باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

2016- يىللىق، جۇڭگو بىلەن شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقنىڭ مائارىپ جەھەتتىكى ئالماشتۇرۇش يىلى خىزمىتى رەسمىي باشلاندى

2016.01.13 14:16         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  2016-يىللىق جۇڭگو بىلەن شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ مائارىپ جەھەتتىكى ئالماشتۇرۇش خىزمىتى كېڭىشى 12- يانۋار باڭكوكتا ئۆتكۈزۈلدى. بۇ مائارىپ جەھەتتىكى ئالماشتۇرۇش يىلى خىزمىتىنىڭ رەسمىي باشلانغانلىقىنى كۆرسەتتى. جۇڭگو بىلەن شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ مائارىپ ئىشلىرى بويىچە يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرى مائارىپ ئالماشتۇرۇش يىلى لايىھەسى ئۈستىدە چوڭقۇر مۇھاكىمە ئىلىپ باردى. جۇڭگو مائارىپ مىنىستىرلىقىنىڭ خەلقئارا ھەمكارلىق ۋە ئالماشتۇرۇش مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى سىن جىيەنجۇن يىغىنغا قاتناشقان ھەر قايسى تەرەپلەرگە مائارىپ ئالماشتۇرۇش يىلىدا جۇڭگونىڭ بېكىتكەن لايىھەسىنى تونۇشتۇردى. ئۇ مۇنداق دېدى: ھازىرغىچە، جۇڭگو 270 قېتىمدىن كۆپرەك پائالىيەتنى توپلىدى، بۇ 2016- يىلىنىڭ ھەر قايسى باسقۇچلىرىنى قاپلايدىغان بولۇپ، جۇڭگو بىلەن شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ ئاساسلىق شەھەرلىرىگە ئومۇملاشقان ، كۆرگەزمە يىغىنى، ئىلىمى ھەمكارلىق، ئاسپىرانتلارنى تەربىيەلەش، تىل مەدەنىيىتىنى ئالماشتۇرۇش، ياش ئۆسمۈرلەرنىڭ ئالماشتۇرۇشى ۋە مەخسۇس تېمىدىكى تەشۋىقات قاتارلىق تۈرلۈك شەكىللەرنى قاپلىدى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر