باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

«قۇسۇرچى» ۋەكىل، ئەزالارغا ئالقىش

2016.01.13 09:57         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  11 - يانۋار چۈشتىن كېيىن، سىياسىي كېڭەش ئەزالىرىنىڭ گۇرۇپپا مۇزاكىرىسىدە، ئەزا شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى فىزىكا ئىلمى ۋە تېخنولوگىيە ئىنستىتۇتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ئالىمبېك تۇرسىبېك «ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات»تىن «قۇسۇر» ئىزدىدى. ئۇ: «ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات»تا، ئەمىن ئۆي قۇرۇلۇشىنىڭ سانى كۆپ، قاپلىنىش دائىرىسى كەڭ بولسىمۇ، ئەمما پۇقرالار ئەمىن ئۆيلەرنىڭ سۈپىتىگە ئەڭ كۆڭۈل بۆلىدۇ. شۇڭا، «ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات»تا ئوتتۇرىغا قويۇلغان ئۆتكەن بىر يىلدا ئېرىشكەن نەتىجىلەرنىلا كۆرمەستىن، ساقلانغان مەسىلىلەرگىمۇ سەل قارىماسلىقىمىز كېرەك، دېدى.

  ۋەكىل، ئەزالار «ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات»نى مۇزاكىرە قىلىش، قاراپ چىقىش جەريانىدا نازارەتچىلىك فۇنكسىيەسىنى ياخشى ئادا قىلىشى، شۇنداقلا ئورتاق چارە - تەدبىر كۆرسىتىشى كېرەك. ئەگەر ھەر بىر ۋەكىل، ئەزانىڭ «قۇسۇرى» بىۋاسىتە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىنغان ۋە ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدىگەن ئاساستا ئوتتۇرىغا قويۇلسا، «ئىككى يىغىن»دا تېخىمۇ ئېتىبارغا ئېلىنىدۇ.

  بىز بۇ خىل «قۇسۇر» ئىزدەش روھىنىڭ «ئىككى يىغىن» بىلەنلا چەكلىنىپ قالماي، كۈندىلىك خىزمەتلەردىمۇ ئۆز ئىپادىسىنى تېپىشىنى ئۈمىد قىلىمىز. بۇ، يىغىنغا قاتناشقۇچى ۋەكىللەر، ئەزالارنىڭ ھاكىمىيەت ئىشلىرىغا قاتنىشىش ۋە ھاكىمىيەت ئىشلىرىنى مۇھاكىمە قىلىش جەھەتتە ئۆز فۇنكسىيەسى ۋە مەسئۇلىيىتىنى ئەستايىدىل ئادا قىلغانلىقى، تېخىمۇ مۇھىمى ۋەكىل، ئەزالارنىڭ خەلققە بولغان يۈكسەك مەسئۇلىيىتىنىڭ ئىپادىسى ھېسابلىنىدۇ. ۋەكىل، ئەزالارنىڭ سەزگۈرلۈكى، ئەستايىدىل پوزىتسىيەسى ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ تۈرلۈك ئىشلىرىنى ئالغا سىلجىتىشقا كۈچلۈك تۈرتكە بولىدۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر