باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئابىدە بىيو پەن -تېخنىكا تەرەققىيات چەكلىك شىركىتى شىنجاڭ گۇاڭخۇي ئۇچار يولۋاس ئەرلەر ۋاسكېتبول كوماندىسى بىلەن ھەمكارلىق توختامى تۈزدى

2016.01.13 15:01         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 13- يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ( ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز مۇيەسسەر ئاباھامىت خەۋىرى) 2006-يىلى خوتەن دىيارىغا قۇرۇلغان شىنجاڭدىكى ئىچىملىك ساھەسىدە باشلامچى كارخانا ئابىدە بىيو پەن -تېخنىكا تەرەققىيات چەكلىك شىركىتى بۇ يىل مەملىكىتىمىزدە كۆزگە كۆرۈنگەن داڭلىق كوماندا شىنجاڭ گۇاڭخۇي ئۇچار يولۋاس ئەرلەر ۋاسكېتبول كوماندىسى بىلەن ھەمكارلىق توختامى تۈزۈپ ئابىدە ئىچىملىكىنى كوماندىنىڭ بەلگىلەنگەن ئىچىملىكى قىلىپ تاللىدى.

  ئابىدە بىيو پەن -تېخنىكا تەرەققىيات چەكلىك شىركىتى شىركەت قۇرۇلغان توققۇز يىلدىن بۇيان، قاراتمىلىقنى شىركەتنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، گۈللەندۈرۈش، تىجارەتنى تېخىمۇ يۈكسەلدۈرۈشتىن ئىبارەت مۇھىم نۇقتىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، ھەر ساھەدىكى ھەمكارلىق، ئىتتىپاقلىق ئارقىلىق كارخانا ئوبرازىنى تىكلەشكە قارىتىپ بۆسۈش خاراكتېرلىك ئەمەلىي نەتىجە قازىنىپ، بوشاشماي تىرىشىش ئارقىلىق ھەقىقەتەن كىشىنى خۇشال قىلدۇرىدىغان نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، نەچچە يىلدا دىيارىمىزدىكى مىللىي كارخانىلار ئىچىدە تېخىمۇ يۇقىرى ئىناۋەت، ئورۇنغا ئىگە بولۇپ، ئىچىملىك ساھەسىدىكى باشلامچىلىق، سەركىلىك ئورنىنى تىكلىدى. بۇ نەچچە يىلدا شىنجاڭ بازىرىدا بازار قاپلىنىش نىسبىتى ئۈزلۈكسىز ئېشىپ، تىجارەت سوممىسى، ئوبراز قۇرۇلۇشى جەھەتلەردە ئەڭ ياخشى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، ئىچىملىك تۈرىدە دىيارىمىزنىڭ ئابىدەسىگە ئايلاندى. بازارنى يىتەكچى، ئىستىمالچىنى ئاساس قىلغان ئاساستا شىنجاڭ بازىرىدا ئاساسلىق ئورۇندا تۇردى.

  تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر