باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر>>شى جىنپىڭ

ساغلام كەيپىياتنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، دۆلەتنى مۇقىملاشتۇرايلى

−− يولداش شى جىنپىڭ باش شۇجىلىقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باشلامچى بولۇپ ئىستىل قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى مۇلاھىزىسى

2016.01.11 15:53         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بيۇروسى 2015-يىلى 28-دېكابىردىن 29-دېكابىرغىچە مەخسۇس تېمىلىق دېموكراتىك تۇرمۇش يىغىنى ئېچىپ، «ئۈچتە تەلەپچان، ئۈچتە راستچىل بولۇش»نى ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش ئەھۋالىنى سېلىشتۇرۇپ تەكشۈرۈپ، پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش تەدبىرلىرىنى مۇزاكىرىلىشىپ تەتقىق قىلدى.

  بۇ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ پۈتۈن پارتىيەگە تىكلىگەن بايرىقى، پۈتۈن پارتىيەنىڭ پارتىيە مەركىزى كومىتېتىغا توغرىلىنىش ئىرادىسى.

  پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىدىن «تۆت خىل خاھىش»قا قارشى تۇرۇشقىچە، پارتىيەنىڭ ئاممىۋى لۇشيەن تەربىيە-ئەمەلىيەت پائالىيىتىدىن «ئۈچتە تەلەپچان، ئۈچتە راستچىل بولۇش» مەخسۇس تېمىلىق تەربىيە پائالىيىتىگىچە، يولداش شى جىنپىڭ باش شۇجىلىقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى باشتىن-ئاخىر پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق قۇرۇلۇشىنى چىڭ تۇتۇپ، سۆزىگە ئەمەل قىلىپ، ھەرىكىتىدە كۆرسىتىپ، باشلامچىلىق بىلەن ئۈلگە بولۇپ، مەسىلىسىنى توغرا تېپىپ، قاتتىق قوللۇق بىلەن ھادىسىدىنمۇ، ماھىيەتتىنمۇ تۈزەپ، پارتىيە ئىستىلىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، جەمئىيەت ئەھۋالى، خەلقىنىڭ قارىشىنى يېڭىلىدى. ئاممىنىڭ كادىرلار ئادىل، ھۆكۈمەت پاك، سىياسىيدا ئېنىق بولۇشتەك ئارزۇسى تەدرىجىي ئىشقا ئاشماقتا.

  باشلامچىلىق بىلەن ئۈلگە بولۇش كېرەك

  −− يولداش شى جىنپىڭ باش شۇجىلىقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ھەرىكىتى ئارقىلىق پەرمان چۈشۈرۈپ، ئۆزى ئۈلگە كۆرسىتىپ، پۈتۈن پارتىيە ئۈچۈن ئىستىل قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشتە ئۈلگە تىكلىگەنلىكى توغرىسىدا

  پاراخوتنىڭ قانچىلىك يۈرەلىشىدە كېمىچى مۇھىم رول ئوينايدۇ.

  «ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بيۇروسىنىڭ زىممىسىگە جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىشلىرىنىڭ يۆنىلىشىنى بەلگىلەش، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ مۇھىم قارار ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى بىر تۇتاش ئورۇنلاشتۇرۇپ ماسلاشتۇرۇش، دۆلەت ئىچى-سىرتىدىكى چوڭ زىددىيەت، خەۋپلەرگە قارشى تۇرۇشقا تەشكىللەشتەك مۇھىم ۋەزىپە يۈكلەنگەن بولۇپ، <ئۈچتە تەلەپچان، ئۈچتە راستچىل بولۇش>نىڭ ئۈلگىسى بولۇشى كېرەك.»

  «ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بيۇروسىدىكى يولداشلارنىڭ ھەر بىر سۆز-ھەرىكىتى، يۈرۈش-تۇرۇشى شەخسنىڭ ئىشى بولۇپلا قالماستىن، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ ئىشى، خەلقنىڭ ئىشى، ئومۇمىيەتنىڭ ئىشى، چوقۇم پارتىيە نىزامىغا نەمۇنىلىك بىلەن ئەمەل قىلىشى <ئۈچتە تەلەپچان، ئۈچتە راستچىل بولۇش>تا ئۆزىگە تېخىمۇ قاتتىق تەلەپ قويۇپ، تىرىشىپ يۇقىرى سەۋىيەدىكى ماركسىزم سىياسىئونىغا ئايلىنىشى كېرەك.»

  باش شۇجى شى جىنپىڭ ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بيۇروسىنىڭ بۇ قېتىملىق دېموكراتىك تۇرمۇش يىغىنىدا سىياسىي بيۇروغا تېخىمۇ يۇقىرى، قاتتىق تەلەپلەرنى قويدى.

  بۇ ئۈچ يىلدىن بۇيانقى پارتىيە ئىستىل قۇرۇلۇشىغا بولغان چوڭ تەكشۈرۈش، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق باشقۇرۇشقا بولغان قايتا سەپەرۋەرلىك ھېسابلىنىدۇ.(شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)

  مەنبە:خەلق تورى
  


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر