باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئېلىمىز تۇنجى قېتىم جۇغراپىيە دۆلەت ئەھۋالىنى ئىگەللىدى

2016.01.13 10:17         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئېلىمىز تۇنجى قېتىم پۈتۈن مەملىكەت جۇغراپىيەسىدە دۆلەت ئەھۋالىنى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈش ۋەزىپىسىنى ئاساسەن ئورۇنداپ، تولۇق قاپلانغان، بىرمۇ يوچۇق قالمىغان، ئەڭ توغرا بولغان ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈش سانلىق مەلۇماتىنى يىغىپ، دۆلەت دەرىجىلىك جۇغراپىيە دۆلەت ئەھۋالى سانلىق مەلۇمات ئامبىرىنى قۇرۇپ، ئېلىمىز جۇغراپىيەسىدىكى دۆلەت ئەھۋالىنى تۇنجى قېتىم تېگى تەكتىدىن ئېنىقلىدى. نۆۋەتتە ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈش ئىستاتىستىكا قىلىش، تەھلىل قىلىش باسقۇچىغا كىردى، ئومۇمي تەكشۈرۈش نەتىجىسى بۇ يىل جەمئىيەتكە ئېلان قىلىنىشى مۇمكىن، بۇنى مۇخبىر تۈنۈگۈن ئېچىلغان مەملىكەتلىك سىزىپ ئۆلچەش جۇغراپىيەلىك ئۇچۇر خىزمىتى يىغىنىدىن ئىگەللىدى، بۇ قېتىمقى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈشتە ئېلىمىزنىڭ تاغ سۇ ئورمان ئېتىزلىق كۆل قاتارلىق تەبىئىي بايلىقى ئامىللىرىنىڭ ئاساسى ئەھۋالى ئېنىقلاپ چېقىلدى بۇ تېرىلغۇ يەر، باغ ۋاران، ئورمانلىق، ئوتلاق، كۆل، دەريا، سۇ ئامبىرى، قۇملۇق ۋە ئوچۇقچىلىقتىكى يەر قاتلىمى، مۇزلۇق ۋە ئۇزۇن يىل يىغىلىپ قالغان قارلىق قاتارلىقلارنىڭ تۈرى، ئورنى، دائىرىسى، كۆلىمى قاتارلىق ئۇچۇرلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، ئىككىنچىدىن ئىنسانلارنىڭ پائالىيىتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك قاتناش تورى، ئاھالىلەر تۇرۇشلۇق جاي ۋە ئەسلىھە، جۇغراپىيەلىك بىرلىك قاتارلىق ئادىمىيەت جۇغراپىيە ئامىلىنىڭ ئاساسى ئەھۋالى ئېنىقلىنىپ، ئۇنىڭ تۈرى، ئورنى، دائىرىسى، ئۇزۇنلۇقى، كۆلىمى ۋە بوشلۇق تارقىلىش ئەھۋالى تۈگەللەندى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر