باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئەنگلىيە چاۋشيەننىڭ يادرو سىنىقى قىلغانلىقىنى ئەيىبلىدى

2016.01.11 09:36         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئەنگلىيەنىڭ ئاسىيا ئىشلىرىغا مەسئۇل دىپلوماتىيە دۆلەت ئىشلىرى ۋەزىرى سىخۇئەيىر 7-يانۋار چاۋشيەننىڭ ئەنگلىيەدىكى باش ئەلچىسى شۇئەن خېفىڭنى چاقىرتىپ، چاۋشيەننىڭ خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ قارشى تۇرۇشىغا پىسەنت قىلماي، يادرو سىنىقى قىلغانلىقىنى ئەيىبلىدى. سىخۇئەيىر كۆرۈشۈش ئاياغلاشقاندىن كېيىنكى بىر باياناتىدا مۇنداق دېدى: چاۋشيەننىڭ قىلمىشى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ كۆپ تۈرلۈك قارارلىرىغا خىلاپ، خەلقئارا جەمئىيەت خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ يېڭى قارارىنى تىرىشىپ تۈزمەكتە، ئەنگلىيە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ چاۋشيەنگە يەنىمۇ تەدبىر قوللىنىشىنى قوللايدۇ. سىخۇئەيىر مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئەنگلىيە بىلەن خەۋپسىزلىك كېڭىشىگە ئەزا باشقا دۆلەتلەر 6-يانۋار ئېلان قىلغان بىرلەشمە باياناتىدا، چاۋشيەننىڭ قىلمىشىنى كۈچلۈك ئەيىبلەپ: چاۋشيەننىڭ قىلمىشى چاۋشيەن يېرىم ئارىلى ھەمدە خەلقئارانىڭ تىنچلىقى ۋە بىخەتەرلىكىگە تەھدىت پەيدا قىلدى دەپ ھېسابلىغان ئىدى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر