باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

مەملىكەت بويىچە تۆمۈر يول لېنىيەسىنىڭ يۈرۈش خەرىتىسى تەڭشەلدى

2016.01.11 14:35         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 11-يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: جۇڭگو تۆمۈر يول باش ئىدارىسىدىن ئىگىلىنىشىچە، 10-يانۋاردىن باشلاپ، مەملىكەت بويىچە تۆمۈر يولدا يېڭى يۈرۈش خەرىتىسى يولغا قويۇلۇپ، يېڭىدىن 285.5جۈپ يولۇچىلار پويىزى كۆپەيتىلىدىكەن. يۈرۈش خەرىتىسى تەڭشەلگەندىن كېيىن، مەملىكەت بويىچە تۆمۈر يولدا قاتناۋاتقان يولۇچىلار پويىزى ئومۇمىي سانى 3142جۈپكە يېتىدىكەن، بۇنىڭ ئىچىدە تېز پويىز (ئوق پويىز) 1980.5جۈپ ئىكەن.

  يېڭى خەرىتىدىكى يولۇچىلار پويىزلىرى كۈنىگە ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 804مىڭ يولۇچىنى توشۇيدىغان بولۇپ، تەڭشىلىشتىن ئاۋالقى كۈنىگە 750مىڭ كىشىدىن 54مىڭ كىشى ئاشۇرۇلىدىكەن، ئېشىش نىسبىرى %7.2بولىدىكەن. بۇنىڭ ئىچىدە، بېيجىڭ رايونىدىكى تۆت بېكەتنىڭ يېڭى خەرىتىدە بەلگىلەنگەن يولۇچىلار پويىزى 475بولۇپ، 10پويىز كۆپەيتىلگەن، ئوتتۇرىچە كۈنىگە توشۇلىدىغان يولۇچى مىقتارى 473مىڭ كىشىگە يەتكەن.

  تەرجىمە مۇھەررىرى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر