتەنپەرۋەر دىنىي زاتلاردىن ئىبارەت «ئۈچ قوشۇن» قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈردۇق. ئىقتىسادنىڭ تۆۋەنلەش بېسىمىغا كۈچەپ تاقابىل تۇردۇق. ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى تەخمىنەن %8.6تىن كۆپرەككە يەتتى؛ شەھەر - بازار ۋە يېزا ئاھالىسىنىڭ ئىلكىدىكى ئوتتۇرىچە كىرىمى %13.5ۋە %8 ئاشتى. مەملىكەت ئىچى - سىرتىدىن كەلگەن ساياھەتچى 60 مىليون 970 مىڭ ئادەم / قېتىمغا يېتىپ، %23.1ئاشتى؛ پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىنىڭ خەلق پۇلى ۋە چەت ئەل پۇلى تۈرلۈك ئامانەت قالدۇق سوممىسىنى 1 تىرىليون 780 مىليارد يۈەنگە، قەرز قالدۇق سوممىسىنى 1 تىرىليون 370 مىليارد يۈەنگە يەتكۈزدۇق. ئۇل ئەسلىھەلىرى قۇرۇلۇشىنى زور دەرىجىدە كۈچەيتتۇق. پۈتۈن بىر يىلدا ئىجتىمائىي تۇراقلىق مۈلۈك سېلىنمىسىنى 1 تىرىليون 72 مىليارد 800 مىليون يۈەنگە يەتكۈزۈپ، %10 ئاشۇردۇق؛ ئاپتونوم رايوننىڭ نۇقتىلىق تۈرىدىن 430نى يولغا قويدۇق؛ تۇرپان - پارچەساغال، قەشقەر، قەشقەر يېڭىشەھەر تېز سۈرئەتلىك تاشيول قۇرۇلۇشىدا ئومۇميۈزلۈك ئىش باشلىدۇق، دۆلەت يولى 216 - لىنىيەسىنىڭ ئۈرۈمچى بۆلىكىنى ئۆزگەرتىش قۇرۇلۇشىنى تېزلەتتۇق، ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ يۇقىرى سۈرئەتلىك ئايلانما (شەرقىي لىنىيە) غول يولى بۆلىكىدە سىناق تەرىقىسىدە قاتناش باشلىدۇق؛ لىنخې - قۇمۇل تۆمۈريولىنىڭ قۇمۇل - ئەرگىنە بۆلىكىدە قاتناش باشلاپ، شىنجاڭدىن چىقىدىغان تۆمۈريولدىن يەنە بىرنى كۆپەيتتۇق؛ ئۈرۈمچى يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈريول يېڭى ۋوگزالىدا قاتناش شارائىتىنى ھازىرلىدۇق؛ چاقىلىق، يەكەن قاتارلىق جايلارنىڭ ئايرودۇرۇم قۇرۇلۇشىدا ئىش باشلىدۇق، شىخەنزە گۈلباغ ئايرودۇرۇمىدا رەسمىي قاتناش باشلاندى. يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغىنىڭ يادرولۇق رايون قۇرۇلۇشىنى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈردۇق. «بەش چوڭ مەركەز»، «ئون چوڭ ئىمپورت - ئېكسپورت كەسىپ توپلانما رايونى» قۇرۇلۇشىنىڭ مەخسۇس يىرىك پىلانىنى تۈزدۇق. بىر تۈركۈم ئالدىن ئىلگىرى سۈرۈلىدىغان تۈرلەرنىڭ تىزىملىكىنى ئېلان قىلدۇق؛ ئالاتاۋ، قورغاستىن ئىبارەت ئاپتوموبىل ئىمپورت قىلىش پورتى دۆلەتنىڭ تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىشىدىن ئۆتتى ھەمدە ئىمپورت قىلىش كەسپىنى باشلىدى، ئۈرۈمچى باجسىز ئۇنىۋېرسال رايونىنى دۆلەت تەكشۈرۈپ تەستىقلىدى ۋە بۇ قۇرۇلۇشقا ئۇل سېلىندى؛ توك يەتكۈزۈش، بېسىم ئۆزگەرتىش، يېڭى ئېنېرگىيە قاتارلىق بىر تۈركۈم چېگرا سىرتىدىكى تۈر قۇرۇلۇشلىرىدا ئۈنۈم ھاسىل قىلدۇق؛ ئەتراپتىكى دۆلەتلەر بىلەن بولغان ئىقتىساد - سودا ئالاقىسىنى يەنىمۇ كۈچەيتتۇق. تۈزۈلمە، مېخانىزم ئىسلاھاتىنى زور كۈچ بىلەن تېزلەتتۇق. ھەل قىلغۇچ ئىسلاھات تەدبىرلىرىدىن بىرمۇنچىسىنى ئوتتۇرىغا قويدۇق؛ مەركەز كارخانىلىرىنىڭ قانۇنىي ئىگىسىنى يەرلىكتە رويخەتكە ئېلىش، نېفىت - گاز بايلىقىنى ئۆز ئالدىمىزغا چارلاپ ئېچىشتا بۆسۈش ھاسىل قىلدۇق؛ مەبلەغ سېلىش، مەبلەغ جۇغلاش مېخانىزمىدا يېڭىلىق يارىتىپ، 404 مىليارد 500 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىشقا چېتىلىدىغان 445 تۈرنى ئوتتۇرىغا چىقاردۇق؛ ئادەتتىكى پاسپورتنى تارقىتىش بويىچە باشقۇرۇش ئىسلاھاتىنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويدۇق. خەلق تۇرمۇشىنى كۈچەپ كاپالەتلەندۈردۇق ۋە ياخشىلىدۇق. خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشنىڭ 6 - يىللىق پائالىيىتىنى چوڭقۇرلاشتۇردۇق، 25 تۈردىكى 100 نۇقتىلىق خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشىنى ئۆز قەرەلىدە تاماملىدۇق؛ شەھەر تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتىنىڭ ياردەم ئۆلچىمىنى 356 يۈەنگە، يېزا تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتىنىڭ ياردەم ئۆلچىمىنى 199 يۈەنگە يەتكۈزدۇق؛ ئىشقا ئورۇنلىشىشقا تۈرتكە بولىدىغان سىياسەت - تەدبىرلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، شەھەر - بازارلاردا بىر يىلدا 430 مىڭدەك كىشىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇردۇق، يېزا ئارتۇق ئەمگەك كۈچلىرىدىن يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلغانلارنى 2 مىليون 500 مىڭ ئادەم /قېتىمغا يەتكۈزدۇق؛ كېرىيە، گۇمىدىكى يەر تەۋرەشكە تاقابىل تۇرۇپ، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش خىزمىتىنى ئىلمىي، ئۈنۈملۈك، تەرتىپلىك ئىشلىدۇق. يەكەن دەرياسىنىڭ كەلكۈندىن مۇداپىئە كۆرۈش، تۈزەش قۇرۇلۇشىنى باشلىدۇق. «ئۈچتە تەلەپچان، ئۈچتە راستچىل بولۇش» مەخسۇس تەربىيەسىنى زور كۈچ بىلەن قانات يايدۇردۇق. مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشنى نىشان قىلىپ، قاتتىق قول بولۇش تەلىپىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، يۇقىرىدىكىلەر تۆۋەنگە ئۈلگە بولۇپ، مەخسۇس تەربىيە پائالىيىتىنى ئىنچىكە تەشكىللەپ يولغا قويدۇق. ھەر دەرىجىلىك ئورگانلاردىكى پارتىيەلىك رەھبىرىي كادىرلارنىڭ دىققىتىنى پارتىيەنىڭ سىياسىي ئىنتىزامى ۋە قائىدىسىگە قاتتىق ئەمەل قىلىشقا مەركەزلەشتۈرۈپ، «تەلەپچان بولماسلىق، راستچىل بولماسلىق» مەسىلىسىنى ئەستايىدىل تېپىپ چىقىپ، ئۈنۈملۈك تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، مەسىلىنى تۈزەتتۇق ۋە ئۈزلۈكسىز ئۈنۈم ھاسىل قىلدۇق.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر