- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
تۈركىيە ئىسلام دۆلىتىنىڭ ئەزاسى دەپ گۇمان قىلىنغان 33 ئادەمنى قولغا ئالدى
2016.01.12 09:43 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
تۈركىيە تاراتقۇلىرىنىڭ تۈنۈگۈنكى خەۋىرىگە قارىغاندا، تۈركىيە ساقچىلىرى شۇ كۈنى ئىستانبۇل، ئادانا ئۆلكىسى قاتارلىق جايلاردا ئېلىپ بارغان تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ھەرىكىتىدە ئەسەبىي تەشكىلات ئىسلام دۆلىتىنىڭ ئەزاسى دەپ گۇمان قىلىنغان 33 ئادەمنى قولغا ئالغان.
تۈركىيە زۇڭلى مەھكىمىسى بۇندىن بۇرۇن ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتتىن ئايان بولۇشىچە، ئۆتكەن يىلىنىڭ ئالدىنقى ئۈچ پەسلىدە، تۈركىيە ئىسلام دۆلىتىنىڭ 285 ئادىمىنى قولغا ئالغان، پارتلاتقۇچ ياسايدىغان خىمىيىلىك بويۇمدىن 2700 كىلوگرام، بىر راكېتا قويۇپ بېرىش ئەسۋابى، 13 ئېغىر تىپتىكى قورال قاتارلىقلارنى ئولجا ئالغان.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر