باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

مائارىپ مىنىستىرلىقى ئوتتۇرا باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ سوغۇقتىن مۇداپئەلىنىش ئىسىنىش خىزمىتىنى ئورۇنلاشتۇردى

2016.01.11 09:32         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مائارىپ مىنىستىرلىقى تور بېكىتى 8-يانۋار ئاخبارات ئېلان قىلىپ مۇنداق دېدى: يېقىندا جايلارغا ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، ئوتتۇرا باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ سوغۇقتىن مۇداپئەلىنىش ۋە ئىسىنىش خىزمىتىنى يەنىمۇ ياخشى ئىشلەپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ قىشتىن بىخەتەر ئۆتۈشىگە كاپالەتلىك قىلىشنى تەلەپ قىلدۇق. ئۇقتۇرۇشتا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: شىمالى رايوندىكى ئوتتۇرا باشلانغۇچ مەكتەپلەر ئوقۇغۇچىلار ئوقۇۋاتقان ۋە ياتاقتا يېتىۋاتقان مەزگىلدە، سىنىپ ۋە ياتاقلارنىڭ تېمپۇراتۇرىسىنى 16 سېلسىيە گرادۇستىن 18 سېلسىيە گرادۇسقىچە ساقلاش، جەنۇبتىكى ئوتتۇرا باشلانغۇچ مەكتەپلەرمۇ بۇزۇلغان ياتاق دېرىزىلىرىنى ئالماشتۇرۇش، رېمۇنت قىلىش خىزمىتىنى ۋاقتىدا ياخشى ئىشلەش كېرەك.

  جايلارنىڭ سۇغۇقتىن مۇداپئەلىنىش ۋە ئىسىنىش شارائىتىغا قارىتا، ئۇقتۇرۇشتا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: شىمالدىكى رايونلار ئىسىنىش خىراجەتلىرىنى بىر تۇتاش پىلانلاپ ئورۇنلاشتۇرۇشى، پار بېرىش ۋاقتى ئۇزۇنراق بولغان رايونلاردىكى مەكتەپلەر، نامرات رايونلاردىكى ئاساسىي ئاجىز مەكتەپلەر، ياتاقلىق مەكتەپلەر، يېزا ئوقۇتۇش نۇقتىلىرىغا خىراجەت جەھەتتە ئېتىبار بېرىشى كېرەك. جەنۇبىي رايونلاردىكى ئوتتۇرا باشلانغۇچ مەكتەپلەر مەكتەپ ياتاقلىرىنىڭ دېرىزىلىرىنى ئالماشتۇرۇش، رېمۇنت قىلىش خىزمىتىنى ۋاقتىدا ياخشى ئىشلىشى، شارائىتى بار رايونلار شۇ جاينىڭ كىلىمات ئەھۋالى، بەرداشلىق بېرىش ئىقتىدارى قاتارلىق ئامىللارغا ئاساسەن، ئوتتۇرا باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ ئىسىنىش خىراجىتىنى ھەل قىلىش مېخانىزىمىنى ئورنىتىپ، سوغۇقتىن مۇداپئەلىنىش ئىسىنىشقا كاپالەتلىك قىلىش تەدبىرلىرىنى ئىلمىي تاللىشى كېرەك.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر