باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر>>شى جىنپىڭ

شى جىنپىڭ 18-نۆۋەتلىك مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ 6-ئومۇمىي يىغىنىدا مۇھىم سۆز قىلىپ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى:

پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش ۋە قائىدە بويىچە ئىدارە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، تۈزۈلمە، مېخانىزمدا يېڭىلىق يارىتىپ، پارتىيە ئىچىدىكى نازارەتچىلىكنى كۈچەيتىش كېرەك

لى كېچياڭ، جاڭ دېجياڭ، يۈ جېڭشېڭ، ليۇ يۈنشەن، جاڭ گاۋلى يىغىنغا قاتناشتى، ۋاڭ چىشەن يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى

2016.01.13 13:37         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 13-يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ 12-يانۋار چۈشتىن بۇرۇن جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 18-نۆۋەتلىك مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ 6-ئومۇمىي يىغىنىدا مۇھىم سۆز قىلدى. ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: مۇستەھكەم سىياسىي كۈچنى ساقلاپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش ۋە قائىدە بويىچە ئىدارە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، دىققەتنى نازارەت قىلىش، ئىنتىزامنى ئىجرا قىلىش، مەسئۇلىيەتنى سۈرۈشتۈرۈشكە مەركەزلەشتۈرۈپ، ماھىيەتتىنمۇ، ھادىسىدىنمۇ تۈزەشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، تۈزۈلمە، مېخانىزمدا يېڭىلىق يارىتىپ، قانۇن - نىزام، تۈزۈملەرنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، پارتىيە ئىچىدىكى نازارەتچىلىكنى كۈچەيتىپ، ئىنتىزامنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇپ، مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىنى ئىزچىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاممىنىڭ ئەتراپىدىكى ناتوغرا ئىستىل ۋە چىرىكلىشىش مەسىلىسىنى كۈچەپ ھەل قىلىپ، چىرىكلىشىشنىڭ ئاينىپ كېتىش ۋەزىيىتىنى قەتئىي چەكلەپ، پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش ۋە چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىدە ئۈزلۈكسىز يېڭى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈش كېرەك.

  ج ك پ مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بيۇروسى دائىمىي كومىتېتى ئەزالىرىدىن لى كېچياڭ، جاڭ دېجياڭ، يۈ جېڭشېڭ، ليۇ يۈنشەن، جاڭ گاۋلى يىغىنغا قاتناشتى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ۋاڭ چىشەن يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

  شى جىنپىڭ مۇنداق دېدى: پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، پارتىيەمىز يېڭى ۋەزىيەت، يېڭى ۋەزىپىلەرنى كۆزلەپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى «تۆت ئومۇميۈزلۈك» ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسى دائىرىسىگە كىرگۈزۈپ، پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش ۋە چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنى پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنىڭ مۇھىم مەزمۇنى قىلىپ، ئىستىلدا دۇرۇس، ئىنتىزامدا قاتتىق بولۇپ، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇپ، رەزىللىكنى جازالاپ، چىرىكلىشىشكە جۈرئەت قىلالمايدىغان، چىرىكلەشمەيدىغان، چىرىكلىشىشنى ئويلىمايدىغان تۈزۈلمە، مېخانىزمنى تىرىشىپ بەرپا قىلدى. مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر، ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيە نىزامنامىسىدىكى بەلگىلىمىلەرگە رىئايە قىلىپ، دىققەتنى مەركىزىي ۋەزىپىلەرگە مەركەزلەشتۈرۈپ، پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش ۋە چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىدە يېڭى، مۇھىم نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولدى. بىز پارتىيەنىڭ سىياسىي ئىنتىزامىنى چىڭىتىپ، پارتىيەنى باشقۇرۇش، ئىدارە قىلىش مەسئۇلىيىتىنى مۇستەھكەملەپ، تۈزۈلمە، مېخانىزمدا يېڭىلىق يارىتىپ، تۈزۈم قەپىزىنى مۇستەھكەملەپ، «تۆت خاھىش» مەسىلىسى، پارتىيە ئىستىلى، خەلق ئىستىلىنى تېخىمۇ ياخشىلاشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە ئىچىدىكى نازارەتچىلىكنى كۈچەيتىپ، ئۇنىڭ كۆزىتىش، ئۆتكۈر خەنجەرلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، چىرىك ئۇنسۇرلارنى قاتتىق جازالاپ، قېچىپ يۈرگەنلەرنى قوغلاپ تۇتۇش، ھارام مالنى قايتۇرۇۋېلىش خىزمىتىنى كۈچەيتتۇق. ئەل رايى ئەڭ چوڭ سىياسىي خىزمەت، ھەققانىيەت ئەڭ كۈچلۈك كۈچ. چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش −− خەلقنىڭ پارتىيەگە بولغان ئىشەنچىسى ۋە قوللىشىنى كۈچەيتتى، خەلق بۇنىڭغا يۈكسەك باھا بەردى.( شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر