باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

گوۋۇيۈەن «پىكىر» ئېلان قىلدى

شەھەر، يېزا ئاھالىلىرىنىڭ داۋالىنىش سۇغۇرتىسى «ئالتىدە بىرلەشتۈرۈلىدۇ»

2016.01.13 13:41         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 13-يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: گوۋۇيۈەن يېقىندا «شەھەر، يېزا ئاھالىلىرىنىڭ ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسى تۈزۈمىنى بىرلەشتۈرۈش توغرىسىدىكى پىكىر»نى تارقىتىپ، شەھەر، يېزا ئاھالىلىرىنىڭ ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسى بىلەن يېزىلارنىڭ يېڭىچە ھەمكارلىشىپ داۋالىنىش تۈزۈمىنى بىرلەشتۈرۈش، شەھەر، يېزا ئاھالىلىرىنىڭ ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسى تۈزۈمىنى بىر تۇتاش ئورنىتىش توغرىسىدا ئېنىق تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى.

  «پىكىر»دە، شەھەر، يېزا ئاھالىلىرىنىڭ داۋالىنىش سۇغۇرتىسى تۈزۈمىنى بىرلەشتۈرۈش سىياسىتىدە «ئالتىنى بىرلەشتۈرۈش» تەلىپى ئوتتۇرىغا قويۇلدى: بىرىنچى، قاپلاش دائىرىسىنى بىرلىككە كەلتۈرۈش. شەھەر، يېزا ئاھالىلىرىنىڭ داۋالىنىش سۇغۇرتىسى تۈزۈمىنىڭ قاپلاش دائىرىسى، ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسىغا قاتنىشىشقا تېگىشلىك كىشىلەردىن باشقا بارلىق شەھەر، يېزا ئاھالىلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئىككىنچى، مەبلەغ توپلاش سىياسىتىنى بىرلىككە كەلتۈرۈش. كۆپ يوللۇق مەبلەغ توپلاشتا چىڭ تۇرۇپ، شەھەر، يېزىلارنىڭ بىر تۇتاش مەبلەغ توپلاش ئۆلچىمىنى مۇۋاپىق بېكىتىپ، ھازىر يولغا قويۇلۇۋاتقان شەھەر، بازار ئاھالىلىرىنىڭ داۋالىنىش سۇغۇرتىسى بىلەن يېزىلارنىڭ يېڭىچە ھەمكارلىشىپ داۋالىنىش تۈزۈمىدىكى شەخس ئۆزى پۇل تۆلەيدىغان ئۆلچەم پەرقى نىسبەتەن چوڭ جايلاردا، پەرقلىق ھەق تۆلەش چارىسى قوللىنىپ تەدرىجىي بىرلەشتۈرۈش كېرەك. ئۈچىنچى، كاپالەتلەندۈرۈشنى بىرلىككە كەلتۈرۈش. كاپالەتلەندۈرۈش دائىرىسى ۋە تۆلەش ئۆلچىمىنى تەدرىجىي بىرلىككە كەلتۈرۈپ، سىياسەت دائىرىسى ئىچىدە دوختۇرخانىدا ياتقان پۇلنىڭ تۆلەش نىسبىتىنى ٪75 ئەتراپىدا ساقلاپ، ئامبۇلاتورىيەنىڭ كاپالەتلەندۈرۈش سەۋىيەسىنى تەدرىجىي ئۆستۈرۈش كېرەك. تۆتىنچى، داۋالىنىش سۇغۇرتىسى مۇندەرىجىسىنى بىرلىككە كەلتۈرۈش. ھەر قايسى ئۆلكىلەر(رايون، شەھەر) ھازىر يولغا قويۇلۇۋاتقان شەھەر، بازار ئاھالىلىرىنىڭ داۋالىنىش سۇغۇرتىسى بىلەن يېزىلارنىڭ يېڭىچە ھەمكارلىشىپ داۋالىنىش تۈزۈمى مۇندەرىجىسى ئاساسىدا، سۇغۇرتىلانغۇچىلارنىڭ ئېھتىياج ئۆزگىرىشىنى مۇۋاپىق ئويلىشىپ، بىرلىككە كەلگەن داۋالىنىش سۇغۇرتىسى دورىلىرى ۋە داۋالىنىش مۇلازىمەت تۈرىنىڭ مۇندەرىجىسىنى تۈزۈشى كېرەك. بەشىنچى، نۇقتىدا باشقۇرۇشنى بىرلىككە كەلتۈرۈش. نۇقتىدا بەلگىلەنگەن ئاپپاراتلارنى باشقۇرۇش چارىسىنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، نۇقتىدا بەلگىلەنگەن مۇلازىمەت كېلىشىمى بويىچە باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، تەكشۈرۈپ باھالاش مېخانىزمى ۋە ھەرىكەتچان كىرىش-چىقىش مېخانىزمى ئورنىتىش ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. ئالتىنچى، فوندىنى باشقۇرۇشنى بىرلىككە كەلتۈرۈش. شەھەر، يېزا ئاھالىلىرىنىڭ داۋالىنىش سۇغۇرتىسىدا دۆلەت بىر تۇتاش يولغا قويغان فوند، مالىيە ئىشلىرى تۈزۈمى، بوغالتىرلىق تۈزۈمى ۋە فوند خام چوتى ۋە نەق چوتىنى باشقۇرۇش تۈزۈمىنى ئىجرا قىلىش كېرەك. (شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر