باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ۋاڭ ياڭ گوۋۇيۈەن ساياھەت خىزمىتى ھەققىدىكى مىنىستىر دەرىجىلىكلەر يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى

2016.01.13 10:23         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى ۋاڭ ياڭ تۈنۈگۈن بېيجىڭدا گوۋۇيۈەن ساياھەت خىزمىتى ھەققىدىكى مىنىستىر دەرىجىلىكلەر يىغىنىنىڭ 3-ئومۇمىي يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى. ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: جۇڭگو كومپارتىيەسى 18-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 5-ئومۇمىي يىغىنى ۋە مەركەز ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ يېڭى تۇراقلىق ھالىتىگە ماسلىشىپ ۋە ئۇنىڭغا يېتەكچىلىك قىلىش؛ ساياھەتنىڭ تەرەققىيات ئۇسۇلىنى ئۆزگەرتىپ، ساياھەتنىڭ تەمىنلەش ئىسلاھاتىنى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈش؛ بازارنىڭ بايلىق تەقسىملەشتىكى ھالقىلىق رولى ۋە ھۆكۈمەتنىڭ رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، ساياھەت كەسىپىنىڭ سىجىل ھەم تېز سۈرئەتتە ساغلام تەرەققىي قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، خەلق ئىگىلىكىنى مۇقىم ئاشۇرۇش ۋە قۇرۇلما تەڭشەشنى سىجىل ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ بىلەن تەمىنلەش كېرەك. ۋاڭ ياڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: چاغان ساياھەتچىلەر سەپەرگە كۆپ چىقىدىغان ۋە ساياھەت بىخەتەرلىك ۋەقەسى كۆپ يۈز بېرىدىغان ۋاقىت، شۇڭا يەرلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ تەۋەلىك باشقۇرۇش مەسئۇلىيىتى، ساياھەت كارخانىلىرىنىڭ ئاساسىي گەۋدىلىك مەسئۇلىيىتى، ئالاقىدار تارماقلارنىڭ نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش مەسئۇلىيىتىنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، تۈرلۈك يوشۇرۇن خەۋپلەرنى تەكشۈرۈپ ۋە تۈگىتىپ، پەۋقۇلئاددە چوڭ ساياھەت بىخەتەرلىكى ۋەقەلىرىنىڭ يۈز بېرىشىدىن ساقلىنىپ، خەلق ئاممىسىنىڭ چاغاننى بىخەتەر، تىنچ، خۇشال-خۇرام ئۆتكۈزۈشىگە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر