باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

كادىرلار ئارخىپى مەملىكەت بويىچە قاتتىق تەكشۈرۈلدى، ئۆلكە دەرىجىلىك 420 كادىر ساختىلىق قىلغانلىقى ئۈچۈن بىر تەرەپ قىلىندى

ئارخىپىدا مەسىلە كۆرۈلگەن كادىرلارنى ئۆستۈرۈشكە بولمايدۇ

2016.01.13 14:09         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 13-يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق باشقۇرۇش، كادىرلارنى قاتتىق باشقۇرۇش، نازارەت قىلىش تەلىپىنى ئىزچىللاشتۇرۇش ئۈچۈن، مەركىزىي كومىتېت تەشكىلات بۆلۈمى ئارخىپتا ساختىلىق قىلىش مەسىلىسىنى تۈزەشنى ئادەم تاللاش، ئىشلىتىشتا ئادىل بولماسلىقنى تۈزۈشتىن ئىبارەت ئالتە تۈرلۈك نۇقتىلىق ۋەزىپىنىڭ بىرى قىلىپ، 2014-يىلى 10-ئايدىن باشلاپ، مەملىكەت بويىچە 3-تۈركۈمگە بۆلۈپ كادىرلار ئارخىپىنى مەخسۇس تەكشۈرۈش خىزمىتىنى قانات يايدۇردى. ھازىر، تۇنجى تۈركۈمدىكى ئۆلكە باشقۇرۇشىدىكى كادىرلار ئارخىپىنى مەخسۇس تەكشۈرۈش خىزمىتى ئاساسىي جەھەتتىن تاماملاندى، شەھەر، ناھىيە ئىككى دەرىجە ۋە مەركەز ئورۇنلىرى چىڭ تۇتۇپ ئىلگىرى سۈرۈپ، باسقۇچلۇق نەتىجىگە ئېرىشتى.

  جايلار، ئورۇنلار ئوخشىمىغان ئەھۋاللارنى پەرقلەندۈرۈشكە ئېتىبار بېرىپ، مەخسۇس تەكشۈرۈشتە بايقالغان مەسىلىلەرنى ئەستايىدىل رەتلەپ تۈزىتىشى كېرەك. سېلىشتۇرما ماتېرىيالى تولۇق، مۇكەممەل بولمىغانلار ۋاقتىدا تولۇقلىشى؛ ئۇچۇر خاتىرىسى توغرا، ئوخشاش بولمىغانلار ئالاقىدار سىياسەتلەر بويىچە تۈزىتىشى؛ ئارخىپتا ساختىلىق قىلغانلارنى قاتتىق تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىش كېرەك. ئۆلكە باشقۇرۇشىدىكى كادىرلار ئارخىپىنى مەخسۇس تەكشۈرۈش جەريانىدا، 145 مىڭدىن ئارتۇق ئارخىپ تولۇقلىنىپ، 25 مىڭدىن ئارتۇق كىشىنىڭ ئارخىپ ئۇچۇرى تۈزىتىلدى، 420 كىشى ئارخىپتا ساختىلىق قىلغانلىقى ئۈچۈن تەشكىل تەرىپىدىن بىر تەرەپ قىلىندى ياكى ئىنتىزام جازاسى بېرىلدى، 186 كىشىنىڭ ئارخىپىدا مەسىلە بارلىقى ئەنگە ئېلىندى، تەكشۈرۈپ ئېنىقلاشتىن بۇرۇن بۇلارنى ئۆستۈرۈشكە ۋە مۇھىم ۋەزىپىگە قويۇشقا بولمايدۇ. جايلار يەنە ئارخىپتا ساختىلىق قىلغان 37 تىپىك مەسىلىنى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلىپ، كۈچلۈك ئاگاھلاندۇرۇش ۋە چۆچۈتۈش رولىنى ئوينىدى. ئەستايىدىل، قاتتىق بىر تەرەپ قىلىش ئارقىلىق، كادىرلار چوڭقۇر ساۋاق ئېلىپ ۋە ئويغۇنۇپ، قائىدە ئېڭى ۋە قانۇن-ئىنتىزام قارشى كۈچىيىپ، شەخسىي ئۇچۇرىنى ھەقىقىي تولدۇرۇشتىكى ئاڭلىقلىقى ئۆستى. (شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر