باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

«شەرقتىكى ئاساسىي ئۇرۇش مەيدانى»نى پۈتۈن دۇنيادا تارقىتىش مۇراسىمى يېڭى دېھلىدا ئۆتكۈزۈلدى

2016.01.13 14:14         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  يېڭى دېھلى دۇنيا كىتاب كۆرگەزمىسىدە 12- يانۋار «شەرقتىكى ئاساسى ئۇرۇش مەيدانى»نى تارقىتىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى، بۇ، مەزكۇر كىتابنىڭ تۇنجى قېتىم خەنزۇچە، ئىنگلىزچە، رۇسچە، فىرانسۇزچە، ئىسپانچە، ئەرەبچە، ياپونچە 7 خىل تىلدا نەشر قىلىنىپ پۈتۈن دۇنيادا تارقىتىلىشى.«شەرقتىكى ئاساسىي ئۇرۇش مەيدانى» ناملىق كىتابتا جۇڭگو خەلقىنىڭ ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇشىنىڭ -دۇنيا فاشىزمغا قارشى ئۇرۇشىنىڭ شەرقتىكى ئاساسىي ئۇرۇش مەيدانى بولۇشتەك تارىخىي ئورنى ۋە تۆھپىسى تولۇق نامايان قىلىنىپ، جۇڭگو كومپارتىيەسىنىڭ ئاساسىي تۈۋرۈكلۈك رولى ۋە جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئېگىلمەس سۇنماس، باتۇرلۇق بىلەن دۈشمەنگە قارشى تۇرۇشتەك روھى ئىپادىلەنگەن. كىتابقا 700 پارچىگە يېقىن قىممەتلىك تارىخىي سۈرەت، ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇشتىكى 50 كە يېقىن پېشقەدەم ئەسكەر، شاھىت، گۇۋاھچى ۋە جۇڭگو، ئامېرىكا، ئەنگلىيە، ياپونىيە، رۇسىيەدىكى 20 گە يېقىن نوپۇزلۇق مۇتەخەسسىس بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن سۆھبەت كىرگۈزۈلگەن. كىتاب تارقىتىش مۇراسىمىدا، جۇڭگو يېڭى دۇنيا نەشرىياتى بىلەن ھىندىستاننىڭ نەشرىيات ساھەسىدىكى ھەمكارلاشقۇچى تەرەپ«شەرقتىكى ئاساسىي ئۇرۇش مەيدانى»نىڭ ئىنگلىزچە، ھىندىچە يېزىقتىكى نەشرىنى ھىندىستاندا تارقىتىشقا نەشر ھوقۇقى بېرىش توغرىسىدا كېلىشىم ئىمزالىدى، بۇ كىتاب پات يېقىندا ھىندىستاندىكى ھەر قايسى كىتابخانىلاردا سېتىلىدۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر