باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

2015-يىلى سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ قىلغان 36911 مەسىلە تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىندى

2016.01.13 14:04         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 13-يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، مەمۇرىي تەپتىش مىنىستىرلىقى تور پونكىتى 12-يانۋار ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، 2015-يىلى مەملىكەت بويىچە مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىگە خىلاپلىق قىلغان 36911 مەسىلە تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنغان، 49508 كىشى بىر تەرەپ قىلىنغان، 33966 كىشى پارتىيە ئىنتىزامى، سىياسىي ئىنتىزام بويىچە جازالانغان. 2014-يىلى مەملىكەت بويىچە مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىگە خىلاپلىق قىلغان 53085 مەسىلە تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنغان، 71748 كىشى بىر تەرەپ قىلىنغان، 23646 كىشى پارتىيە ئىنتىزامى، سىياسىي ئىنتىزام بويىچە جازالانغان.

  2015-يىلى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنغان مەسىلىلەرنىڭ تۈرىدىن قارىغاندا، بەلگىلىمىگە خىلاپ ھۆكۈمەت ئاپتوموبىلى سەپلەش مەسىلىسى ئەڭ گەۋدىلىك بولۇپ 8642گە يەتكەن؛ بەلگىلىمىگە خىلاپ مۇكاپات تارقىتىش، بەلگىلىمىگە خىلاپ سوۋغات، پۇل بېرىش ۋە قوبۇل قىلىش، توي-تۆكۈن، نەزىر-چىراغنى ھەشەمەتلىك ئۆتكۈزۈش قاتارلىق مەسىلىلەر ئىككىنچى ئورۇندا تۇرغان. چېتىشلىق كىشىلەردىن قارىغاندا، ئۆلكە دەرىجىلىك كادىردىن 10ى بىر تەرەپ قىلىنغان، سەككىزى پارتىيە ئىنتىزامى، سىياسىي ئىنتىزام بويىچە جازالانغان.پۈتۈن مەملىكەتنىڭ مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇش ئەھۋالىنى ئىگىلەش ئۈچۈن، مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى 21 ئۆلكە، رايون، شەھەر ۋە شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى، 66 مەركەز ۋە دۆلەت ئورگىنى، 111 مەركەز كارخانىسى، 15 مەركەز پۇل-مۇئامىلە كارخانىسىدا مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇش ئەھۋالىنى ئايلىق دوكلات قىلىش تۈزۈمى ئورناتتى. (شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر