باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

« شەھەر ۋە يېزا ئاھالىلىرىنىڭ ئاساسى داۋالىنىش سۇغۇرتا تۈزۈمىنى تەرتىپكە سېلىش ھەققىدىكى پىكىر» تارقىتىلدى

2016.01.13 10:44         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  گوۋۇيۈەن يېقىندا« شەھەر يېزا ئاھالىلىرىنىڭ ئاساسى داۋالىنىش سۇغۇرتا تۈزۈمىنى تەرتىپكە سېلىش ھەققىدىكى پىكىر»نى بېسىپ تارقىتىپ، شەھەر بازار ئاھالىلىرىنىڭ ئاساسى داۋالىنىش سۇغۇرتىسى ۋە يېڭىچە يېزا ھەمكارلىشىپ داۋالىنىشتىن ئىبارەت ئىككى تۈزۈمنى تەرتىپكە سېلىش، بىرلىككە كەلگەن شەھەر يېزا ئاھالىلىرى ئاساسى داۋالىنىش سۇغۇرتا تۈزۈمى ئورنىتىش ھەققىدە ئېنىق تەلەپ قويدى.

  پىكىردە شەھەر يېزا ئاھالىلىرىنىڭ داۋالىنىش سۇغۇرتا تۈزۈمى سىياسىتىنى تەرتىپكە سېلىش ھەققىدە ئالتىنى بىرلىككە كەلتۈرۈش تەلىپى يەنى بىرىنچى، قاپلىنىش دائىرىسىنى بىرلىككە كەلتۈرۈش، ئىككىنچى، مەبلەغ توپلاش سىياسىتىنى بىرلىككە كەلتۈرۈش، ئۈچىنچى كاپالەت تەمىناتىنى بىرلىككە كەلتۈرۈش، تۆتىنچى، داۋالاش سۇغۇرتا مۇندەرىجىسىنى بىرلىككە كەلتۈرۈش، بەشىنچى، نۇقتا بەلگىلەپ باشقۇرۇشنى بىرلىككە كەلتۈرۈش، ئالتىنچى، فوند باشقۇرۇشنى بىرلىككە كەلتۈرۈش ئوتتۇرىغا قويۇلدى. پىكىردە مۇنۇلار تەكىتلەندى: شەھەر يېزا ئاھالىلىرىنىڭ داۋالىنىش سۇغۇرتىسىنى تەرتىپكە سېلىش تۈزۈمى داۋالاش ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشتىكى بىر نۇقتىلىق ۋەزىپە، ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، مەركەزگە بىۋاستە قاراشلىق شەھەرلەر 2016-يىلى 6-ئاينىڭ ئاخىرىدىن بۇرۇن تۈزۈمنى تەرتىپكە سېلىش ھەققىدە پىلان ۋە ئورۇنلاشتۇرۇش چىقىرىشى، ھەرقايسى بىرتۇتاش پىلانلىنىدىغان رايونلار بۇ يىل 12-ئاينىڭ ئاخىرىغىچە كونكېرىت يولغا قويۇش لايھەسىنى چىقىرىپ بولۇشى كېرەك، ئۇنىۋېرسال داۋالاش ئىسلاھاتى سىناق قىلىنغان ئۆلكىلەر شەھەر يېزا ئاھالىلىرىنىڭ داۋالىنىش سۇغۇرتىسىنى تەرتىپكە سېلىشنى نۇقتىلىق ئىسلاھات مەزمۇنى قىلىپ، داۋالاش ئىسلاھاتىدىكى باشقا خىزمەتلەر بىلەن بىرتۇتاش ماسلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، تېزدىن ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر