باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>2016-يىللىق شىنجاڭدىكى ئىككى يىغىن>>ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر

جاڭ چۈنشيەن سانجى، قۇمۇل ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلاتقا قاراپ چىقىشىغا قاتناشتى

شۆھرەت زاكىر، نەيىم ياسىن، نۇرلان ئابىلمەجىن، چې جۈن، خەن يۇڭ ئايرىم - ئايرىم قاراپ چىقىشقا قاتناشتى

2016.01.13 09:55         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 12 - نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 4 - يىغىنىغا قاتنىشىۋاتقان ۋەكىللەر ئۆمەكلىرى 11 - يانۋار چۈشتىن كېيىن ئومۇمىي يىغىن ئۆتكۈزۈپ، ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلاتقا قاراپ چىقتى.

  ۋەكىل جاڭ چۈنشيەن سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى، قۇمۇل ۋىلايىتى ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشتى.

  سانجى ۋەكىللەر ئۆمىكىدىكى جاۋ چىڭ، ما شيۇڭچېڭ، سۇ يۆ، پېڭ گوچۈن، ياڭ جيې، ئوسمان تاڭخەي قاتارلىق ۋەكىللەر ئىلگىرى - كېيىن سۆز قىلدى، كۆپچىلىك مۇنداق قارىدى: بۇ يىلقى ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلاتنىڭ باش تېمىسى روشەن، ئاساسىي لىنىيەسى گەۋدىلىك، نىشانى ئېنىق، تەدبىرى پۇختا بوپتۇ. «دوكلات»تا، بەش ئالاھىدىلىك، توققۇز «يېڭىلىق»، يەتتە قەتئىيلىك ئارقىلىق «12 - بەش يىل» ۋە 2015 - يىللىق خىزمەتلەر ئومۇميۈزلۈك بايان قىلىنىپ، ئۆتكەن بەش يىللىق نەتىجىلەرنىڭ تەستە قولغا كەلتۈرۈلگەنلىكى شەرھلىنىپتۇ. «دوكلات»تا، «13 - بەش يىل»دىكى نىشان - ۋەزىپىلەر ۋە بۇ يىللىق خىزمەت ئورۇنلاشتۇرمىسى ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ، مەركەز ۋە ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ بىر قاتار مۇھىم ئورۇنلاشتۇرمىلىرى تەپسىلىي بايان قىلىنىپتۇ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈپتۇ، بىز تەدبىرلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چىڭ تۇتساقلا، شىنجاڭنىڭ تۈرلۈك خىزمەتلىرىنى چوقۇم تېخىمۇ ياخشى ئىشلىيەلەيمىز، «13 - بەش يىل»دىكى ئۇلۇغۋار پىلاننى ئۆز قەرەلىدە ئىشقا ئاشۇرالايمىز.

  جاڭ چۈنشيەن مۇنداق دېدى: «دوكلات»تا، ج ك پ 18 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 5 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھى، ج ك پ ئاپتونوم رايونلۇق 8 - نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ 10 - ئومۇمىي (كېڭەيتىلگەن) يىغىنىنىڭ روھى ۋە ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنى، يۆلەش - ئېچىش خىزمىتى يىغىنى، مۇقىملىق خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھى تولۇق ئىزچىللاشتۇرۇلغان، نەتىجىلەر ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدىگەن ئاساستا خۇلاسىلەنگەن، خىزمەت ئورۇنلاشتۇرمىسى ئەمەلىي، كونكرېت ئوتتۇرىغا قويۇلغان بولۇپ، ياخشى دوكلات ھېسابلىنىدۇ.

  جاڭ چۈنشيەن مۇنداق كۆرسەتتى: سانجى ئوبلاستى يېڭى نورمال ھالەتكە ماسلىشىپ، يېڭى نەتىجىلەرنى نامايان قىلىشى كېرەك. «ئۈچتە باشلامچى بولۇش» ۋە «ئىككىدە يېڭىلىق يارىتىشنى قوزغىتىش» تەلىپىنى داۋاملىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىقتىسادنىڭ چېكىنىش بېسىمىغا تاقابىل تۇرۇپ، تەرەققىيات ئۇسۇلىنى يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئۆزگەرتىپ، تەمىنلەشتىكى يانداش قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى كۈچەيتىپ، تەرەققىيات سۈپىتىنىڭ ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈشى؛ «ئىككى ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات»تا قەتئىي چىڭ تۇرۇپ، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداشنى مۇھىم ئورۇنغا قويۇپ، ئەڭ قاتتىق تەلەپ بويىچە ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغدىشى؛ يېڭىچە شەھەر - بازارلىشىش قەدىمىنى تېزلىتىپ، گۈزەل يېزا، كەنت قۇرۇپ، ئەۋزەللىكنى جارى قىلدۇرۇپ، ئولتۇراقلىشىشقا ماس كېلىدىغان، ھاياتىي كۈچكە تولغان، قاتناش قولاي، ئىناق، ئىتتىپاق شەھەر بەرپا قىلىپ، «كەنتلەر گۈزەل، دېھقانلار باياشات، كەنت قىياپىتى ياخشى» بولغان گۈزەل يېزا، كەنت قۇرۇشى كېرەك.

  جاڭ چۈنشيەن مۇنداق تەكىتلىدى: ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى زىچ چۆرىدەپ، مۇقىملىقنى چىڭ ساقلاپ، «100-1=0» دېگەن قائىدىنى ئەستىن چىقارماي، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇقىملىق خىزمىتى يىغىنىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان ئورۇنلاشتۇرمىلارنى ئىزچىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىجتىمائىي ئومۇمىي ۋەزىيەتنىڭ مۇقىملىقىنى قەتئىي قوغداش كېرەك.

  قۇمۇل ۋەكىللەر ئۆمىكىدە ليۇ جيەن، ۋاڭ يۆبىن، ئېرجان قۇسمان، بەي جىگې، ۋاڭ يەنچىڭ، مەڭلىك سېيىت قاتارلىق ۋەكىللەر ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلاتنى چۆرىدىگەن ھالدا، بايلىق ئەۋزەللىكىنى ئايلاندۇرۇش، قاتناش ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى، دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىقنى زامانىۋىلاشتۇرۇش، شىنجاڭچە خاسلىققا ئىگە يېمەك - ئىچمەك قاتارلىق جەھەتلەردە تەكلىپ بەردى.

  جاڭ چۈنشيەن قۇمۇل ۋىلايىتىدىكىلەردىن ئىسلاھاتنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش، ئىقتىسادنى جانلاندۇرۇش، ئاساسنى تېخىمۇ پۇختىلاش، جەمئىيەتنىڭ تېخىمۇ مەدەنىي بولۇشىنى قولغا كەلتۈرۈشنى تەلەپ قىلدى.

  جاڭ چۈنشيەن مۇنداق تەكىتلىدى: ئىسلاھاتنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش، تەرەققىياتتا يېڭىلىق يارىتىش، ماس تەرەققىي قىلىش، تەرەققىيات يېشىل بولۇش، ئوچۇق تەرەققىي قىلىش، تەرەققىياتتىن ئورتاق بەھرىلىنىش ئىدىيەسىنى پۇختا تىكلەش ۋە ھەقىقىي ئىزچىللاشتۇرۇش، تىزگىنلەش سىستېمىسى ۋە تىزگىنلەش ئىقتىدارىنىڭ زامانىۋىلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش، يېڭىچە شەھەر، بازارلىشىش قەدىمىنى تېزلىتىش، قانۇن قۇرۇلۇشىنى تۇتقا قىلىپ، ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرۈش، تەستىق تۈرلىرىنى يەنىمۇ ئىخچاملاپ، ياخشى تەرەققىيات مۇھىتى يارىتىش؛ ئىقتىسادنى جانلاندۇرۇش −− «بەشنى بىرگەۋدىلەشتۈرۈش»، «بەشلەشتۈرۈش»تە چىڭ تۇرۇپ، قۇرۇلمىنى تەڭشەپ، يېڭىچە سانائەتلەشتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى چىڭ تۇتۇپ، ئەشيا ئوبوروتى تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش؛ ئاساسنى تېخىمۇ پۇختىلاش −− پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ۋە ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ھەقىقىي ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، توغرا سىياسىي يۆنىلىشتە چىڭ تۇرۇش، تەدبىرنى ئاساسىي قاتلامغىچە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، قاتتىق - يۇمشاق دېتال قۇرۇلۇشىغا تەڭ ئەھمىيەت بېرىش، قاتتىق دېتال جەھەتتە ئالدى بىلەن ئاساسىي قاتلامدا «2+5» نى ئىشقا ئاشۇرۇش، يۇمشاق دېتال جەھەتتە، كەنت دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرىنى كۈچەيتىش؛ جەمئىيەتنىڭ تېخىمۇ مەدەنىي بولۇشى زامانىۋى مەدەنىيەتنى يېتەكچى قىلىپ، بېيىش يولىغا مېڭىش، كۆڭۈلنى ئازادە تۇتۇش، خەلق تۇرمۇشىنى يەنىمۇ ياخشىلاپ، مەدەنىيەتنى جاي - جايلارغا يەتكۈزۈشتىن ئىبارەت.

  شۆھرەت زاكىر ئۈرۈمچى شەھىرى ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشقاندا مۇنداق دېدى: ئۈرۈمچى ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ سىياسىي، ئىقتىسادىي، مەدەنىيەت، پەن - تېخنىكا، مائارىپ ۋە قاتناش مەركىزى، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئۈرۈمچى شەھىرى تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش، مۇقىملىقنى قوغداش ۋە ئاتموسفېرا بۇلغىنىشىنى تۈزەش قاتارلىق جەھەتلەردە كۆرۈنەرلىك نەتىجىگە ئېرىشتى، ئەمما، ناۋادا نۆۋەتتىكى ئىقتىسادنىڭ چېكىنىش بېسىمى كۈنسېرى كۈچەيسە ئۈرۈمچى شەھىرىدە ئەڭ ئاۋۋال داۋالغۇش كۆرۈلۈپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئىشلەپچىقىرىشىغا روشەن تەسىر كۆرسىتىدۇ. ھازىر، قۇرۇلمىنى تەڭشەش، ئۇسۇلنى ئۆزگەرتىش ۋەزىپىسى ئىنتايىن مۈشكۈل، تەمىنلەشتىكى يانداش قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنىڭ ھالقىسى چوڭ شەھەرلەردە، شۇڭا ئۈرۈمچى شەھىرى مۇۋاپىق نۇقتىنى تېپىپ، ئىسلاھ قىلىش - يېڭىلىق يارىتىش تەپەككۈرىدە چىڭ تۇرۇپ، مۇقىم ئېشىشنى قولغا كەلتۈرۈشى، قۇرۇلمىنى تەڭشەپ، ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئارقىلىق بازارنى جانلاندۇرۇپ، پائال تەدبىر قوللىنىپ، ئىقتىسادنىڭ چېكىنىشىگە ئۈنۈملۈك تاقابىل تۇرۇشى؛ ئىلمىي شەھەر باشقۇرۇش ئۇسۇلىدا ئىزدىنىپ، ئاتموسفېرا بۇلغىنىشىنى تۈزەش سالمىقىنى زورايتىپ، قانۇن نازارەتچىلىكىنى كۈچەيتىپ، كارخانىلارنى قانۇن بويىچە ئىشلەپچىقىرىشقا ھەيدەكچىلىك قىلىشى؛ ئەقىلنى مۇجەسسەملەپ، پۇرسەتنى تۇتۇپ، زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلىپ، يېڭى نورمال ھالەتتە يېڭى رول ئويناپ، يېڭى نورمال ھالەتكە ماسلىشىش ئورنىنى توغرا بېكىتىپ، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى قۇرۇلۇشىدىكى غايەت زور تارىخىي پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، يادرولۇق رايوندىكى «بەش چوڭ مەركەز»قۇرۇلۇشىدا ھەقىقىي ئىلگىرىلەشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، 13 - بەش يىللىق پىلاننىڭ ياخشى باشلىنىشىنى قولغا كەلتۈرۈشى كېرەك.

  نەيىم ياسىن قەشقەر ۋىلايىتى ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشقاندا مۇنداق دېدى: « دوكلات»نىڭ تىلى ئاممىباپ، مەزمۇنى ئەتراپلىق بوپتۇ، «12 - بەش يىل» ۋە 2015 - يىلىدىكى تۈرلۈك خىزمەتلەر ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدىگەن ئاساستا خۇلاسىلىنىپتۇ، 13 - بەش يىللىق تەرەققىياتنىڭ يېتەكچى ئىدىيەسى، ئومۇمىي تەلىپى، نىشان، ۋەزىپىسى ئوتتۇرىغا قويۇلۇپتۇ. بىز يېڭى نورمال ھالەتكە ئاكتىپ ماسلىشىپ، مەركەز ۋە ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى زىچ چۆرىدەپ، «دوكلات»تا ئوتتۇرىغا قويۇلغان نىشان، تەلەپلەرگە ئاساسەن، شىنجاڭنى قانۇن ئارقىلىق ئىدارە قىلىشتا باشتىن - ئاخىر چىڭ تۇرۇپ، ئىدېئولوگىيە ساھەسىدىكى تەشۋىق - تەربىيە، ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش، ئاساسىي قاتلام تەشكىلاتلىرى قۇرۇلۇشى قاتارلىق ئۇل خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەپ، دۆلەت ئىچى - سىرتىدىكى ئىقتىسادنىڭ تەرەققىياتىغا قارىتا قۇرۇلما خاراكتېرلىك تەڭشەشنى چىڭ تۇتۇپ، تەمىنلەشتىكى يانداش قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئالاقىدار سىياسەتلەرنى تەڭشەپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، كەسىپلەر يېڭى سىستېمىسىنى بەرپا قىلىش، يېتەرسىزلىكلەرنى تولۇقلاپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ئاچقان جەنۇبىي شىنجاڭ خىزمىتى يىغىنىنىڭ تۈرلۈك ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك. 2020 - يىلىغا بارغاندا ئومۇميۈزلۈك نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش نىشان، ۋەزىپىسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش تولىمۇ مۈشكۈل، شۇڭا مۇھىم نۇقتىنى چىڭ تۇتۇپ، قىيىن مەسىلىنى ھەل قىلىپ، كۈچەش نۇقتىسىنى ئىگىلەپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك.

  ۋەكىل نۇرلان ئابىلمەجىن ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستلىق ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشقاندا مۇنداق دېدى: «دوكلات»تا، ج ك پ 18 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 5 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھى، ج ك پ ئاپتونوم رايونلۇق 8 - نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ 10 - ئومۇمىي (كېڭەيتىلگەن)يىغىنىنىڭ روھى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىسى تولۇق ئەكس ئەتتۈرۈلۈپتۇ، «دوكلات» تىن كۆپچىلىك مەسئۇلىيەتنى، يۆنىلىشنى ۋە نىشاننى كۆردى. ئىلى ئوبلاستى تەرەققىي قىلىمەن، دەيدىكەن چوقۇم ئۆگىنىشنى كۈچەيتىپ، قاراشنى ئاڭلىق بىرلىككە كەلتۈرۈپ، «مەن قىلالايمەن»، دېگەن ئاڭنى تۇرغۇزۇشى كېرەك. ئومۇمىي ۋەزىيەت يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ، يەرلىكنىڭ 13 - بەش يىللىق يىرىك پىلانىنى ئەستايىدىل تۈزۈپ، «بەش چوڭ قاراش»نى گەۋدىلەندۈرۈپ، پاكىز شىنجاڭ قۇرۇلۇشىدا ئالدىدا مېڭىشى كېرەك. نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىگە ئاتلىنىپ، تۈجۈپىلەپ يۆلەش، تۈجۈپىلەپ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشقا كۈچەپ، تۈرلۈك خىزمەتلەرنىڭ يېڭى بىر بالداققا چىقىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك.

  ۋەكىل چې جۈن ئاقسۇ ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشقاندا مۇنداق دېدى: «دوكلات»تا ھەقىقەت ئەمەلىيەتتىن ئىزدىنىلىپتۇ. ئوتتۇرىغا قويۇلغان نىشان ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇنلىشىپتۇ. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزلىرىنىڭ روھى، ج ك پ 18 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 5 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇھىم يىغىنلىرىنىڭ روھى گەۋدىلىنىپ، مەركەز روھىغا، شىنجاڭنىڭ ئەمەلىيىتىگە ئۇيغۇنلىشىپ، شىنجاڭنىڭ ئۆزگىچىلىكى گەۋدىلىنىپتۇ. بۇ يىل 13 - بەش يىللىق يىرىك پىلان يولغا قويۇلىدىغان تۇنجى يىل، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى يۇقىرى - تۆۋەن ئىدىيەدە بىرلىككە كېلىپ، كۈچنى مۇجەسسەملەپ، ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلىپ، مەركەزنىڭ شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش، ئىتتىپاق - مۇقىم قىلىش، ئۇزاققىچە گۈللەندۈرۈشتەك شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش ئىستراتېگىيەسىدە چىڭ تۇرۇشى، تەرەققىياتتا يېڭىلىق يارىتىش، ماس تەرەققىي قىلىش، تەرەققىيات يېشىل بولۇش، ئوچۇق تەرەققىي قىلىش، تەرەققىياتتىن ئورتاق بەھرىلىنىش ئىدىيەسىدە باشتىن - ئاخىر چىڭ تۇرۇپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكتىن ئىبارەت مۇھىم نۇقتا ۋە كۈچەش نۇقتىسىنى چىڭ تۇتۇشى، ئىقتىسادىي تەرەققىيات، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش، ئاساسىي قاتلامنىڭ ئۇلىنى كۈچەيتىش قاتارلىق خىزمەتلەرنى بىر تۇتاش پىلانلاشنى ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك.

  ۋەكىل خەن يۇڭ شىخەنزە ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشقاندا مۇنداق دېدى: «12 - بەش يىل» بىڭتۈەننىڭ مۇقىملىقنى ساقلاش ئىقتىدارى كۆرۈنەرلىك كۈچەيگەن، ئۇنىۋېرسال ئەمەلىي كۈچى ئۆسكەن، تۈەن - مەيدان ۋە شەھەر - بازارلارنىڭ قىياپىتىدە زور ئۆزگىرىش بولغان، ئاساسىي قاتلامنىڭ ئاساسى ئۈزلۈكسىز پۇختىلانغان، ئىشچى - خىزمەتچىلەر ۋە ئاممىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش شارائىتى ياخشىلانغان مەزگىل بولدى، «13 - بەش يىل»دا بىڭتۈەننىڭ ھەر دەرىجىلىك ئورۇنلىرى مۇقىملىقنى ساقلاشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇپ، بىڭتۈەننىڭ جەنۇبىي شىنجاڭدىكى تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىياتنى تېزلىتىپ، بىڭتۈەن بىلەن يەرلىكنىڭ بىرىكىشىنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئاساسىي قاتلامنىڭ ئۇلىنى پۇختىلاپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكى ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ رولىنى جارى قىلدۇرۇشى كېرەك.

  ۋەكىل قۇۋان ئەخمەت مۇنداق دېدى: «دوكلات»تا، ئېلېكتىرونلۇق سودىنىڭ تەرەققىياتىنى تېزلىتىش، شىنجاڭنىڭ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ ئىچكىرى ئۆلكىلەردىكى سېتىلىشىنى تېزلىتىش تىلغا ئېلىندى، بۇنىڭدىن بىز دېھقانلار بەك خۇش بولدۇق. يېزىلاردا ئېلېكتىرونلۇق سودا تەرەققىي قىلسا، چىلاننىڭ بازىرى چىقىپ، كۆپچىلىكنىڭ كىرىمى ئاشىدۇ.

  ۋەكىل رىزۋانگۈل ئابدۇرېھىم مۇنداق دېدى: «دوكلات»تا، شەھەر، يېزا ئاھالىلىرىنىڭ داۋالىنىش سۇغۇرتىسى سىياسىتى ۋە باشقۇرۇش سىياسەتلىرىنى بىرلەشتۈرۈش، شەھەر، يېزا ئاھالىلىرىدىن ئېغىر كېسەل بولغانلارغا قارىتىلغان سۇغۇرتا تۈزۈمىنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇش ئوتتۇرىغا قويۇلۇپتۇ. بۇ، دېھقانلارنى خۇشاللاندۇرىدىغان چوڭ ئىش. ھۆكۈمەت ئاممىنىڭ ساغلاملىقىنى كۆزدە تۇتۇپ، نۇرغۇن كىشىنى كېسەل كۆرسىتىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر